شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى «باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى» ناملىق كىتاب يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىندى. يېڭى دەۋردىكى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن تارىخىي مۇساپىنى ھەقىقىي، جانلىق خاتىرىلەش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) بىرلىكتە يېڭى دەۋردىكى «تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر»گە دائىر بىر قاتار ئاغزاكى ماتېرىياللارنى توپلاش ۋە رەتلەش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. تۇنجى تۈركۈمدە قانات يايدۇرۇلغىنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش» توغرىسىدىكى ئاغزاكى سۆھبەت.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى قىيىن مەسىلە ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپىنى تاماملاپ، خەلق رازى بولىدىغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان دەۋر جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى. بۇ كىتابتا ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋەقەلەر، ۋەكىل خاراكتېرلىك شەخسلەر ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، باشتىن كەچۈرگۈچىلەرنىڭ بايانى ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەرگە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ مۇتلەق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغان تارىخىي مەنزىرە قايتا نامايان قىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تاۋلىنىپ شەكىللەنگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى جانلىق نامايان قىلىنىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتى تولۇق نامايان قىلىنغان. بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى جۇڭگونىڭ نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنى دەسلەپكى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى، نامراتلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە نەزەرىيە تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرىنچى قول تارىخىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگونىڭ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن مۇستەقىل بىلىم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى قىممەتلىك بايلىق بىلەن تەمىنلىدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى جانلىق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى.