شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈزگەن «يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش خاتىرىسى»نىڭ 1 - تومى يېقىندا شىنخۇا نەشرىياتى تەرىپىدىن جۇڭگو تىل - يېزىقى، ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسىدا نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا تارقىتىلدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارىتى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ مۇساپىدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭقۇر ئىدىيەسى، ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى، چوڭقۇر مۇھەببىتى، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن زور بىر تۈركۈم ئاخبارات خاتىرىسىنى يازدى. «يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش خاتىرىسى»نىڭ 1 - تومىغا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ جەمئىي 26 پارچە چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋىرى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 41 پارچە ئاخبارات سۈرىتى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، جۇڭگونىڭ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلىنىشىغا يول باشلىغانلىقىدەك قالتىس مۇساپە نامايان قىلىنغان، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچى جانلىق نامايان قىلىنغان.
دۇنياۋى ئىدارە قىلىش مۇھاكىمە يىغىنى ھەم «يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش خاتىرىسى»نىڭ 1 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى ئېلان قىلىش يىغىنى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىش ساھەسىدىكى ئىزدىنىشى ۋە ئويلىنىشىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.