پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن پىكىر - تەكلىپ توپلاش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 2026 - يىلى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تۆۋەندىكى ئون ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويۇش قارار قىلىندى:
1. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا غەمخورلۇق قىلىش، يار - يۆلەك بولۇش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ. دىققەت ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا غەمخورلۇق قىلىش، يار - يۆلەك بولۇش بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىلدا شەھەر - بازارلاردا 470 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تىزىملانغان ئىشسىزلاردىن 160 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلاردىن 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنى شۇ قاراردا پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يىل ئاخىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش يۆنىلىشىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يار - يۆلەك بولۇش، مەدەت بېرىش كۈچەيتىلىدۇ. ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم پۇلى قاتارلىق تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ؛ ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئاز دېگەندە 100 مەيدان ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاز دېگەندە 20 مىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىنىدۇ؛ «ياشانغانلار، بالىلار» قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسىپ(ئىش تۈرى)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسىپ، ساھە ئايرىلغان كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىلدا 600 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلىنىدۇ؛ ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان كۈنلۈك ئىشلەمچىلەر بازىرىدىن 32سى ھەم مۇلازىمىتى قولايلىق كۈنلۈك ئىشلەمچىلەر پونكىتىدىن 35ى يېتىشتۈرۈلىدۇ ۋە ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. ئەمگەك مۇھاپىزىتى ۋە مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى تەرتىپىنى ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىش مەخسۇس ھەرىكىتى سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش سالمىقى زورايتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى تۈرلۈك كەمسىتىشلەر قەتئىي تۈزىتىلىدۇ؛ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى خادىملارنى كەسپىي زەخىم جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پونكىتى، شوپۇرلار ئائىلىسى، ھەمبەھرىلىنىدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئائىلىسى، ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىقلارنى قۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسى قەلبنى ئىللىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
2. قەلبنى ئىللىتىپ، ياشانغانلارنى ئاسراش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ. شەھەر - يېزىلاردىكى ئۈچ دەرىجىلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ياشانغانلارنى ئائىلىدە كۈتۈش بويىچە «15 مىنۇتلۇق» مۇلازىمەت چەمبىرىكىنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىدۇ؛ 50 ئۇنىۋېرسال ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى، رايون ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى ۋە كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىدە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ 5000 ئائىلىلىك ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار ئائىلىسىگە قارىتا ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلىدۇ؛ 2000 ئائىلىلىك ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان، ھاجىتىدىن قىسمەن چىقالمايدىغان ياشانغانلارغا قارىتا ئائىلىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش كارىۋات ئورنى تەسىس قىلىنىدۇ؛ 3000 ئائىلىلىك ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارغا قارىتا «ئالتۇن رەڭلىك كەچكى شەپەق» تۈرى يولغا قويۇلۇپ، ئائىلىلەرگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ. داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت تەمىناتى زورايتىلىدۇ. سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پەرۋىش قىلىش، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش مۇلازىمىتى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 65 ياش ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى 210 مىڭدىن ئارتۇق ياشانغان كىشى قان بېسىمى، قان شېكىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ؛ 65 ياش ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئائىلىدە تۇرۇۋاتقان ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان 55 مىڭ ياشانغان كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سالامەتلىكىنى باھالاش ۋە مۇلازىمەت قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ. شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلۈپ، شارائىتى بار كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇشقا ياردەم پۇل بېرىشىگە تۈرتكە بولۇنىدۇ. بىخەتەرلىك بويىچە ياشانغانلارغا نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئېگىز قەۋەتلىك تۇرالغۇلاردىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار ئائىلىسىنىڭ ھەربىرىگە بىردىن مۇستەقىل شەكىلدىكى ئىس - تۈتەككە سېزىمچان ئوت ئاپىتىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئورنىتىپ بېرىلىدۇ، يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە تۆت قېتىم ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، تەشۋىق قىلىش مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەتراپتىكى ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىشكە ياردەم بېرىلىدۇ.
3. پەرزەنتلىك بولۇش، بېقىشتا خاتىرجەم بولۇش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ. پەرزەنتلىك بولۇش مۇلازىمىتى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىنكى «بىر ئىش» يولغا قويۇلۇپ، تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى، نوپۇس، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى «بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىلىدۇ»؛ پەرزەنتلىك بولۇش ياردەم پۇلى تەرتىپ بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا بىۋاسىتە تارقىتىپ بېرىلىدۇ. بالا بېقىش ياردەم پۇلى تۈزۈمى پۇختا يولغا قويۇلىدۇ. قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا تۇغۇلغان ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار ۋە بالىلارغا بالا بېقىش ياردەم پۇلى تارقىتىلىپ، ياردەم پۇلنى شەخسلەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمى ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. «كىچىك بالىلار»نى كۆپ خىللاشقان ھاۋالىلىك بېقىش ئېھتىياجىغا قارىتا، شارائىتى بار رايونلارنىڭ ھازىر بار بولغان ھاۋالىلىك بېقىش ئورنىدىن بىرتۇتاش ياخشى پايدىلىنىش ئاساسىدا، كەسپىي ئاپپاراتلار ھاۋالىلىك بېقىش، مەھەللە گىرەلەشمە شەكىلدە ھاۋالىلىك بېقىش، ئورۇنلار ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى قۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پۈتۈن كۈنلۈك ھاۋالىلىك بېقىش، يېرىم كۈنلۈك ھاۋالىلىك بېقىش، ۋاقىت ھېسابلىنىدىغان ھاۋالىلىك بېقىش، ۋاقىتلىق ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە مەدەت بېرىلىدۇ. بالا سۆيەر مەھەللە قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتا «بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش - پەرۋىش قىلىش كاپالەتكە ئىگە بولغان، بالا سۆيەر بوشلۇق بىخەتەر، مەنپەئەتلەنگىلى بولىدىغان، بالىلارنىڭ قاتنىشىشى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك بولغان» بالا سۆيەر مەھەللىدىن 100ى بەرپا قىلىنىدۇ.
4. ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئاساس مائارىپ بويىچە ئەلا سۈپەتلىك بايلىق تەمىناتى زورايتىلىدۇ. مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئەلا سۈپەتلىك مەكتەپتىن ئاز دېگەندە 400ى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى يېڭىدىن %10 كۆپەيتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى 2025 - يىلىدىكىدىن %5تىن كۆپرەك ئاشۇرۇلىدۇ. ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يانغا ئېگىلىپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، تىزگىنلىنىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 4 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا «ئومۇرتقا تۈۋرۈكى» تۈرى بويىچە تاسقاپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ. تاسقاپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئارقىلىق شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئارىلىشىش ئوبيېكتلىرى ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تەكشۈرۈش - باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يانغا ئېگىلىپ قېلىشنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى بويىچە ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسى تۈزۈلۈپ، ئىختىيار قىلغانلارغا قارىتا ئارىلىشىپ داۋالاش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ساغلاملىقى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا غەمخورلۇق قىلىنىدۇ. 4 - يىللىق ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى يىللىقتىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلەنگەن بىر قېتىم پىسخىك ساغلاملىقنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، پىسخىك ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار ھەم ئاتا - ئانىلار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى، پىسخىك ساغلاملىقى بويىچە مەسلىھەت بېرىش، خەۋپكە ئارىلىشىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ھەم ئاتا - ئانىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىق ساپاسى ئۆستۈرۈلىدۇ. «مەكتەپ تامىقى»نى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. «مەكتەپ تامىقى»نىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئاقىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار تامىقىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ.
5. مېيىپلەرگە غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنى پەرۋىش قىلىش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش شارائىتى ياخشىلىنىپ، 300 مىڭ مېيىپكە نەپ يەتكۈزۈلىدۇ. 2000 نەپەر قىيىنچىلىقى بار، ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەر ئائىلىسىنى توسالغۇسىز قىلىپ ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلۇپ، مېيىپلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىشى قىيىن بولۇش، ھاجەتخانىغا كىرىشى قىيىن بولۇش، يۇيۇنۇشى قىيىن بولۇش، تاماق ئېتىشى قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلىرى ھەل قىلىنىدۇ. 3000 نەپەر 0 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش ئىقتىدارى، سۆزلەش ئىقتىدارى، پۇت - قولى، ئەقلىي ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە مېيىپ بولغان بالا ۋە تەنھالىق كېسىلى بار بالا ئوپېراتسىيە قىلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىش، ياردەمچى سايمانلارنى مۇۋاپىق سەپلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ. مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىنىپ، يېڭىدىن 4500 مېيىپ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
6. ئەمىن تاپتۇرۇپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ. شەھەر - بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئالغا سىلجىتىلىدۇ. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، باغچە رايونىدىكى كارخانىلار قاتارلىق بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنى تەشكىللەپ، يېڭىدىن سېلىش، قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، 2026 - يىلى 24 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي توپلىنىپ، شەھەرلەردىكى يېڭى شەھەر ئاھالىسى، ياشلار قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇلىدۇ. كاپالەتلىك ئىجارە ئۆيلەرنى پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، تۇرالغۇ كاپالىتى خىزمىتىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى قاتارلىق شەكىللەردە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان تۈرلۈك ئەمگەكچىلەر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تۈزۈمى كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. شەھەر يەر ئاستى تۇرۇبا تورىنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلىدۇ. 1900 كىلومېتىر كېلىدىغان يەر ئاستى تۇرۇبا تورى يېڭىلىنىدۇ، ئۆزگەرتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە: ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى 450 كىلومېتىر، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورى 1200 كىلومېتىر، سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى 250 كىلومېتىر.
7. خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئىستېمال ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش زورايتىلىدۇ. دۆلەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» مەبلەغ مەدىتى، ئاپتونوم رايوننىڭ %5لىك يۈرۈشلەشكەن مەبلەغ مەدىتى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدۇ؛ شەخسلەر ئىستېمال قەرز پۇلىغا مالىيەدىن ئۆسۈم ياردىمى بېرىش قانات يايدۇرۇلۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسلەر ئىستېمال قەرز پۇلىنىڭ دىرىغا %1لىك ئۆسۈم ياردىمى بېرىلىپ، ئاممىنىڭ ئىستېمال يۈكىنى يېنىكلىتىش، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىلىدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، تور سىرتىدا مال سېتىۋالغاندا سەۋەبسىز مال قايتۇرۇشقا ۋەدە قىلغان ئورۇنلاردىن 500ى، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ئورۇنلاردىن 1000ى، ODR كارخانىسىدىن 180ى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ. بالىلار بۇيۇملىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە قارىتا، توردا ۋە تور سىرتىدا كەسىپلەشكەن، قېلىپلاشقان تاۋارلارنى سېلىشتۇرۇپ سىناق قىلىش خىزمىتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ سىستېمىلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ ھەم بىر قاتار نەتىجىلەر شەكىللەندۈرۈلۈپ جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىپ، ئىستېمالچىلار ئېنىق، چۈشىنىشلىك ئىستېمال كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىنىلىدۇ. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە «سىز كۆرسىتىپ بېرىڭ، مەن تەكشۈرەي» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. كۈندىلىك ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆپ مىقدارلىق يېمەكلىك، تور قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ھالىتىدە سېتىلىدىغان يېمەكلىكلەر مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، «سىز كۆرسىتىپ بېرىڭ، مەن تەكشۈرەي، مۇلازىمەت ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزەيلى» پائالىيىتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، لاياقەتسىز يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ.
8. داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش بويىچە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ماھىيەتلىك قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. دوختۇرخانىلارنىڭ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ دەلىللەش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشى، ئورتاق بەھرىلىنىشى ئالغا سىلجىتىلىپ، 2 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلىرى، جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايون بويىچە تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ دەلىللەش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش سۇپىسىغا ئۇلىنىپ، سۇپىنىڭ ئىقتىدارى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. بالىلار كېسەللىكلىرىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش ھەم قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قانات يايدۇرۇلىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قارىتا ئىرسىيەتلىك ماددا ئالمىشىشنىڭ قالايمىقانلىشىش كېسىلى بويىچە تاسقاپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ. قىزىل كىرېست جەمئىيىتى كىنىشكىسى بار قۇتقۇزۇش خادىمىدىن 50 مىڭى تەربىيەلىنىدۇ، 350 مىڭ ئادەم قېتىم ئاممىۋى خاراكتېرلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش بىلىملىرى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەسۋىر بۇلۇتى كېڭەيتىلىدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)تىكى 2 - دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك نۇقتا قىلىنغان داۋالاش ئاپپاراتىدىن 336سى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەسۋىر بۇلۇتىغا ئۇلىنىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار داۋالاش ئاپپاراتى ھالقىپ، رايون ھالقىپ، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالانغاندا تەسۋىر چىقىرىپ كۆرۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئاغرىقلارنىڭ تەكرار تەكشۈرۈش يۈكى يېنىكلىتىلىدۇ. شەخسلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بۇلۇتى بەرپا قىلىنىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن ساغلاملىق، مالىيە، ئۇچۇر قاتارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى رەقەملىك ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، بىر كود ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغان داۋالىنىش، راسچوت قىلىش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىلىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان كىشىلەر توپىنى ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلاش ئالغا سىلجىتىلىدۇ. گۇمانىي تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنى پەرقلەندۈرۈش - دىياگنوز قويۇش، يوشۇرۇن يۇقۇملانغان ئاغرىقلارنى داۋالاشقا ئالاقىدار خىراجەتلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش يۈكى ھەقىقىي يېنىكلىتىلىدۇ. نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك داۋالىنىشى، كۈتۈنۈشى ۋە سەييارە داۋالىنىشى قانات يايدۇرۇلىدۇ. يىل ئىچىدە نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى قارار قىسقا مۇددەتلىك داۋالىنىش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، شىنجاڭ رۇڭجۈن نەپىقە دوختۇرخانىسىدىن داۋالاش ئەترىتى تەشكىللىنىپ، نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى قارار سەييارە داۋالاش مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.
9. پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئاز دېگەندە 1200 پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلىنىڭ ئەلالىرى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈشكە تاللاپ ئەۋەتىلىپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» «ئېھتىياج يۆنىلىشى شەكلى» قاتارلىق كۆپ خىللاشقان مۇلازىمەت قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكىلار ئۈلگە كۆرسىتىش، قوللىنىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، كېڭەيتىش تېزلىتىلىپ، جەمئىي تەربىيەلەنگەن دېھقان - چارۋىچى 42 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كەم بولمايدۇ. شىنجاڭنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، ئاز دېگەندە 3000 مەيدان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر تىياتىرلىرىنى پۈتۈن شىنجاڭدا سەييارە قويۇش قانات يايدۇرۇلىدۇ. «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز − مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئەت پەسلى، «تۆت پەسىللىك كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»، «قوش يۈز»، «كەنت ناخشا ئېيتىش پائالىيىتى» قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە «ئانارنىڭ دانىسى» مەدەنىيەت شۆبە ئەترەتلىرى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققانلار مەدەنىيەتنى گازارمىلارغا كىرگۈزۈش، يېزا - كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلىدۇ. تەنتەربىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىجىل ئالغا سىلجىتىلىدۇ. 100دىن ئارتۇق ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان - سارىيى جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەق ئېلىپ ئېچىۋېتىلىدۇ، «شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى» قاتارلىق ناھىيە دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرى 300 مەيداندىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈلىدۇ.
10. يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى بويىچە رېمونت قىلىش، ئاسراش ۋە يول تورى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ. 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، 46 ناھىيە(شەھەر، رايون)دىكى 193 ئورۇندا يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى بويىچە رېمونت قىلىش، ئاسراش يولغا قويۇلۇپ، قىسمەن يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قۇرۇلغان يىلى ئۇزاق، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى يۇقىرى بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى ۋە ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەر كونىراش، تۇرۇبا يېرىلىپ سۇ ئېقىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىمۇ ھەل قىلىنىپ، 950 مىڭ يېزا ئاھالىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى مۇستەھكەملىنىدۇ، ئۆستۈرۈلىدۇ. 7000 كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسىلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىلىدۇ، 3 - دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلغان يېزا - بازاردىن 15ى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ، يېزا تاشيوللىرىدا بىخەتەرلىك، ھاياتلىقنى قوغداش قۇرۇلۇشىدىن 1000 كىلومېتىر يولغا قويۇلۇپ، يېزا تاشيولىدىكى 25 خەتەرلىك كۆۋرۈكنى ئۆزگەرتىش تاماملىنىدۇ، يېزىلاردا يولۇچى ۋە يۈك توشۇش مەيدان - بېكەتلىرىدە توك قاچىلاش ئەسلىھەسىدىن 99ى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر يۇقىرىقى ئون ئەمەلىي ئىشنىڭ بېجىرىلىشىغا ئىزلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە كەڭ ئاممىنىڭ پائال قاتنىشىشى ۋە نازارەت قىلىشىنى، قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى بېرىشنى، ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىش، ياخشى ئىشنى پۇختا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى
2026 - يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى