شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2026 - يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
2026 - يىلى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان باشلىنىدىغان يىل. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ خۇشال - خۇرام، تىنچ - ئامان، ئىناق بايرام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز.
بىرىنچى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، يار - يۆلەك بولۇش، يوقلاش، ھال سوراشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشى ۋە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىشى كېرەك. قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پۇلىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىپ بېرىش كېرەك، شارائىتى بار جايلار قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پۇلىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تارقاتسا ياكى بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىپ تارقاتسا بولىدۇ. ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، تاسادىپىي، جىددىي قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ۋاقتىدا كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا قىش ۋە ئەتىيازدا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، مېيىپلەر، قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلار قاتارلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا زىيارەت قىلىش، ھال سوراش ۋە غەمخورلۇق قىلىش، يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. «زىمىستان قىشتا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» مەخسۇس قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش قىش پەسىللىك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك. كارخانىلارغا يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇلىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ۋە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە، بولۇپمۇ شارائىتى جاپالىق رايونلاردا ۋە جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپە ئورۇنداش بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىش كېرەك. تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پىدائىي قىسىمنىڭ پېشقەدەم جەڭچىلىرى، ئارمىيەدىن قايتقان پېشقەدەم ھەربىيلەر، ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، مېيىپ ھەربىيلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىقلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ يوقلاش، ئۇلاردىن ھال سوراش كېرەك.
ئىككىنچى، بازار تەمىناتىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆمۈر، توك، ماي، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، تىرانسپورتقا كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش ۋە كۆكتاتقا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە، كۆكتات قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، كۆپ خىل ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتىدىكى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە بازاردا سېتىلىدىغان يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى»نى چىڭ ساقلاش كېرەك. يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، باھار بايرىمىلىق تاۋار قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر نۇقتىلىق ساھەلەردە باھا ۋە ھەق ئېلىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، باھانى بىردىنلا ئۆستۈرۈۋېلىش، باھا ئالدامچىلىقى قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. تور سودىسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئەرز قىلىش، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش كېرەك. «باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، «باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈش» باش تېمىلىق پائالىيىتىنى، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارقىلىق باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش . جۇڭگو باھار بايرىمىنى ھېس قىلىش» باش تېمىسىنى كېڭەيتىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز − مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش»، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا، سەھىيەدىن ئىبارەت «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئارمىيە - خەلق ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىپ، ساياھەت سۈپىتى ۋە ساياھەت تەسىراتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمال ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەك. تارماق ھالقىپ قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى قوغداش كېرەك.
تۆتىنچى، ئاممىنىڭ تىنچ - ئامان، قولايلىق سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يولۇچىلار ئېقىمىغا ھەرىكەت ھالىتىدە ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق رايون، قىزىق نۇقتىلىق لىنىيەلەردە يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە توشۇش كۈچى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇش كېرەك. چوڭ بايرام، دەم ئېلىش مەزگىلىدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن يول ھەققى ئالماسلىق سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يوللاردىكى توسۇقلارنى راۋانلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، توك قاچىلاش، ماي قاچىلاش، غىزالىنىش، ھاجەتخانىغا بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىشلەمچىلەر، ئوقۇغۇچىلار، ساياھەتچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەربىيلەر، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە ھازىر ۋەزىپە ئۆتەشتىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەر، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ سەپەرگە چىققاندا قانۇن بويىچە ئالدىن ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناچار ھاۋارايى، يولۇچىلار تۇرۇپ قېلىش، خەتەرلىك ئەھۋال، ھادىسە كۆرۈلۈش قاتارلىق تاسادىپىي ئەھۋاللارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، كۆۋرۈك - تونېل قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، «ئۈچنى نورمىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، چارچاپ ھەيدەش»، قانۇنسىز تىرانسپورت تىجارىتى قىلىش، يېزىلاردىكى «ئىككىگە خىلاپلىق قىلىش» قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
بەشىنچى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، تۈرلۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت دەل جايىدا ئەمەلىيلەشمەسلىك، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرگەندە شەكىلۋازلىق قىلىش، تۈزىتىش - تۈزەشنى شەكىل ئۈچۈنلا قىلىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك. كونا تۇرالغۇ، ئېگىز قەۋەتلىك ئىمارەت، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش، ئالقىشقا ئېرىشكەن مەنزىرە نۇقتىسى، سودا ساراي - بازار، مېھمانخانا - ئائىلىۋى مېھمانخانا، ئاشخانا - رېستوران، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتى، زاۋۇت ئۆيى - ئامبار قاتارلىق نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلاردىكى ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. پوجاڭزا - ساليۇت، كان، يېقىلغۇ گاز، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشى، بېلىقچىلىق كېمىسى قاتارلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ساياھەتكە ئالاقىدار ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يولۇچى توشۇش ئاسما يولى، چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆرگەزمە قىلىش - كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى، مياۋخۇي - پانۇس سەيلىسى، ساليۇت كېچىلىكى، چىراغ كۆرگەزمىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى خەۋپ - خەتەر بويىچە باھالاش ۋە بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار - يامغۇر، مۇز قېتىش ۋە مۇز تاشقىنى ئاپىتى، ئورمان - ئوتلاق ئوت ئاپىتىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، خەۋپ - خەتەرنى ئەسكەرتىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. بىخەتەرلىك بويىچە تەشۋىق - تەربىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەردىن ساقلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويۇش - داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ئالتىنچى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۈرلۈك زىددىيەت، ماجىرالار ۋە يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى تور يېيىش شەكلىدە بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلار ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىش، تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ تۈرلۈك مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۈگىتىش كېرەك. «ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق»، «شەھۋانىيلىق، قىمار، زەھەر»، «يېمەكلىك، دورا، مۇھىت» قاتارلىقلارغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ئامانلىق يوشۇرۇن خەۋپى ۋە قاراڭغۇ نۇقتىلارنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئاۋات سودا چەمبىرىكى، ساياھەت مەنزىرە رايونى، ئاممىۋى قاتناش - مېترو، بېكەت، ۋوگزال - ئايرودۇرۇم، مەكتەپ - دوختۇرخانا، باغچە - مەيدان قاتارلىق ئادەم زىچ توپلاشقان مەيدان - سورۇنلاردا بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورا، خەتەرلىك، پارتلايدىغان بۇيۇملار، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب قاتارلىق نۇقتىلىق بۇيۇملارنى بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. جەمئىيەت قاتلىمىدىن چارلاش، ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، گۇڭئەن، قوراللىق ساقچى قىسىم بىرلىشىپ ۋەزىپە ئۆتەش، چارلاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، چەكتىن ئاشقان ۋەقەلەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جەمئىيەت ئاممىۋى پىكىر ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، خەۋپ - خەتەرگە ھۆكۈم قىلىش ۋە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى پائال، پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك.
يەتتىنچى، «تۆت خاھىش»نى داۋاملىق تۈزەش، يېڭى ئىستىل تىكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىنى چىڭىتىپ، تېجەشلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق، ئادەمگەرچىلىك جەھەتتە بەسلىشىش، ھەشەمەتلىك دەپنە قىلىش، ھايات ۋاقتىدا ھالىدىن خەۋەر ئالماسلىق قاتارلىق ناچار ئادەتلەرنى توسۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، باھار بايرىمى ئۆتكىلىگە چىڭ قادىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يەپ - ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل بېرىش - ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بايلىق توپلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناتوغرا ئىستىللارنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىقتىسادچىل بولۇش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىقنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا ئەپلەپ - سەپلەپ ئىش كۆرۈش، سانلىق مەلۇماتنى مەلۇم قىلىشتا ساختىپەزلىك قىلىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا رەسمىيەتچىلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ تۈزەش كېرەك. ھۆججەت، يىغىن سانى كۆپ، ئۈنۈمى ناچار بولۇش، خىزمەتنى خۇلاسىلەش ۋە ئالغا سىلجىتىش نامىدا ئاساسىي قاتلامغا خالىغانچە ۋەزىپە چۈشۈرۈش، ماتېرىيال يوللاشنى كۆپ تەرەپتىن قايتا - قايتا تەلەپ قىلىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش زىيادە كۆپ بولۇش، قايتا - قايتا بولۇش قاتارلىق ھادىسىلەرنى قەتئىي تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىگە قارشى تۇرۇپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنى ئالغا ئىنتىلىشكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە يېتەكلىشى كېرەك.
سەككىزىنچى، نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىك قىلىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. 24 سائەت مەخسۇس ئادەم نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئىش ئورنىدا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىش، سىرتقا چىقماقچى بولسا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، نۆۋەتچىلىك كۈچىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە يولۇققاندا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورۇنلار بايرام مەزگىلىدە نۆۋەتچىلىك قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەم مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ھەم شەكىلۋازلىق مەسىلىسى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك. يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىش، چالا مەلۇم قىلىش، يالغان مەلۇم قىلىش، مەلۇم قىلماي يوشۇرۇشنى قەتئىي توسۇش كېرەك.
ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.