«شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2025-11-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى قەتئىي يولغا قويۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىش، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيەنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشتىكى مول ئەمەلىيىتى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ قانۇنچىللىق مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ يېڭى تارىخىي يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن زور ئىجادىي خاراكتېرلىك، توپلانما خاراكتېرلىك تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، قانۇنچىللىق يولىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

«شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 12 - ئايدىن 2025 - يىلى 2 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىلغان، ئۇنىڭدا دوكلات، سۆز، نۇتۇق، يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق قاتارلىق جەمئىي 69 پارچە ئەسەر بار. بىر قىسىم ئەسەرلىرى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

«شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى نوپۇزلۇق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.