​شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ

2025-11-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 15 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە گۇاڭدۇڭنىڭ گۇاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

​شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 15 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە گۇاڭدۇڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

شۇ چاغدا، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ، شىنخۇا تورى سۈرەت ۋە يېزىق ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.