مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى
پۈتۈن پارتىيەدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن پارتىيەدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، پۈتۈن پارتىيەدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۆگىنىش - تەربىيەسى دېيىلدى) قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق»لار مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ، 2026 - يىللىق باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن باشلىنىپ، 7 - ئاينىڭ ئاخىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىدۇ.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنى ئومۇمىي تەلەپ قىلىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى تۇتقا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈزىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تۈردە كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئاددىي، ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈركۈمگە ئايرىماي، باسقۇچقا ئايرىماي، ئۆگىنىش - مۇھاكىمە قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش، تۈزىتىش، تۈزەش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش، ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شۇ رايون، شۇ تارماق، شۇ ساھە توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئەزالىرى ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئاممىنىڭ ئىنكاسىنى ئىگىلەش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، سىياسىي نەتىجە قارىشى جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، مەنبەدىن تەكشۈرۈپ، تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. مەركەزنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن تۈزىتىش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە تۈزىتىش، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش، يولغا قويۇش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىش قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى ياخشى ئىشلەپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈزۈم - مېخانىزملاردىكى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بەلگىلىمىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، بىكار قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى بىكار قىلىش، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، تۈزىتىش، تۈزەشتە ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش، ئۈنۈمنى تەكشۈرۈشتە ئاممىنىڭ باھالىشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئاممىنى ھېس قىلىش ۋە مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. ئوخشاش بولمىغان قاتلام - دەرىجە، رايون، ساھە، كەسىپلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. تەشۋىق قىلىش ۋە يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.