مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ‹بىرىنچى باشلىق›لىرىغا قارىتا نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2026-02-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسىيېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ‹بىرىنچى باشلىق›لىرىغا قارىتا نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

«پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ‹بىرىنچى باشلىق›لىرىغا قارىتا نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش چارىسى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.

پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ «بىرىنچى باشلىق»لىرىغا قارىتا نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش چارىسى

(2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەستىقلىدى، 2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئېلان قىلدى)

1 - مادداپارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، «بىرىنچى باشلىق»لارغا بولغان باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى» ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ چارە تۈزۈپ چىقىلدى.

2 - ماددابۇ چارە يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە گۇرۇپپىسى خىزمىتى نىزامى» بويىچە تەسىس قىلىنغان پارتىيە گۇرۇپپا (پارتىيە كومىتېت)لىرىنىڭ كۈندىلىك نازارەت قىلىش خىزمىتىدە، تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى، ئورۇنلار پارتىيە تەشكىلاتلىرى (تۆۋەندە بىردەك تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دېيىلدى)نىڭ «بىرىنچى باشلىق»لىرى بىلەن ئۇلارنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ۋە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلىشىشنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش دېيىلدى) قانات يايدۇرۇشىغا تەتبىقلىنىدۇ.

پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگانلىرى، پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار ئۆز ئورنىدا نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇشتا، مۇشۇ چارىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىدۇ.

پارتىيە تەشكىلاتلىرى سۆزلىشىش شەكلىنى قوللىنىپ مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلەش بويىچە سۆزلىشىش، ئاگاھلاندۇرۇش بويىچە سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇشتا، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىدۇ.

3 - مادداپارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىكى «بىرىنچى باشلىق»لارغا قارىتىلغان تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئادا قىلىش، تەۋەلىكنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

4 - ماددانازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇشتا، تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك:

(1) پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛

(2) مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛

(3) بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكىدىن تۇتۇپ، بىخ ھالىتىدە يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇش؛

(4) مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش؛

(5) ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش.

5 - ماددانازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش قەرەللىك سۆزلىشىش ۋە ۋاقتىدا سۆزلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، ئىنتىزام جەھەتتىن تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، كادىرلارنى باھالاش قاتارلىق ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، قەرەللىك سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇش يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ، خىزمەت ئىش تەقسىماتى ۋە تاماملاش ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتلىرى بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە، پارتىيە گۇرۇپپا (پارتىيە كومىتېت)لىرى ئۆزى قۇرۇشنى تەستىقلىغان پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە، بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ «بىرىنچى باشلىق»لىرى بىلەن قەرەللىك سۆزلىشىشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ «بىرىنچى باشلىق»لىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى ساقلانغان بولسا، پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ۋاقتىدا سۆزلىشىشى كېرەك:

(1) ئەرز قىلىش، پاش قىلىشتا ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىدا پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە مەسىلىلەر بىرقەدەر كۆپ ياكى بىرقەدەر گەۋدىلىك ئىكەنلىكى ئىنكاس قىلىنغان بولسا؛

(2) ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق ياكى ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق سەۋەبىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەنقىدلەنگەن بولسا ياكى سەلبىي ئاممىۋى پىكىر كەلتۈرۈپ چىقارغان، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان بولسا؛

(3) ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، باھالاشتا، ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ بىرقەدەر كۆپ ياكى بىرقەدەر گەۋدىلىك ئىكەنلىكى بايقالسا؛

(4) ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ ئېغىر دېلو، ئېغىر «تۆت خاھىش» مەسىلىسى يۈزبەرگەن بولسا، ئاشكارىلانغان مەسىلىلەر تىپىك خاراكتېرگە، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، دىققەتنى قوزغىغان ھەم يەنە كېلىپ تۈزىتىشكە تېگىشلىك بولسا؛

(5) ئۆزىدە سىياسىي، ئىدىيە، خىزمەت، تۇرمۇش، ئىستىل، ئىنتىزام قاتارلىق جەھەتلەردە بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ساقلانغان بولسا؛

(6) ۋاقتىدا سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇش زۆرۈر بولغان باشقا ئەھۋاللار.

6 - مادداپارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) بەنگۇڭتىڭى (ئىشخانىسى) ]بەنگۇڭتىڭ (ئىشخانا) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تارماقلار، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش [ نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش خىزمىتىنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى، تەشكىلات (كادىرلار ئىشلىرى) تارماقلىرى، تەشۋىقات تارماقلىرى، كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ھەم ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار مەۋقەنى فۇنكسىيە ۋە مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ ماسلىشىپ، سۆزلەشمەكچى بولغان نامزات توغرىسىدىكى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، ئېھتىياجغا قاراپ خادىم ئەۋەتىپ سۆزلىشىشكە قاتناشتۇرىدۇ.

7 - ماددانازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇشتا، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى سۆزلەشكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئايرىم سۆزلىشىش شەكلىنى قوللىنىپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق)، ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن)، يېزا، بازار (كوچا باشقارمىسى)لىق پارتىيە (پارتىيە خىزمىتى) كومىتېتى شۇجىلىرىغا قارىتا قەرەللىك سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرغاندا، بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېت شۇجىلىرى سۆزلەشكۈچى بولۇشى كېرەك.

8 - ماددانازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇشتا، سۆزلىشىشنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن سۆزلىشىش مەزمۇنىنى بېكىتىپ، باش تېمىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىش، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كونكرېت ئادەم، كونكرېت ئىش، كونكرېت ئىدىيەسىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش، نەتىجىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتىن ساقلىنىش، ياخشىچاق بولۇش، ئۆزىنى قوغداشتىن ساقلىنىش، ھەممە تەرەپنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش، رەسمىيەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

9 - مادداقەرەللىك سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇشتا، سۆزلەشكۈچى سۆزلىشىش تەييارلىقىنى ئەستايىدىل ياخشى قىلىپ، «پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بەلگىلىمىسى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ <بىرىنچى باشلىق> ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى» قاتارلىق نىزام خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ، سۆزلىشىشنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە ئۇ تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىشى كېرەك. سۆزلىشىشنى قوبۇل قىلغۇچى يۇقىرىقى نىزام خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ۋە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش جەھەتتە ساقلانغان پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىشى كېرەك.

ۋاقتىدا سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇشتا، سۆزلەشكۈچى دىققەتنى سۆزلىشىشنى قوبۇل قىلغۇچىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سۆزلىشىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشى كېرەك.

10 - مادداقەرەللىك سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرغاندا، تۆۋەندىكى قەدەم - باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك:

(1) سۆزلىشىشنى قوبۇل قىلغۇچى ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش؛

(2) سۆزلەشكۈچى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، مەسىلىلەرنى كەسكىن كۆرسىتىپ بېرىش؛

(3) سۆزلىشىشنى قوبۇل قىلغۇچى ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزاھات بېرىش؛

(4) سۆزلەشكۈچى تۈزىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛

(5) سۆزلىشىشنى قوبۇل قىلغۇچى ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلىش.

ۋاقتىدا سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرغاندا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ بېرىش ھەم مۇناسىۋەتلىك خاتىرە شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

11 - مادداسۆزلىشىشنى قوبۇل قىلغۇچى نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىشتە كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، سۆزلىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەم سۆزلىشىشتىن كېيىنكى ئىدىيەۋى تونۇشى، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرغان پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)غا دوكلات قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىشقا دائىر تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

سۆزلىشىشنى قوبۇل قىلغۇچى سۆزلىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرغان پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)غا تۈزىتىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك.

12 - مادداپارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) بەنگۇڭتىڭى(ئىشخانىسى) سۆزلىشىش خاتىرىسى، سۆزلىشىشنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ تۈزىتىش تەدبىرى ھەم تۈزىتىش ئەھۋالى قاتارلىق ماتېرىياللارنى جەملەپ ساقلىشى ھەم ئالاقىدار ئەھۋاللارنى شۇ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى (شۇ ئورۇندا تۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى)، تەشكىلات (كادىرلار ئىشلىرى) تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا كۆچۈرۈپ يوللىشى كېرەك.

13 - مادداپارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تىزىملىكىنى تۈزگەندە ۋە يىللىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇشنى رەھبەرلىك بەنزىسى ھەم ئۇنىڭ ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك.

پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) ھەر يىلى يىل بېشىدا يوللىغان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىدا، ئالدىنقى يىللىق نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى مەخسۇس دوكلات قىلىشى كېرەك. پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) شۇجىسى نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ھەر يىلى بېرىدىغان خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك.

14 - ماددايۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى باھالاش، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى باھالاش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك باھالاش خىزمەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) ھەم ئۇنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىشى كېرەك.

15 - ماددايۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش داۋامىدا، نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى، تەشكىلات (كادىرلار ئىشلىرى) تارماقلىرى پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى، سۆزلىشىشنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ تۈزىتىش ئەھۋالىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىشقا كىرگۈزۈشى كېرەك.

16 - ماددانازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش پارتىيە تەشكىلاتى تېخى ئاشكارىلىمىغان ئىشلار ياكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا تېگىشلىك باشقا مەزمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئالاقىدار خادىملار مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى كېرەك.

17 - مادداتۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بەلگىلىمە ۋە ئىنتىزام بويىچە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك:

(1) پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) ھەم ئۇنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى توغرا ئادا قىلمىغان بولسا؛

(2) سۆزلىشىشنى قوبۇل قىلغۇچى نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلەشكەندە ئەھۋالنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان بولسا؛

(3) سۆزلىشىشنى قوبۇل قىلغۇچى تۈزىتىش تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەي، ئەپلەپ - سەپلەپ تۈزەتكەن، ساختا تۈزەتكەن، ھەتتا ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغان بولسا؛

(4) جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار.

18 - ماددائارمىيە مۇشۇ چارىگە ئاساسەن، ئارمىيەدىكى پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزسە بولىدۇ.

19 - ماددابۇ چارىنى چۈشەندۈرۈشكە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەسئۇل بولىدۇ.

20 - ماددابۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.