(2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلانى
(12 - نومۇرلۇق)
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا 2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى
2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى
مۇندەرىجە
1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2 - باب ئۇل تەتقىقات، ئەمەلىي تەتقىقات ۋە نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش
3 - باب كارخانىلار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش
4 - باب پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى ۋە پەن - تېخنىكا خادىملىرى
5 - باب رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش
6 - باب مۇلازىمەت قىلىش - كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش
7 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى
8 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 - ماددا بۇ نىزام پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئاپتونوم رايوننى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى قانۇنى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
2 - ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەتكە ئىگە قىلىش پائالىيىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.
3 - ماددا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك.
ئاپتونوم رايون دىققەتنى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇلازىمەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى ئارقىلىق پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
4 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللەپ، زور پەن - تېخنىكا تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىدىكى چوڭ - چوڭ ئىشلارنى، زور مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، پەن - تېخنىكا خادىملىرى ۋە پەن - تېخنىكا باشقۇرۇش خادىملىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنىڭ تارماق ھالقىپ، رايون ھالقىپ ماسلىشىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى يۈكسەلدۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ماس كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
5 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن - تېخنىكا مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى تەشكىللەش - باشقۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش - كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش - يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات - ئىسلاھات، مائارىپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، مالىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، سەھىيە - ساغلاملىق، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش، ئىستاتىستىكا قاتارلىق تارماقلىرى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەيدۇ.
6 - ماددا ئاپتونوم رايون دۆلەت تەجرىبىخانىسى (بازىسى)، مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانا، شىنجاڭ تەجرىبىخانىسى، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى ۋە تەتقىقاتچىل داشۆلەر، پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ۋە قوللاش - كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
7 - ماددا ئاپتونوم رايون تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پەن - تېخنىكا بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا خەۋپ - خەتىرىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىش، يارىتىش بىلەن ئەمەلىي قوللىنىش پائالىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پەن - تېخنىكا بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ.
8 - ماددا ئاپتونوم رايون بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر ئىجاد قىلىش، قوللىنىش، قوغداش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە قوغدايدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىشى كېرەك.
9 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان - سارايلىرى، ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ۋە بايلىق ئېچىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان - سارايلىرىنى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىشى كېرەك.
پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، مەكتەپلەر، كارخانىلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، پەن - تېخنىكا خادىملىرى قاتارلىقلار پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.
10 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئالىملار روھى ۋە ھۈنەرۋەنلەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئېچىۋېتىلگەن يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.
11 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىدە مۇھىم تۆھپە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
ئىجتىمائىي كۈچلەر قانۇن بويىچە پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.
2 - باب ئۇل تەتقىقات، ئەمەلىي تەتقىقات ۋە نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش
12 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسپى ۋە ساھەسىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ئۇل تەتقىقاتنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك، سىستېمىلىق جايلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇل تەتقىقات ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇل تەتقىقات باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەركىن ئىزدىنىش بىلەن نىشانلىق يېتەكلەشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە مەدەت بېرىپ، ئۇل تەتقىقات بىلەن ئەمەلىي تەتقىقات، نەتىجىنى ئايلاندۇرۇشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش ۋە يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى، ئەۋزەللىكى ۋە نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇل تەتقىقاتقا قولاي شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلار ئۆز ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەر، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەر، كېلەچەك كەسىپلىرىدىكى مۇھىم ئاساسىي پەن مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، ئورتاقلىققا ئىگە ئۇل تېخنىكا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
13 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇل تەتقىقاتنى مۇقىم قوللاشقا مەبلەغ سېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئۇل تەتقىقات خىراجىتىنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتى ئومۇمىي سوممىسىدىكى نىسبىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.
شارائىتى بار ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇل تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ پەن تەتقىقات مەبلىغىنى بىرتۇتاش ئۇل تەتقىقاتقا سېلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.
ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئىئانە قىلىش، مەبلەغ چىقىرىش، فوند تەسىس قىلىش، تەتقىق قىلىپ يارىتىشقا ھاۋالە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۇل تەتقىقاتقا مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە سىياسەت ئېتىبارىدىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ.
14 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەبىئىي پەن فوندى تەسىس قىلىپ، ئۇل تەتقىقات، ئەمەلىي ئۇل تەتقىقات ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە مەدەت بېرىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. شارائىتى بار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار قاتارلىقلار بەلگىلىمە بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي پەن فوندى بىلەن بىرلەشمە فوند تەسىس قىلسا بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتى بىلەن ئورتاق مەبلەغ چىقىرىپ، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى رايون يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات بىرلەشمە فوندى تەسىس قىلىپ، ئەۋزەل پەن تەتقىقات كۈچلىرىنى ئۇل تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشقا جەلپ قىلسا ۋە توپلىسا بولىدۇ.
15 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى تۈر، ئىختىساسلىقلار، بازا، مەبلەغنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىق قىلىش، قوللىنىشتا زىچ ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەۋزەل پەن تەتقىقات كۈچلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىيەلەيدىغان بولۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
16 - ماددا ئاپتونوم رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىككە بولغان تىرەكلىك رولىغا مەدەت بېرىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش - مۇقىملىقنى قوغداش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە نەتىجىنى ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
17 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، نېفىت - گاز، كۆمۈر، يېشىل كانچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، ئۇچۇر تېخنىكىسى، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەر تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيو ياسىمىچىلىق، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى قاتارلىق كېلەچەك كەسىپلىرى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشقا مەدەت بېرىپ، مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
18 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ تېخنىكا سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىكىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاپ، ئاشلىق، پاختا، مېۋە، چارۋا جەھەتلەردىكى يېزا ئىگىلىك يېڭى سورتى، يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى جابدۇقلىرىنى يارىتىش، كىرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، زىرائەتلەردىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىشكە مەدەت بېرىپ، مەملىكەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
19 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، شورلۇق يەرنى تۈزەش، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىنىشنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە تېخنىكىنى كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىشى كېرەك.
20 - ماددا ئاپتونوم رايون پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ بىلەن تەسىس قىلىنغان پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن - تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلكىدىكى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى مۈلكىنى ئايرىم باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىدۇ. تېخنىكا يۆتكەش مۇلازىمىتى كەسپىي خادىملىرىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنۋان باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.
پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئۇقۇم دەلىللەش مەركىزى، كىچىك سىناق، ئارىلىق سىناق بازىسى ۋە تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئاپپاراتى قۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ تېخنىكا ئۇقۇمىنى دەلىللەش، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشتىن بۇرۇنقى سىناش، سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەھسۇلاتنى ئۈلگە كۆرسىتىپ دەلىللەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.
21 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغان پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارغا تېخنىكا ئارقىلىق دەلىللەش، ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىنىش مۇھىتى مۇلازىمىتى قىلىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى سورت، يېڭى مۇلازىمەت، يېڭى ئەندىزە قوللىنىش سىنىقى قىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تۇنجى يۈرۈش زور تېخنىكىلىق جابدۇق، تۇنجى تۈركۈم يېڭى ماتېرىيال، تۇنجى نۇسخا يۇمشاق ماتېرىيالنى تەتقىق قىلىپ قوللىنىشقا مەدەت بېرىپ، تەتقىق قىلىپ ياسىغان، ئىشلەتكەن ئورۇنلارنى مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش، سۇغۇرتا كاپالىتى جەھەتلەردە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
3 - باب كارخانىلار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش
22 - ماددا ئاپتونوم رايون يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ كارخانىلارغا توپلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى باش بولۇپ ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرىنى بەلگىلەش، پەن تەتقىقاتقا سېلىنما سېلىش، پەن تەتقىقاتقا تەشكىللەش ۋە نەتىجىنى ئايلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي گەۋدە بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەتقىقات ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، كارخانا تېخنىكا مەركىزى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنى قۇرۇپ، بازارغا ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىشقا يۈزلەنگەن تەتقىق قىلىپ يارىتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسىدە تەتقىقات ئاپپاراتى بولۇش تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
23 - ماددا ئاپتونوم رايون پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار قاتارلىقلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.
شارائىتى بار پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسىنى باش بولۇپ قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ھالقىسىنىڭ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
24 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مالىيە ياردىمى بېرىش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئاساسىدىكى مالىيە كېيىن ياردەم پۇلى بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىغا مەدەت بەرسە ۋە يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ. يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، شۇ يىللىق سېتىش كىرىمىدىن بەلگىلىك نىسبەتتە مەبلەغ ئاجرىتىپ، تەتقىق قىلىپ يارىتىش پائالىيىتىگە ئىشلىتىشى كېرەك.
25 - ماددا دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان باشقا تارماق ۋە ئاپپاراتلار دۆلەت كارخانىلىرىنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە سىناش - باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ يارىتىش تەييارلىق پۇلى تۈزۈمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقاتىغا مەبلەغ سېلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈش - يېتىشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنى قۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇلىنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى سىناش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، قانۇن بويىچە تىجارەت نەتىجىسىنى سىناشتا تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجەت سېلىنمىسىنى پايدا قاتارىدا قوشۇپ ھېسابلىشى كېرەك.
26 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار باج ئېتىبار سىياسىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنى يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ھۈنەر - سەنئەت يارىتىشقا يېتەكلەپ، تەتقىق قىلىپ يارىتىش جابدۇقلىرىنىڭ ئۇپرىشىنى تېزلىتىش، تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش قاتارلىق سىياسەت - بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.
27 - ماددا كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى كۆپ خىل شەكىلدە يېتىشتۈرۈش، جەلپ قىلىش ۋە ئىشلىتىشىگە، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تېخنىكا تەربىيەسى، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. شارائىتى بار كارخانىلارنىڭ باش ئالىم ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىكتە پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.
28 - ماددا كارخانىلارنىڭ يادرولۇق تېخنىكىنى پاتېنتقا ئايلاندۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك ئۆلچەمنى تەتقىق قىلىش، تۈزۈشكە باشلامچى بولۇشى ياكى قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمىنى ئورتاق تۈزۈشىگە مەدەت بېرىلىدۇ. خەلقئارا ئۆلچەم، دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى ۋە يەرلىك ئۆلچەم تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان ياكى قاتناشقان كارخانىلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە مۇكاپاتلىنىدۇ.
29 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پەن - تېخنىكا ۋاسىتىچى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ پەن - تېخنىكىلىق باھالاش، پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى كۆپەيتىش، تېخنىكا يۆتكەش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا مۇلازىمەت قىلىش، پەن - تېخنىكىدىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېخنىكا باشقۇرغۇچىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك پەن - تېخنىكا ۋاسىتىچى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ قوللىنىلىشى ۋە كېڭەيتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
4 - باب پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى ۋە پەن - تېخنىكا خادىملىرى
30 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىشى كېرەك.
31 - ماددا مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ زور ئېھتىياجىنى ۋە جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەت مۇلازىمىتىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاممىۋى پەن - تېخنىكا تەمىناتى ۋە جىددىيەت پەن - تېخنىكىسى تىرىكىگە ئىگە قىلىپ، پەن - تېخنىكا بايلىقىنى ئېچىۋېتىپ ئورتاق پايدىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.
مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى زامانىۋى ئورۇن تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، نىزامنامە بويىچە باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش، ئۇنۋان باھالاش، تەكلىپ قىلىش، ئىش ھەققى تەقسىملەش، ئاپپارات تەسىس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پەن تەتقىقات تۈرىدىكى كەسپىي ئورۇنلاردا ئادەتتىكى كەسپىي ئورۇنلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق بولغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا، كارخانىلاشقان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە رۇخسەت قىلىش كېرەك.
32 - ماددا ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قانۇن بويىچە پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، ئۇلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، پەن - تېخنىكا پىلان تۈرىنى ئۈستىگە ئېلىش، ئىختىساسلىقلار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىغا ئېرىشىش، ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مالىيە مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، رىقابەتكە ئادىل قاتنىشىدۇ.
33 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت تەجرىبىخانىسى (بازىسى)نى باشلامچى، مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانا، شىنجاڭ تەجرىبىخانىسىنى يادرو، ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق تەجرىبىخانىنى تىرەك قىلغان تەجرىبىخانا سىستېمىسىنى قۇرۇپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي نەزەرىيەدە ۋە تېخنىكا ئالدىنقى سېپىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ ھەمدە مۇقىم مەدەت بېرىدۇ.
34 - ماددا ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى قاتاردىكى داشۆ ۋە بىرىنچى قاتاردىكى پەن قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى باشلامچى قىلىنغان پەن تەسىس قىلىش - تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پەن تەسىس قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي پەنلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق پەنلەر، ئۆزگىچە پەنلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پەنلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاپ، پەنلەرنىڭ گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇشىغا ۋە پەن ھالقىغان تەتقىقاتقا تۈرتكە بولۇپ، تەكشى تەرەققىي قىلغان، ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولغان پەن سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.
35 - ماددا ئاپتونوم رايون مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستراتېگىيەلىك ئالىملار، پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى، قالتىس ئىنژېنېرلار، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قاتارلىق تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق، جىددىي ئېھتىياجلىق - قىس پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشى ۋە كىرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئاپتونوم رايون سىرتىدا تەتقىق قىلىپ يارىتىش مەركىزى قاتارلىق «ئىختىساسلىقلار باشقا جايى» قۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ.
36 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، بايقاش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش، باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ئاسرايدىغان، ئادىل - باراۋەر بولغان، رىقابەتتە ئەلالىرىنى تاللايدىغان، تەمىناتى لايىقىدا بولغان، كاپالىتى كۈچلۈك بولغان تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا نوپۇسقا ئېلىش، تۇرالغۇ ئورۇنلاشتۇرۇش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، كىنىشكا بېجىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولاي مۇلازىمەت قىلىشى ۋە ئۇلارنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
37 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياش پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى پۈتۈن زەنجىرلىك يېتىشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى بايقاش، تاللاش ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ماس كېلىدىغان ئۇزاق مۇددەت مۇقىم قوللاش، كۈچ ئۇلاپ يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ياش پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ چوڭ - چوڭ پەن تەتقىقات تۈرلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىشى ۋە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىپ، چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرى، نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ يارىتىش مەخسۇس تۈرى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپا - بازىسى قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇللىقى ۋە تايانچ خادىملىقىنى ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ياش پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ تېزدىن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
38 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئايال پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش، باھالاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق مېخانىزمنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈر ئىلتىماس قىلىش، سىناش - باھالاش، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياش چەكلىمىسىنى مۇۋاپىق بوشىتىپ، ھامىلىدارلىق، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئايال پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى باھالاش، تەكلىپ قىلىش، سىناش مۆھلىتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىپ بېرىشى كېرەك.
39 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان ئىختىساسلىقلار، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە يۇقىرى ساپالىق دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم «دېھقان زىيالىي»، «يەرلىك مۇتەخەسسىس»، «سەھرا كەشىپكارى»نىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاساسىي قوشۇنغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
40 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كەسپىي مەكتەپلەر، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئۈلگە بازىسى، ماھارەت ئۇستىلىرى ئىشخانىسى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ھۈنەرۋەنلەر يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى نىشانلىق يېتىشتۈرۈشىنى قوللىشى كېرەك.
كەسپىي مەكتەپلەر، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ھۈنەر - سەنئەتنى ئۆزگەرتىش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ بىلىم يېڭىلىشى ۋە ماھارەت ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.
41 - ماددا ئاپتونوم رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سۈپىتى، ئۈنۈمى، تۆھپىسىنى يېتەكچى قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قانۇنىيىتىگە ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى تۈرگە ئايرىپ باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلەيدۇ.
پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كارخانىلاردا ئۈستىگە ئالغان پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش، نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلىرىدىكى ئەمەلىي نەتىجىسىنى سىناش - باھالاش، ئۇنۋان باھالاش ۋە ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىشتىكى مۇھىم شەرت قىلىشى، ئىلمىي ماقالە، ئۇنۋان، ئوقۇش تارىخى، مۇكاپات قاتارلىقلارغىلا ئېسىلىۋالماسلىقى كېرەك.
42 - ماددا پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلار بىلىم، تېخنىكا قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ قىممىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن پايدا تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك، يىللىق ئىش ھەققى تۈزۈمى، كېلىشىملىك مائاش تۈزۈمى، تۈر مائاشى تۈزۈمى قاتارلىق ئۇسۇللارنى جانلىق قوللىنىپ، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ تەمىنات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرسە بولىدۇ.
پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر قاتارلىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئۈنۈم مائاشى تەقسىماتىدا ھالقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ئىش ئورنى ياكى گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان پەن - تېخنىكا خادىملىرى، يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى ۋە بىرىنچى سەپتىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار، شۇنىڭدەك ئۇل تەتقىقات قاتارلىق تەتقىق قىلىپ يارىتىش دەۋرىيلىكى بىرقەدەر ئۇزۇن بولغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىختىساسلىقلارغا مايىللىشىش كېرەك.
پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار قاتارلىقلارنىڭ پاي ھوقۇقى، قەرەل ھوقۇقى، پايدا تەقسىملەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.
43 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا خادىملىرى ئاساسىي قاتلام ۋە كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىش ۋە نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتىشكە ئىلھام بېرىشى كېرەك.
پەن - تېخنىكا خادىملىرى ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىشقا تاللاپ ئەۋەتىلگەن مەزگىلدە، مائاش - پاراۋانلىق تەمىناتى، ئۇنۋان باھالاشقا - تەكلىپ قىلىشقا قاتنىشىش، ئىش ئورنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەسلىي ئىش ئورنىدىكى خادىملارغا ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقانلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانى ياكى ئىش ئورنى دەرىجىسىنى ئالدىن باھالاشقا بولىدۇ.
44 - ماددا مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن - تېخنىكا خادىملىرى بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە، ۋەزىپە بىلەن چېنىقسا، تۈر ھەمكارلىقىغا قاتناشسا ھەمدە قانۇنلۇق كىرىمگە ئېرىشسە بولىدۇ، ئىشلەپ تۇرۇپ كارخانا قۇرسا ياكى ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلىسىمۇ بولىدۇ.
5 - باب رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش
45 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پەن - تېخنىكا بايلىقىنىڭ رايون بوشلۇقى جايلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزگىچىلىككە ئىگە ۋە ئەۋزەللىك ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان رايونلار ماس يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پەن تەتقىقات تۈرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىدۇ، باشقا رايونلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن ماس يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار شۇ جاينىڭ بايلىق شارائىتى، كەسىپ ئالاھىدىلىكى، رايون ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات سەۋىيەسى قاتارلىق ئاساسىي شارائىتىغا قاراپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى توپلاپ، رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.
46 - ماددا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەجرىبە رايونى، ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شۇنىڭدەك دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، پەن - تېخنىكىنى ماس ئېچىۋېتىش قاتارلىق ساھەلەردە ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، رايون ھالقىغان ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىدىغان رايون يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
47 - ماددا ئاپتونوم رايون يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچە رايونى، يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، پىلانلاش - قۇرۇش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش، بايلىقنى تەقسىملەش، ئۇدۇللۇق كۆزىتىش ۋە يۈرۈشۈشنى باھالاشنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، پەن - تېخنىكا ئامىللىرى توپلانغان رايون، ئۆزگىچە كەسىپلەر توپلانغان رايون ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى يېتەكچى رايون قۇرۇپ چىقىدۇ. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا باغچە رايونىنىڭ دەرىجىسىنى دۆلەت دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا باغچە رايونى قىلىپ ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پەن - تېخنىكا باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر ئىشلىتىش، كەسىپ تۈرى، ئۇل ئەسلىھە، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى، يۈرۈشلەشكەن ئاممىۋى مۇلازىمەت، شۇنىڭدەك مەبلەغ سېلىنمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللىشى كېرەك.
48 - ماددا ئاپتونوم رايون بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك، ئارمىيە بىلەن خەلق پەن - تېخنىكىدا ماس تەرەققىي قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك، ئارمىيە بىلەن خەلق ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ پەن - تېخنىكىدا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى، تېخنىكا ئالماشتۇرۇشى ۋە نەتىجىنى قوش يۆنىلىشلىك ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشىغا مەدەت بېرىدۇ.
49 - ماددا ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە - شەھەرلەر بىلەن بولغان پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئاپتونوم رايوندا قانۇن بويىچە تارماق ئاپپارات تەسىس قىلىپ، تەتقىق قىلىپ يارىتىش پائالىيەتلىرىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇشى، چوڭ - چوڭ پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى بىرلىشىپ يولغا قويۇشى، يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى بىرلىشىپ قۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ.
50 - ماددا ئاپتونوم رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى قاتارلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خەلقئارالىق ھەمكارلىق سۇپىسىنى قۇرۇپ، پەن - تېخنىكا جەھەتتىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ پەن - تېخنىكا جەھەتتىكى خەلقئارالىق ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تېخنىكا يۆتكەش پائالىيىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
51 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ۋە كاپالەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى پەن - تېخنىكا خادىملىرى ۋە چەت ئەلدە خىزمەت قىلىۋاتقان پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى ئاپتونوم رايونغا كېلىپ، قانۇن بويىچە پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلىشى كېرەك.
52 - ماددا ئاپتونوم رايون خەلقئارالىق پەن - تېخنىكا مۇنبىرى، كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھام بېرىپ، خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە قىزىق نۇقتا مەسىلىسى، تېخنىكا ۋە نەتىجىنى نامايان قىلىش، چەت ئەلدىكى ئىختىساسلىقلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
6 - باب مۇلازىمەت قىلىش - كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش
53 - ماددا ئاپتونوم رايون پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا ماس كېلىدىغان مالىيە پەن - تېخنىكا خىراجىتىنى مۇقىم ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى يېتەكچى، كارخانا سېلىنمىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، جەمئىيەت كاپىتالى كەڭ قاتنىشىدىغان پەن - تېخنىكا خىراجىتى سېلىنما سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنى پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجەت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
54 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن - تېخنىكا مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ بىلەن سېتىۋالغان چوڭ تىپتىكى ئىلىم - پەن ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇشى كېرەك. پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلار چوڭ تىپتىكى ئىلىم - پەن ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلىرىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق سېتىۋېلىپ، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەمبەھرىلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ھەمدە مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
غەيرىي مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ بىلەن سېتىۋالغان چوڭ تىپتىكى ئىلىم - پەن ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلىرىنى ھەمبەھرىلەش مۇلازىمەت سۇپىسىغا كىرگۈزۈپ، پەن - تېخنىكا بايلىقىنى ئېچىۋېتىش، ھەمبەھرىلەش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن - تېخنىكا مەسئۇل تارمىقى پەن - تېخنىكا ھۆججەت - ماتېرىيالى، پەن - تېخنىكا سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلارنى ھەمبەھرىلەش سۇپىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكا بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش - پايدىلىنىشنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرىدۇ.
55 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكا، پەن - تېخنىكا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ئاپپاراتلىرى پەن - تېخنىكىغا دائىر ئىستاتىستىكا خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمىنى تەھلىل قىلىپ، باھالاپ، پەن - تېخنىكا جەھەتتە تەدبىر بەلگىلەش ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
56 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شۇ دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا پىلانىنى تۈزۈپ، ئۇل تەتقىقات، جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەت تېخنىكا تەتقىقاتى، كەسىپتىكى ئورتاق تېخنىكا تەتقىقاتى - تەرەققىياتى ۋە ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش قاتارلىق ئاممىۋى پەن - تېخنىكا پائالىيىتىنى نۇقتىلىق قوللىسا بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن - تېخنىكا مەسئۇل تارمىقى پەن - تېخنىكا پىلان تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش، باھالاش، تۈر تۇرغۇزۇش، ئىجرا قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
57 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن - تېخنىكا مەسئۇل تارمىقى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىقلار تۈر ئىلتىماس قىلىش، ماتېرىيال يوللاش، خىراجەت ئاتچوت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى باشقۇرۇش جەريانىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ لاۋازىمەت يۈكىنى يېنىكلىتىشى كېرەك.
58 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پەن - تېخنىكىغا دائىر چوڭ - چوڭ سىياسەتلەرنى تۈزۈش، چوڭ - چوڭ پەن تەتقىقات تۈرىنى بېكىتىش قاتارلىق تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدا، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاپ، ئاقىللار ئامبىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىلمىي باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، تەدبىرنى ئىلمىي بەلگىلىشى كېرەك.
59 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن - تېخنىكا مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىنى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا جەھەتتە تەدبىر بەلگىلىشى، تۈر دەلىللىشىگە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
60 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خەۋپ - خەتىرى تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارغا قەرز پۇل ئۆسۈم ياردىمى، سۇغۇرتا ھەققى ياردەم پۇلى بېرىپ، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىدۇ.
سودا بانكىسى، كېپىللىك ئاپپاراتى، سۇغۇرتا ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ سېلىش، ھەقدارلىق ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، پەن - تېخنىكا سۇغۇرتىسى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇش قاتارلىق كەسىپلەشكەن پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ كاپىتال بازىرىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىلىدۇ.
61 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن - تېخنىكا مەسئۇل تارمىقى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا خاتالىقنى سىغدۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئاكتىپلىقىنى ئۇرغۇتۇشى ۋە قوغدىشى كېرەك.
مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىزدىنىش خاراكتېرى كۈچلۈك، خەۋپى يۇقىرى پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئالغان پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ دەسلەپكى خاتىرىسى قاتارلىقلاردا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ تۈرنى يەنىلا تاماملىيالمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ بىلەن تۇرغۇزۇلىدىغان پەن تەتقىقات تۈرىنى داۋاملىق ئىلتىماس قىلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە كارخانىلار پەن - تېخنىكا باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىنى يولغا قويۇش جەريانىدا، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملار جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئىزدىنىپ، تەدبىر بەلگىلەشتە سەۋەنلىك، خاتالىق كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇۋاپىق دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتى ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان، قانۇنسىز پايدىنى كۆزلىمىگەن بولسا، ئۇنىڭ تەدبىر بەلگىلەش جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
62 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى بويىچە تۈزەش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش، باھالاش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى بويىچە تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلار پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى خەۋپ - خەتىرىگە بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
پەن - تېخنىكا خادىملىرى پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى تۈزۈم - قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان دائىرىدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
63 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىدىكى سەمىمىيەتنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقاتتا لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەكشۈرۈش، بېكىتىش، جازا - تەنبىھ بېرىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلار پەن تەتقىقات سەمىمىيىتىنى باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش، تەربىيە ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى بولغان پەن تەتقىقات مۇھىتىنى يارىتىشى كېرەك.
پەن - تېخنىكا خادىملىرى پەن تەتقىقات سەمىمىيىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى، ساختىپەزلىك قىلماسلىقى ياكى باشقىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىنى كۆچۈرۈۋالماسلىقى، ئوغرىلىۋالماسلىقى، ئۆزگەرتىۋالماسلىقى كېرەك.
64 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، پەن - تېخنىكا خادىملىرى پەن - تېخنىكا مەخپىيىتىنى ساقلاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان پەن - تېخنىكا مەخپىيىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك.
65 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە، پەن - تېخنىكا تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى مالىيە خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكا مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۈرۈپ، مالىيە خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكا مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، مەبلەغ تەقسىملەش ئۈنۈمى ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مالىيە خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكا مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشتە، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق ئورگان ۋە تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.
7 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى
66 - ماددا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىدە ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
67 - ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
8 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
68 - ماددا بۇ نىزام 2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1995 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2012 - يىلى 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35 - يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)