«شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2025-11-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسىشى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەشكىللەپ تۈزگەن ماركسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق دەرسلىك «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئومۇمىي بايان» دېيىلدى) ناملىق كىتاب ئالىي مائارىپ نەشرىياتى، خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ، ۋەزىيەتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشى ۋە ئەمەلىيەتنىڭ يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

«ئومۇمىي بايان» مۇقەددىمە ۋە جەمئىي 15 باب تېكىستتىن تەركىب تاپقان، جەمئىي 210 مىڭ خەت ئەتراپىدا بولۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، تارىخى ئورنى، روشەن ئالاھىدىلىكى، ئىلمىي سىستېمىسى، ئاساسىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپى قاتارلىقلار سىستېمىلىق بايان قىلىنغان، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولى ئۈستىدە بوشاشماي ئىزدىنىشىدىن شەكىللەنگەن قىممەتلىك ئىدىيەۋى جەۋھەر ئىكەنلىكى، ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى قوللىنىپ يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىن شەكىللەنگەن مۇھىم نەزەرىيەۋى نەتىجە ئىكەنلىكى، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىز ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ئىكەنلىكى تولۇق چۈشەندۈرۈلگەن. «ئومۇمىي بايان»دا ئەسلىي ئەسەر، ئەسلىي تېكىستكە سادىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئۆگىنىش ۋە پايدىلىنىشتا قۇلايلىق بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىشى، ئىگىلىشىدىكى نۇقتىلىق دەرسلىك، شۇنداقلا كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىدىكى مۇھىم ئوقۇشلۇق.