ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىش كېرەك

2026-04-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىش كېرەك


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 8 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2013 - يىلى 3 - ئايدىن 2025 - يىلى 3 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندە.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كىتاب ئوقۇش ئىنسانلارنىڭ بىلىمگە ئېرىشىش، ئەقىل - پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇش ۋە ئاشۇرۇش، ئەخلاق يېتىلدۈرۈشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ، كىشىلەرنى ئىدىيەۋى ئىلھامغا ئېرىشىش، ئالىيجاناب غايە تىكلەش، ئۇلۇغۋار روھ يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. تارىخ ئۆگەنگەندە مۇۋەپپەقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەتنى كۆرگىلى، ئېرىشىش بىلەن يوقىتىشنى ئەينەك قىلغىلى، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلگىلى بولىدۇ؛ شېئىر ئۆگەنگەندە مېھىر - مۇھەببەتنى كۈچەيتكىلى، يۈكسەك ئىرادە يېتىلدۈرگىلى، ئىلھامنى قوزغىغىلى بولىدۇ؛ ئېتىكا ئۆگەنگەندە ئار - نومۇسنى بىلگىلى، شەرەپ - نومۇسنى چۈشەنگىلى، ھەق - ناھەقنى ئايرىغىلى بولىدۇ. كىتابنى كۆپ ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ئىدىيە مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى كۈچەيتكەندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى تېخىمۇ بېيىتقىلى، چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كوممۇنىستلار ماركسىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇش، ماركسىزم قائىدىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى بىر خىل تۇرمۇش ئادىتىگە، بىر خىل مەنىۋى ئىنتىلىشكە ئايلاندۇرۇپ، كىلاسسىك ئەسەرلەر ئارقىلىق توغرا كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈشى، ئىدىيەنى تاۋلىشى، مەنزىلنى يۈكسەلدۈرۈشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. كادىرلار خىزمەت ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، نېمە ئىش قىلسا شۇنى ئۆگىنىش، نېمە كەمچىل بولسا شۇنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ماركسىزم نەزەرىيەسى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىقتىساد، سىياسىي، قانۇن، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، باشقۇرۇش، ئېكولوگىيە، خەلقئارا قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئۇل خاراكتېرلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يېڭى بىلىم، يېڭى ماھارەتلەرنى ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان بىلىم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. كەڭ ياشلار ئۆگىنىشنى تۇتۇپ، ھەم ۋاقىتنى ئالتۇندەك قەدىرلەپ، ھاردىم - تالدىم دېمەي، پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش، كۆڭلىنى توختىتىپ كىتاب ئوقۇشقا كۈچ سەرپ قىلىشى، ھەم ئاساسىي لىنىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مېغىزىنى تاللاپ، تىرىشىپ ھەم بىلىملىك، ھەم كەسپىيلەشكەن بولۇشنى، قانچە بىلىملىك بولغانسېرى شۇنچە كەسپىيلەشكەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ۋاقىت چىقىرىش بىلەن ئىزدىنىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆپ كىتاب ئوقۇپ، ياخشى كىتاب ئوقۇپ، كىتابتىن ئەقىل - پاراسەت ۋە ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش كېرەك، ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، ئۆگىنىشكە پەرۋا قىلماسلىققا بولمايدۇ، خىزمەتنىڭ بەك ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۆگىنىشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆگىنىشكە بولمايدۇ. كۆڭۈل قويۇش كېرەك، مۇھىمى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشتا، مۇھىمى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشتە، ئالدىراقسانلىق قىلىشقا، ئىشنى باشلاپ قويۇپلا بولدى قىلىشقا، چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئىنتىلمەسلىككە بولمايدۇ. بىر كۈندە مەيلى يېرىم سائەت ۋاقىت ئاجراتسىمۇ، مەيلى نەچچە بەت كىتاب ئوقۇسىمۇ، پەقەت قەتئىي داۋاملاشتۇرسىلا، چوقۇم ئاز - ئازدىن توپلىنىپ كۆپىيىدۇ، قۇم يىغىلىپ تاغ بولىدۇ، قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەپ، ئۇزۇن سەپەرنى باسقىلى بولىدۇ. رەقەملىك ئوقۇش بىلەن ئەنئەنىۋى ئوقۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى يادرويىمىز ۋە ساپايىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي خەلق ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىدىغان ئۆگىنىشچان جەمئىيەت، ئۆگىنىشچان چوڭ دۆلەت بەرپا قىلىپ، ھەممە ئادەم ئۆگىنىش، ھەممە جايدا ئۆگىنىش، ھەر ۋاقىت ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن كىتاب ئوقۇپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىدار - قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، خۇشال - خۇرام كىتاب ئوقۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كىتاب ئوقۇشقا قاتنىشىپ، كىتاب ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلاش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش قويۇق كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.