جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ يولداش خې جياۋلۇڭغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىش توغرىسىدىكى قارارى

2026-02-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى)

خې جياۋلۇڭ، ئايال، خەنزۇ، سىچۇەن شېخۇڭدىن، 1979 - يىلى 12 - ئايدا تۇغۇلغان، 1999 - يىلى 12 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 2004 - يىلى 2 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ھايات ۋاقتىدا ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مۇلازىمەت مەركىزى (ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك تاشقى ھەمكارلىق مەركىزى)نىڭ مۇدىرى بولغان، ئىلگىرى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى، مەملىكەت بويىچە 8 - مارت قىزىل بايراقدارى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. 2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، بورتالا شەھىرىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا تاسادىپىي ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى بەختكە قارشى 46 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

يولداش خې جياۋلۇڭ پارتىيەگە سادىق، ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كەسىپنى سۆيۈپ،خەلققە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ئاممىۋى لۇشيەننى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، پۇقرالارغا بەخت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ كەڭ تۇپرىقىدا كوممۇنىستلارنىڭ «خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش» دەۋر جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ئۇ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقان، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلىغان نەمۇنىچى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن «مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش نامرات يۇرتۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يۇرتۇمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن» دېگەن ساپ ھېسسىياتنى قەلبىگە پۈكۈپ، يۇرتى موڭغۇلكۈرەگە قايتىپ، يېزا - بازاردا 13 يىل يىلتىز تارتتى، مەيلى پىلانلىق تۇغۇت كادىرى ياكى يېزا - بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولسۇن، يۇرتداشلارنىڭ تىنچ - ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالىنى قەلبىگە پۈكۈپ، يول ياساش، تېرىقچىلىقنى تۇتۇش، چارۋا نەسلىنى ياخشىلاشقا تەشكىللەپ، ئامما تەرىپىدىن يېقىملىق ھالدا «بىزنىڭ ياخشى قىزىمىز» دەپ ئاتالدى. ئۇ كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزىنى بېغىشلاش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش نەمۇنىچىسى. موڭغۇلكۈرەنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ۋە يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ئەلا، ئۈنۈمى ياخشى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوۋيىن نومۇرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، پۈتۈن زېھنى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىش ئارقىلىق تور ئېقىم مىقدارىنى تەشۋىقات ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇشقا، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېشىش مىقدارىغا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، ھەمىشە كۈندە ئون نەچچە سائەت خىزمەت قىلىپ، تەشۋىقات فىلىمى ئىشلەپ كۆپ قېتىم يارىلانغان بولسىمۇ، ئەسلىي مەقسىتىنى يەنىلا ئۆزگەرتمىدى، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا موڭغۇلكۈرەنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى، ساياھەتچىلىك ئۇنىۋېرسال كىرىمىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا30،25 ئاشۇرۇپ، «تۇلپار ماكانى، گۈزەل ئىلى»نىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلۇشىغا زور دەرىجىدە كۈچ قوشتى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مۇلازىمەت مەركىزىدە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، خىزمەتداشلىرى ئۇنى ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا «جان - پىدالىق بىلەن ئىشلەيدىغان ئەزىمەت» دەپ سۈپەتلىدى، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنى باشلاپ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئېتىز باشلىرى، مەنزىرە رايونلىرى، زاۋۇت ئۆيلىرىگە توختىماي بېرىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» «شىنجاڭچە تەم . ياخشى مەھسۇلاتلار» نام كارتىسىنى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتتى، تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە يەنىلا كۈرەش قىلدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 239 يېزا ئىگىلىك رايونى ئاممىۋى داڭلىق ماركىسى پارچە ھالەتتىن بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلىنىپ، مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، ئون چوڭ مەھسۇلات سېپىنى شەكىللەندۈردى، تەسىر كۈچى كۆرسەتكۈچى جۇڭگونىڭ رايون يېزا ئىگىلىك ئوبرازلىق داڭلىق ماركىلىرى ئىچىدە 3 - ئورۇندا تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىلىش سوممىسىنىڭ جەمئىي 50 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇ شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئاممىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى نەمۇنە. ئۇ كوممۇنىستلارنىڭ خىسلىتىنى چىڭ ساقلاپ، ھۆكۈمەت خادىمىلىق سالاھىيىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېقىم مىقدارىدا خەلقنى كۆزلەشكە ئىنتىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىر مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خاراكتېردە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، 500 مەيداندىن ئارتۇق دېھقانلارغا ياردەم بېرىش بويىچە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىسلاھاتىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى؛ باشلامچىلىق بىلەن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پونكىتى قۇرۇپ، مېھرىبان زاتلار ئىئانە قىلىش ۋە سۇپا مۇكاپاتى، ئاكتىپ بولمىغان پايدا قاتارلىق كىرىملەرنى مەركەزلىك باشقۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا يار - يۆلەك بولۇش، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشقا مەخسۇس ئىشلەتتى. جەمئىي 55 قېتىم خەيرىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، مېھرىبان زاتلار بىلەن بىرلىكتە جەمئىي 11 مىليون 106 مىڭ يۈەن پۇل، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى.

يولداش خې جياۋلۇڭ پۈتۈن ھاياتىنى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، يۇرتىدىكى خەلققە بېغىشلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىمەن، خەلق رايىغا مايىللىشىمەن» دېگەن جاراڭلىق ۋەدىسىنى ئىزاھلاپ بەردى، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ، روھى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ئىلغارلارنى تەقدىرلەپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىدە تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يولداش خې جياۋلۇڭغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يولداش خې جياۋلۇڭنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ پارتىيەگە سادىق، ئېتىقادى مۇستەھكەم سىياسىي خىسلىتىدىن ئۆگىنىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك؛ ئۇنىڭ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھىدىن ئۆگىنىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دەۋر تەرەققىياتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئالاقە تورىنى ئۆگىنىپ، ئالاقە تورىنى چۈشىنىپ، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىدىغان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاساسىي مەقسەت ئېڭىدىن ئۆگىنىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنى قەلب تۆرىگە قويۇپ، قەدەملىرى ئارقىلىق خەلق رايىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق خەلقنىڭ غېمىنى تۈگىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشى كېرەك؛ ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، پاك - دۇرۇس بولغان ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، ئىش ئورنىنى بازا بىلىپ ساقلاپ، خىزمەتنى كەسىپ بىلىپ ئىشلەپ، ئۆزىنى بېغىشلاشنى بۇرچ دەپ قاراپ، تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ دېگەن مەنىۋى مەنزىل ۋە تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك دېگەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

2026 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان خىزمەت نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.