شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خىزمەت ئورگىنى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «نىزام»نى ئۆزگەرتىشتە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرى مۇستەھكەملىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىغا بولغان سىياسىي تەلەپ كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنى تەسىس قىلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇندى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى «نىزام»نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، «نىزام»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك خىزمەت ئورگىنى «نىزام»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، «نىزام»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئورگان ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان بولۇشتەك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى ۋە ياردەمچىسى بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى يولغا قويۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.
«نىزام»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خىزمەت ئورگىنى نىزامى
(2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا قاراپ چىقىپ تەستىقلاندى، 2017 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئېلان قىلدى، 2025 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۆزگەرتتى، 2025 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئېلان قىلدى)
1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»گە ئاساسەن بۇ نىزام تۈزۈپ چىقىلدى.
2 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئورگان ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان بولۇشتەك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى ۋە ياردەمچىسى بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى يولغا قويۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك.
3 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى جەزمەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك:
(1) پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛
(2) مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛
(3) دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش؛
(4) ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئۆزئارا ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ بىردەك ماسلىشىشىغا، ماس ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛
(5) پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسى ئىچىدە پائالىيەت قىلىش.
4 - ماددا بۇ نىزام مەركەز ۋە يەرلىكتىكى پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىغا تەتبىقلىنىدۇ.
پارتىيە كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىدا تەسىس قىلغان ياكى پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى باشقۇرىدىغان ئورگانلار، مەمۇرىي ئورگان قاتارلىقلاردا تەسىس قىلغان ياكى بۇنىڭ ئىچىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئۈستىگە ئالىدىغان ئورگانلار، پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە يۈرۈشۈشى پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيەنىڭ ئالاقىدار ئىچكى نىزاملىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
2 - باب تەسىس قىلىش
5 - ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەم يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ئېھتىياجغا ئاساسەن بىرقانچە خىزمەت ئورگىنى تەسىس قىلىدۇ، بۇ، ئاساسلىقى بەنگۇڭتىڭ (ئىشخانا)، فۇنكسىيەلىك تارماق، ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى ۋە ئەۋەتىلىدىغان ئورگاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پارتىيەنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇش ياكى بېجىرىشكە مەسئۇل بولىدۇ.
پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى تەسىس قىلىشتا، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش ۋە نورمىلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك.
خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى بىرلەشتۈرۈپ تەسىس قىلىش، بىرلىشىپ ئىش بېجىرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، فۇنكسىيەسى يېقىن كېلىدىغان، ئالاقىسى زىچ بولغان باشقا تارماقلار بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ تەسىس قىلسا بولىدۇ. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەسىس قىلىنغانلىرىنى يەنىلا پارتىيە كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدۇ.
6 - ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خىزمەت ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىرلەشتۈرۈش ياكى ئۆزگەرتىشتە، مەركەز ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇش تارمىقى لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرتىپ بويىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ قارار قىلىشىغا يوللايدۇ.
يەرلىك پارتىيە كومىتېتى خىزمەت ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىرلەشتۈرۈش ياكى ئۆزگەرتىشتە، تەڭ دەرىجىلىك ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلغاندىن كېيىن، بىر دەرىجە يۇقىرى ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ، چوڭ - چوڭ ئىشلارنى بىر دەرىجە يۇقىرى ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ.
7 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى بۆلۈم (نازارەت، كومىتېت، ئىشخانا) ئىشلىرى كومىتېتى بولۇپ، ئادەتتە باش ۋەزىپىدىكىلەر، مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكىلەر، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى ياكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى ھەم باشقا ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ.
پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپە سانى خىزمەت ئېھتىياجى ۋە قاتتىق تىزگىنلەش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ.
پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ باش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپپاراتنىڭ رەھبىرىي ئەزاسى قوشۇمچە ئۆتىسە، كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن ۋەزىپىنى تەسىس قىلسا بولىدۇ.
پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىدا باش ۋەزىپىدىكى رەھبەر ياردەمچىسى، باش كاتىپ تەسىس قىلىنمايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنى تەسىس قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش كېرەك.
8 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى خىزمەت ئېھتىياجى ۋە قابىل، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن زۆرۈر ئىچكى ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىدۇ. ئىچكى ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىرلەشتۈرۈش ياكى ئۆزگەرتىش بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدۇ.
9 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئىشتات نورمىسى ئىچىدە ئورگان خىزمەتچى خادىملىرىنى سەپلەيدۇ.
3 - باب مەسئۇلىيەت
10 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېنىق، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيىتى بىردەك بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ئادەتتە پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ، كونكرېت مەسئۇلىيىتى ئادەتتە ئالاقىدار فۇنكسىيە تەقسىماتى، ئىچكى ئاپپارات، خادىملار ئىشتاتى بەلگىلىمىسى بويىچە ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ.
پارتىيە كومىتېتى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى پارتىيە كومىتېتى خىزمەت ئورگانلىرىغا بەرسە بولمايدۇ.
11 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:
(1) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ؛
(2) يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە خىزمەت ئورگىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ؛
(3) پارتىيە كومىتېتىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى ۋە ياردەمچىسى بولۇپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ؛
(4) بەلگىلىمە ۋە ھوقۇق چېكى بويىچە پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى تۈزۈپ تارقىتىپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ياخشى تۇتىدۇ؛
(5) ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ؛
(6) پارتىيە كومىتېتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە خىزمەت ئورگىنى بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئالاقىدار ئىشلارنى ئۈستىگە ئېلىپ بېجىرىدۇ.
پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار ئورۇنلارغا تەۋەلىك بويىچە رەھبەرلىك قىلىش ياكى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.
12 - ماددا پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى (ئىشخانىسى) پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئۇنىۋېرسال تارمىقى، ئۇ پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى ماسلاشتۇرىدۇ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان كونكرېت ئىشلارنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
13 - ماددا پارتىيە كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەلىك تارمىقى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغان مەسئۇل تارماق بولۇپ، بەلگىلىمە بويىچە نىسپىي مۇستەقىل باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزىدۇ، شۇ سىستېما، شۇ ساھەنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
14 - ماددا پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى مۇھىم ئىشلارنى بېجىرىشىگە ياردەملىشىدىغان ئاپپارات بولۇپ، ئادەتتە پارتىيە كومىتېتىنىڭ ساھە ھالقىغان، تارماق ھالقىغان مۇھىم خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان (تەدبىر بەلگىلەش) كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ دائىملىق ئىش بېجىرىش ئاپپاراتىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ (تەدبىر بەلگىلەش) كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئالاھىدە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا بولىدۇ.
15 - ماددا پارتىيە كومىتېتى ئەۋەتكەن ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئەييەن ساھە، كەسىپ، سىستېمىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئورگان بولۇپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن پارتىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شۇ ساھە، كەسىپ، سىستېمىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.
16 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى مەسئۇلىيەت، ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشى كېرەك.
4 - باب تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىجرا قىلىش
17 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشى، رەھبەرلىك بەنزىسى كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخسلەر ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى شەرت. ئومۇمەن شۇ ئورگاننىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم كېڭىشىش، يىغىندا قارار قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، رەھبەرلىك بەنزىسى كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى كوللېكتىپنىڭ قارارى ۋە ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، دادىل مەسئۇل بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
18 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى بۆلۈم (نازارەت، كومىتېت، ئىشخانا) ئىشلىرى كومىتېتى يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تۆۋەندىكى مۇھىم ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشى كېرەك:
(1) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش؛
(2) يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە خىزمەت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار قارارى، يوليورۇقى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛
(3) شۇ ئورگاننىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئالاقىدار فاڭجېن - سىياسەت ۋە پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى، قانۇن - نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشتىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىش، مۇزاكىرە قىلىش؛
(4) شۇ ئورگاننىڭ مۇھىم تەدبىرلىرى، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش - ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا دائىر مۇھىم ئىشلار، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆپ سوممىلىق مەبلەغنى ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش؛
(5) پارتىيە كومىتېتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە خىزمەت ئورگىنىدىن يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىشقا دائىر مۇھىم ئىشلارنى قاراپ چىقىش؛
(6) شۇ ئورگاننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى مۇھىم ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش؛
(7) باشقا مۇھىم ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش، مۇزاكىرە قىلىش.
19 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، بەلگىلىمە ۋە قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. مۇھىم ئىشلاردا تەدبىر بەلگىلەشتە، ئادەتتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پىكىر ئېلىش، كەسپىي باھالاش، قائىدە ۋە قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەردىن ئۆتكۈزۈپ، بەلگىلىمە بويىچە ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشى بىلەن بىردەكلىكىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.
مۇھىم تەدبىرگە تەۋە بولسا، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش كېرەك.
20 - ماددا بۆلۈم (نازارەت، كومىتېت، ئىشخانا) ئىشلىرى كومىتېتى يىغىنىنى پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش چاقىرىدۇ ھەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى قاتنىشىدۇ. ئاساسلىق مەسئۇل يولداش مەلۇم سەۋەب بىلەن يىغىنغا چاقىرىشقا ئامالسىز قالسا ياكى ئورنى بوش قالسا، باشقا مەسئۇل يولداشقا ياكى پارتىيە كومىتېتى بېكىتكەن مەسئۇل يولداشقا يىغىن چاقىرىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يىغىن چاقىرغۇچى ئالاقىدار خادىملارنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا بېكىتسە بولىدۇ. يىغىننى مەخسۇس خادىملار ئەينەن خاتىرىلەيدۇ، قارار قىلىنغان ئىشلارنى يىغىن خاتىرىسى قىلىپ تۈزۈپ تارقىتىدۇ ھەم بەلگىلىمە بويىچە ئارخىپقا سېلىپ تەكشۈرۈشكە تەييارلاپ قويىدۇ.
21 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى نامىدا ئېلان قىلىنغان ياكى يۇقىرىغا يوللانغان ھۆججەتلەرنى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش ئىمزا قويۇپ تارقىتىدۇ.
22 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈش، باھالاش ۋە قايتما ئىنكاس مېخانىزمى ئورنىتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
23 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۆلۈم باشلىقى (مۇدىر، شۇجى ) ئىش بېجىرىش يىغىنى ئېچىپ، بۆلۈم (نازارەت، كومىتېت، ئىشخانا) ئىشلىرى كومىتېتى يىغىنىدا قارار قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا ۋە مەخسۇس خىزمەتنى مۇھاكىمە قىلىش، مۇزاكىرە قىلىشقا تەشكىللىسە بولىدۇ. بۆلۈم باشلىقى (مۇدىر، شۇجى) ئىش بېجىرىش يىغىنىنى بۆلۈم باشلىقى (مۇدىر، شۇجى) رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچىدۇ ياكى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىشىغا ھاۋالە قىلىدۇ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئالاقىدار ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار ئىچكى ئاپپاراتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتارلىقلار قاتنىشىدۇ. بۆلۈم باشلىقى (مۇدىر، شۇجى) ئىش بېجىرىش يىغىنىدا بۆلۈم (نازارەت، كومىتېت، ئىشخانا) ئىشلىرى كومىتېتى يىغىنىنىڭ ئورنىدا تەدبىر بەلگىلەشكە بولمايدۇ.
24 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى رەھبەرلىك بەنزىسى ھەم ئۇنىڭ ئەزالىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك.
پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى رەھبەرلىك بەنزىسى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى قەتئىي قوغداپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
5 - باب نازارەت قىلىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش
25 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ، پارتىيە كومىتېتىغا ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم خىزمەت ئەھۋالىدىن ئومۇميۈزلۈك دوكلات قىلىدۇ، مۇھىم ئەھۋالغا يولۇققاندا ۋاقتىدا يوليورۇق سورايدۇ، دوكلات قىلىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەم پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەلۇم تۈردىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە قارارىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى مەخسۇس دوكلات قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى چىقارغان نامۇۋاپىق قارارلارنى شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى بىكار قىلىشقا ياكى ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق.
پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلىرى، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى ھەم نازارەت قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك.
26 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى رەھبەرلىك بەنزىسى پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى تەلىپىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ۋە ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكى قاتارلىق تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى پارتىيە تەشكىلاتىغا شەخسىي ئالاقىدار ئىشلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلىشى، مەسئۇلىيىتى ۋە پاكلىق ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىشى، تەشكىلنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
27 - ماددا پارتىيە كومىتېتى ئۆزىگە قاراشلىق خىزمەت ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ باھالىشى، كونكرېت خىزمەتلەرگە پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەشكىلات تارمىقى مەسئۇل بولۇشى، باھالاش نەتىجىسىنى بەلگىلىك دائىرىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
28 - ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىدىن بۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا قىلمىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئەھۋالىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە ئاساسەن، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە سۆھبەتلىشىپ ئەسكەرتىش، تەنقىد - تەربىيە بېرىش، تەكشۈرۈشكە بۇيرۇش، ئاگاھلاندۇرۇش، تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش ياكى پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا قاتارلىق جازالار بېرىلىدۇ.
6 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
29 - ماددا ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ نىزامغا ئاساسەن، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگىنىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىچكى ئاپپاراتلىرى، خادىملار ئىشتاتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئىلمىي تۈزۈپ، تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ھەم شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا يوللاپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى (ئىشخانىسى) ھۆججىتى شەكلىدە بېسىپ تارقىتىشى كېرەك.
30 - ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بۇ نىزامغا ئاساسەن، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تۈزسە بولىدۇ.
31 - ماددا بۇ نىزامنى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت ئاپپارات ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى بىلەن كېڭىشىپ چۈشەندۈرىدۇ.
32 - ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.