مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا نامزات كۆرسىتىش ۋە مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لارنى كۆرسىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقاتتى

2026-03-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسىيېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «<1 - ئىيۇل ئوردېنى>غا نامزات كۆرسىتىش ۋە مەملىكەت بويىچە <ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار>لارنى كۆرسىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى نامىدا «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى ۋە مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى تەقدىرلەشنى قارار قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى باھالاش - تارقىتىش ۋە مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لارنى باھالاش - تەقدىرلەش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تۆھپىكار نەمۇنىچىلار ۋە ئىلغار تىپلارنىڭ روھىي سالاپىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، كەڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەرقايسى سەپ، ھەرقايسى ساھە، تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك؛ ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، كۈرەش قىلىپ تۆھپە قوشۇش، پاك - دۇرۇس بولۇشتەك ئالىيجاناب پەزىلەت ۋە يۈكسەك روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىلغارلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا نامزات كۆرسىتىش ۋە مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لارنى كۆرسىتىش سانى، شەرتى ۋە چارىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. نامزات كۆرسەتكەن ھەرقايسى ئورۇنلار (كۆرسەتكەن ئورۇنلار)دىن تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇش؛ پارتىيە ئىچىدىكى ئالاقىدار نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم، شەرت ۋە تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ رەھبەرلىك ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش؛ سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆرسىتىلگەن نامزات ۋە كۆرسىتىلگەن ئوبيېكتلارنىڭ ئىزچىل ئىپادىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تۆھپە قوشۇش، ئامما ئېتىراپ قىلىشنى باھالاش ئۆلچىمى قىلىش؛ دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ئىلغارلىق خاراكتېرى، ۋەكىللىك خاراكتېرى، دەۋر خاراكتېرىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈش تەلەپ قىلىندى.