شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەر جەم بولغان كاتتا باھار بايرىمىدا، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىردى» ناملىق كىتاب (2 - قىسىم) جۇڭگو ئاياللار نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
بۇ كىتابتا 1 - قىسىم ئاساسىدا، دىققەت جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى ئائىلە بىلەن دۆلەتكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، 32 ئائىلە ۋە كەنت(مەھەللە)كە بولغان زىيارەت خاتىرىسى ئارقىلىق، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئائىلىلەرگە كىرىپ، خەلق رايىنى ئىگىلەپ، خەلق قەلبىنى ئىللىتقانلىقى، ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، تەرەققىيات ئۈستىدە توختالغانلىقى توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر جانلىق بايان قىلىنغان، يېڭى دەۋر جۇڭگو ئائىلىلىرىدىكى بەختلىك ئۆزگىرىشلەر خاتىرىلەنگەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بارلىق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقچىللىق ھېسسىياتى نامايان قىلىنغان، «خەلق داھىيسى خەلقنى سۆيىدىغان، خەلق داھىيسىنى خەلق سۆيىدىغان» چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كەڭ ئاياللار ۋە ئائىلىلەرنى «15 - بەش يىل»دا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى مۇساپىدە تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.