چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مەخسۇس تېمىلىق قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىكى كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايون 2025 - يىللىق مەخسۇس تېمىلىق قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى. مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.
يىغىندا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، كۇچا شەھىرى، سانجى شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەرتىپ بويىچە قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بەردى، چېن شياۋجياڭ بىر - بىرلەپ باھا بەردى. ئاپتونوم رايوندىكى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن يازما مەلۇمات بەردى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لارنى چىڭ تۇتۇپ، «1 - مەسئۇلىيەت»نى چىڭىتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىكى كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن بويىچە چەكلەشكە قارشى تۇرۇپ، ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇپ، «ئۇزۇن قوللۇق قىلىپ باشقۇرۇش»قا قارشى تۇرۇپ، بىخەتەر، مۇقىم بولغان ئىچكى - تاشقى مۇھىتنى كۈچەپ يارىتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قانۇنچىللىق يولىدا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر يەرلىك نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەر، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرگە دائىر نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان قانۇنچىللىق ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشقا بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىغا ھەربىر قانۇن - تۈزۈم، ھەربىر قانۇن ئىجرا قىلىش قارارى، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇننى تەتبىقلاپ، قانۇنچىللىق يولىدا مەسىلىلەرنى ئويلاشقا، تەدبىر بەلگىلەشكە، ئىش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا چەكلىمە ئاستىدا ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، نازارەت قىلىش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش، قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش خىزمىتى نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قوللاش، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ئورتاق تۇتىدىغان، ئورتاق باشقۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولغان يۇقىرى ساپالىق قانۇنچىللىق خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بەرگەن يولداشلارغا قارىتا دېموكراتىك باھالاش ئېلىپ بېرىلدى.
تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ گاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى ۋە ئادۋوكاتلار، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ھەم يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.