​مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى خالاش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ماھىرلىق بىلەن زىممىگە ئېلىشنى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك

2026-03-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى خالاش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ماھىرلىق بىلەن زىممىگە ئېلىشنى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 5 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى خالاش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ماھىرلىق بىلەن زىممىگە ئېلىشنى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 12 - ئايدىن 2025 - يىلى 12 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندە.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ، قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىغا ئېھتىياجلىق. يېڭى مۇساپىدە، ھەممە يولنىڭ تەكشى، داغدام بولۇشى ناتايىن، بىز نۇرغۇن زور خىرىس، زور خەۋپ - خەتەر، زور توسالغۇ، زور زىددىيەتكە دۇچ كېلىمىز، رەھبىرىي كادىرلاردا جەزمەن كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھى بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئىجتىھات بىلەن ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، دائىم غېمىدە بولۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ۋەزىپىنى ياخشى ئادا قىلىشى، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى ھەم سىياسىي پەزىلەت، ھەم مەمۇرىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى مەسئۇلىيەت. قانچە چوڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغاندا، ئاندىن شۇنچە چوڭ ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ، قانچە چوڭ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلغاندا، ئاندىن شۇنچە چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. ئەمەلدار بولۇشنىلا ئويلاپ، ئىش قىلىشنى ئويلىمىسا بولمايدۇ، ھوقۇق تۇتۇشنىلا ئويلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ئويلىمىسا بولمايدۇ، نام چىقىرىشنىلا ئويلاپ، كۈچ چىقىرىشنى ئويلىمىسا بولمايدۇ. پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلەر ئالدىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش، زىددىيەت ئالدىدا دادىللىق بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەش، كىرىزىس ئالدىدا دادىللىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش، سەۋەنلىك ئالدىدا دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ناتوغرا ئىستىل، ناچار خاھىش ئالدىدا دادىللىق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئىش ئورنى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىشى، قىيىن ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىشى كېرەك. پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، مۇھىم مەسىلىلەردە، پىرىنسىپال مەسىلىلەردە بايرىقى روشەن بولۇشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەھبىرىي كادىرلاردا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان كەڭ يەلكە بولۇپلا قالماي، يەنە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ھەقىقىي قابىلىيەت بولۇشى كېرەك. ھەم دادىل ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشى، ھەم سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك؛ ھەم قەتئىي ئىرادە بىلەن تەرەققىياتنى تۇتۇشى، ھەم تەرەققىياتنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇشى كېرەك؛ ھەم باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھاتنى تۇتۇشى، ھەم ئىسلاھاتنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇشى كېرەك؛ ھەم زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىشى، ھەم زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك؛ ھەم ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ھەقىقىي ئىش قىلىدىغان ئاڭلىقلىققا ئىگە بولۇشى، ھەم ئىش قىلىشنى بىلىدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان قابىلىيىتى بولۇشى كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى بىلەن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە. قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلغاندىلا، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا تولۇق ئەركىنلىك ۋە كەڭ بوشلۇققا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. پاكلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، پاك بولۇش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى تىرىشىپ ئىشلەش بىلەن ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا پاك بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، دادىل ھالدا ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش تەس بولغان مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھام بېرىش ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، بىر - بىرىگە زىت ئەمەس. قاتتىق بولۇش كۆپچىلىكنى جانسىز باشقۇرۇپ، كىشىلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان، دادىل ئىش قىلالمايدىغان، چۈشكۈن، ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان بۇرۇقتۇرما ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش بولماستىن، بەلكى يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قائىدە تۇرغۇزۇش، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا پايدىلىق ياخشى مۇھىت يارىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى يەنىمۇ قوزغاشتىن ئىبارەت. تەشكىل مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالغاندا، كادىرلار ئاندىن ئىشەنچكە تولىدۇ. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇش، مەسئۇل بولغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇش، ئىش قىلغۇچىلارغا يار - يۆلەك بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈرلۈك ئامىللارنى كۈچەپ تۈگىتىش كېرەك. ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى تەكىتلەيدىغان روشەن يۆنىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۈكنى زىممىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش - قىلالماسلىق، ئىش قىلىشنى خالاش - خالىماسلىق، ئىش قىلىش - قىلالماسلىقنى كادىرلارنى پەرقلەندۈرۈش، ئەلالار بىلەن ناچارلارغا باھا بېرىش، مۇكاپاتلاش - جازالاش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش - تۆۋەنلىتىشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، كادىرلارنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقى، قانچىلىك ئىش قىلغانلىقى، قىلغان ئىشىنى تەشكىل ۋە ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلغان - قىلمىغانلىقىنى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى قىلىپ، دادىل مەسئۇل بولىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ - تەيىنلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى خالاش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ماھىرلىق بىلەن زىممىگە ئېلىشنى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك.