شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى

2025-12-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2025 - يىل 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(55 - نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 - يىغىنىدا 2025 - يىل 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2025 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

2025 - يىل 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى

مۇندەرىجە

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 - باب پىلانلاش ۋە قۇرۇش

3 - باب تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش

4 - باب مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش

5 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

6 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايون پورت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 - ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

3 - ماددا پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، تۈزۈم ئارقىلىق يېتەكلەش، ئەۋزەللىك يېتىلدۈرۈش، ئىچكى - تاشقى جەھەتتە تەڭ ھەرىكەتلىنىش، ماس تەرەققىي قىلىش، ئېچىۋېتىش بىخەتەر بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال سىڭىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشقا ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەر بىلەن ماسلىشىش، تەڭ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

4 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پورت خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، پورتنىڭ توپلاش - تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمە بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

پورت بار جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

5 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات مەسئۇل تارمىقى پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن پورت باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق (تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇپ پورت مەسئۇل تارمىقى دېيىلىدۇ) پورت باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

مالىيە، سودا ئىشلىرى، تەبىئىي بايلىق، قاتناش - تىرانسپورت، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

تاموژنا، چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش قاتارلىق پورتتىكى تەكشۈرۈش - پىرىيوم ئاپپاراتى پورتتا تەكشۈرۈش - پىرىيوم قىلىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەپ، پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

6 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي تەدبىر بەلگىلەشكە مەسلىھەت بېرىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئاپپاراتى قاتارلىقلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە تەتقىقات ۋە زور ئىجادىي تەدبىرلەرنى دەلىللەشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەقلىي مەدەت ۋە تەدبىر پايدىلانمىسىغا ئىگە قىلىدۇ.

7 - ماددا پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

2 - باب پىلانلاش ۋە قۇرۇش

8 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى رايون ئالاھىدىلىكى، بايلىق ئەھۋالى، كەسىپ ئاساسى ۋە قاتناش ئەۋزەللىكى قاتارلىق ئامىللارنى ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى پىلانلاپ، پورتنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىشى، پەرقلىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پورت ئىقتىسادى بىلەن مەركىزىي رايوندىكى شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ماس ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

9 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، پورت مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايوننىڭ پورت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلانىنى ئايرىم - ئايرىم تۈزۈشى؛ پورت بار جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) ئېھتىياجغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ پورت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلاننى تەشكىللەپ تۈزۈشى كېرەك.

پورت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلان زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك كەسىپ تەرەققىياتى، ئېكولوگىيە - مۇھىت، سۇ بايلىقى قاتارلىق يىرىك پىلانلار بىلەن جىپسىلىشىشى ھەمدە بەلگىلىمە، تەرتىپ بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇلۇشى كېرەك.

10 - ماددا پورت بار جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) پورتتا تەكشۈرۈش ئۇل ئەسلىھەسى، مال تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەيدانى قاتارلىقلارنى قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

11 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پورت ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پورتنىڭ قاتناش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

12 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە قاتناش - تىرانسپورت، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق تارماقلار ۋە ئورۇنلار چېگرا ھالقىغان يول قۇرۇلۇشىنى ۋە پورت قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، توشۇش، ئامباردا ساقلاش، ئوراش - قاچىلاش، ئوبوروت قىلىش - پىششىقلاش، تەقسىملەش - يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدە قىلىنغان بىر تۈركۈم زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت بازىسى ۋە ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇپ، پورتنىڭ يىغىش، تارقاقلاشتۇرۇش، توشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

13 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، پورتنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، پورت بۇلغىما رايونىنى تۈزەش، پار بېرىشنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق بازا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشى كېرەك.

14 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەم تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، رەقەملىك تەرەققىيات، قاتناش - تىرانسپورت، سودا ئىشلىرى، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق تارماقلار ۋە ئورۇنلار پورت ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ئاساسىي سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى مەركەزلىك ساقلاش، ئورتاق بەھرىلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، توردا سودىلىشىش، چىقىم قىلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى قىلىش ۋە سودا سانلىق مەلۇماتىنى قېزىش، باھا يېتەكچىلىكى قىلىش، ئىناۋەتنى باھالاش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشكەن ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشى كېرەك.

15 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پورتنىڭ، شۇنىڭدەك چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، تۇرالغۇ، دوختۇرخانا، مەكتەپ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك يانداش ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ، پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئاساسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

16 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىغا ھەم ئېچىش - ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر - بازارلارنىڭ بوشلۇق جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خاسلىققا ئىگە پورت شەھىرىنى تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

17 - ماددا ئاپتونوم رايون بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ پورت ئىقتىسادىنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتناش، ئېنېرگىيە، ئۇچۇر، سۇچىلىق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدىلەشكەن ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ.

3 - باب تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش

18 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پورت، يول ۋە تۈرلۈك ئېچىش - ئېچىۋېتىش ۋاسىتىلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پورت ئامىلىنىڭ توپلىنىش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، پورت تۈرتكە بولىدىغان، مەركىزىي رايون تىرەك بولىدىغان، چېگرا رايون بىلەن مەركىزىي رايون ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئەندىزە شەكىللەندۈرۈپ، پورت سودىسى بىلەن كەسىپ تەرەققىياتى، شەھەر - بازار قۇرۇلۇشىنىڭ بىر - بىرىگە ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

19 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەۋقەنى بايلىق ئەھۋالىغا قويۇپ، پورت ئىقتىسادىنىڭ كەسىپ جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرى خەلقئارا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا ئىچى - سىرتى، يۇقىرى - تۆۋەن ھالقىلاردىكى كەسىپلەرنىڭ ھەمتۈرتكە تەرەققىياتىغا، توپلاشما تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، رايونلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەرقلىق، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر سىستېمىسى بەرپا قىلىشى كېرەك.

20 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پورت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى، يېشىل كانچىلىق ۋە پىششىقلاش، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر، ئاشلىق - ياغ ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېشىل چارۋا مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مېۋە - كۆكتات، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشى كېرەك.

21 - ماددا ئاپتونوم رايون جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، چېگرا بويىدىكى نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى، يېزا ئىگىلىكىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق سىناق رايونى قاتارلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ سىياسەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پىششىقلاش سودىسى، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، تاشقى سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى كارخانا ۋە تۈرلەرنى ماكانلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىپ، پورت ئىقتىسادىنىڭ يول ئىقتىسادىدىن كەسىپ ئىقتىسادىغا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

22 - ماددا چېگرا ئاھالىسى سودا رايونى بار جايدىكى ئوبلاستلىق (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) چېگرا ئاھالىسىنىڭ ئۆزئارا سودىغا قاتنىشىشىنى تەشكىللەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى، چېگرا ئاھالىسى سودا بازىرىنىڭ سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىشى، چېگرا ئاھالىسى سودا بازىرىنىڭ سودا تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە چېگرا ئاھالىسى سودا بازىرىدا ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنى ئۆز جايىدا پىششىقلاش سىناق نۇقتا خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، خاس پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

23 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) ئىچكى - تاشقى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، باشقا ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەردىكى پورتلار بىلەن بولغان رايون ھالقىغان ھەمكارلىق مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلىرى بىلەن پورت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان تاموژنا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئىسپات بېرىش - ئېتىراپ قىلىش، ئۆلچەم - ئۆلچەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ماس ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

24 - ماددا چېگرا ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىش، قوشۇۋېلىش، پاي قوشۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئېنېرگىيە بايلىقى، يېڭى ماتېرىيال، خاس تېببىي دورا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىقى قاتارلىق ساھەلەردە سېلىنما ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

25 - ماددا كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ پورتتا ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى، ئىگىلىك تىكلەش مەركىزى قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى كارخانا يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

26 - ماددا ساھە جەمئىيىتى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىق جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، جۇڭگو ئاسىيا − ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆرگەزمە سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار، قانۇن ئەمەلىي ھەرىكىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

4 - باب مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش

27 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر خىل تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ھەر خىل تىجارەتچىلەرنىڭ مەبلەغ، تېخنىكا، ئادەم كۈچى، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىدىن قانۇن بويىچە باراۋەر پايدىلىنىشىنى، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

28 - ماددا پورت بار جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، مەمۇرىي مۇلازىمەت ئىشلىرىنى بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى ئەلا، قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

29 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پورتتا ھەق ئېلىش مۇندەرىجىسى تىزىملىكىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش ۋە ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پورتتا ھەق ئېلىشنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى؛ ئىمپورت - ئېكسپورت ھالقىسىدىكى ھەق ئېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت ھالقىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

30 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، كارخانىغا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى ئېنىقلاپ ھەمدە ئېلان قىلىپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، تەكرار تەكشۈرۈش، كۆپ تەرەپتىن تەكشۈرۈش، خالىغانچە تەكشۈرۈش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

31 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، پورتتىكى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، پورت يۈرۈشتۈرۈش ئورنى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىلىرىدىكى ھەمتۈرتكىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىگە ۋە پورتنىڭ يۈرۈشۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، چېگرا ھالقىغان سودىنىڭ قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق، پورت بار جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە)نىڭ پورت مەسئۇل تارمىقى پورتتىكى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇشى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

پورتتىكى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى كەسىپ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خادىم ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمەت ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ۋاقتىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

32 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، پورت بار جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە)نىڭ پورت مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماق، پورتتىكى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، پورت يۈرۈشتۈرۈش ئورنى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارا سودىدىكى يەككە كۆزنەككە تايىنىپ، ئالاقە تورى، نەرسە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، ئاقىل پورت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پورت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ۋە مۇلازىمەتنى رەقەملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇچۇرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ۋە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

33 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى چەت ئەل سودىگەرلىرىگە سېلىنما ئىجازىتى بېرىشتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلىگە پاسسىپ تىزىملىك قوشۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسىدا پاسسىپ تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ئامىلغا ئېرىشىش، ساپا ئىجازىتى ئېلىش، ئۆلچەم تۈزۈش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پۇقراۋى مۇئامىلىسىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قاتنىشىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

34 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى سېلىنمىنى باشقۇرۇش - مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، سودا ئىشلىرى، پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ، چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىش سىياسىتى، پۇل مۇئامىلە، قانۇن ئەمەلىي ھەرىكىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كەسپىي بىلىم بويىچە تەربىيەلەپ، چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان كارخانىلار ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەلگە ئەۋەتكەن خادىملىرىنى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا يېتەكلىشى كېرەك.

35 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پورت قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئائىت مالىيە، كەسىپ، يەر سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ ھەمدە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پورت قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى پورت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىشى ۋە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

36 - ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، پورت ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى، كەسىپ جەھەتتە ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن چېگرا ھالقىپ راسچوت قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىش - مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە مەدىتىگە ئىگە قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

37 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، تەربىيەلەش، ئىشلىتىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار ئىشقا ئورۇنلىشىش - ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، خەلقئارا سودا، پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە، قانۇن مۇلازىمىتى جەھەتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھام بېرىشى ۋە جەلپ قىلىشى كېرەك.

38 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پورتتا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - بىرلىشىپ تىزگىنلەش خىزمىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پورتنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى كۆزىتىش - سىگنال بېرىش، تەھلىل قىلىش - ھۆكۈم قىلىش، قوماندانلىق قىلىش - ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

39 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇھىم خەلقئارالىق يىغىن، چوڭ - چوڭ خەلقئارالىق مۇسابىقە، چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق كۆرگەزمە قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمەت كاپالىتى مېخانىزمى بەرپا قىلىشى ھەمدە مۇھىم پائالىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەخسۇس خىزمەت لايىھەسىنى تەشكىللەپ تۈزۈپ، مۇھىم پائالىيەتتە تاموژنىدىن بىخەتەر، قولاي ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

40 - ماددا پورت بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، قاتناش - تىرانسپورت، گۇڭئەن قاتارلىق تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە، يىغىش، تارقاقلاشتۇرۇش، توشۇشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پورت قىستاڭچىلىقىنى تۈزەپ، كىرىش - چىقىش راۋانلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

چېگرا پورتى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قوشنا دۆلەت رايونلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پورتتىكى چېگرا ھالقىغان يىغىش، تارقاقلاشتۇرۇش، توشۇش مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، پورت يۈرۈشۈشىنىڭ راۋانلىقىنى بىرلىكتە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

5 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

41 - ماددا پورت باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار مەمۇرىي ئورگان پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان بولسا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

42 - ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزام ئىجرا قىلىنىدۇ.

6 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

43 - ماددا بۇ نىزام 2025 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)