چوڭ تىپتىكى مەخسۇس تېمىلىق پىروگرامما «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئوقۇپ چۈشەندۈرۈش» پات ئارىدا كۆرسىتىلىدۇ

2026-01-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسىئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇش. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە سەككىز قىسىملىق چوڭ تىپتىكى مەخسۇس تېمىلىق پىروگرامما «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئوقۇپ چۈشەندۈرۈش»نى ئىشلەپ تارقاتتى. پىروگراممىدا دىققەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «دەۋر تېمىسى» «ئىدىيە يېتەكچىلىكى» «قانۇن ئارقىلىق جاھاننى خاتىرجەم قىلىش»تىن ئىبارەت ئۈچ سەھىپە تەسىس قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى رەھبىرىي كادىرلار، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئوقۇپ چۈشەندۈرگۈچى ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيەت مىساللىرىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى جانلىق نامايان قىلىنىپ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش ئۈچۈن قويۇق قانۇنچىللىق كەيپىياتى يارىتىلىدۇ.

پىروگرامما 2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى كەچ سائەت 8دە باش ئىستانسىنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال قانىلىدا تۇنجى كۆرسىتىلىدۇ، جەمئىيەت ۋە قانۇن قانىلىدا ئەتىسى كەچ سائەت 8دە قايتا كۆرسىتىلىدۇ ھەم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سىن سۇپىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ماس قەدەمدە كۆرسىتىلىدۇ.