مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7 - گۇرۇپپىسىنىڭ ئىستىل ۋە ئىنتىزام بويىچە نازارەت قىلىش، پاش قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

2026-05-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7 - گۇرۇپپىسى 2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ. ھازىر «مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش ئىنتىزام بەلگىلىمىسى»نى ئاشكارىلىدۇق، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ھەم ئۇنىڭ ئەزالىرىنى نازارەت قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ھەم ئۇنىڭ ئەزالىرىدا «مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش ئىنتىزام بەلگىلىمىسى»گە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنى بايقىساڭلار، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى ئورگان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئىنكاس قىلساڭلار بولىدۇ. خەت ساندۇقىنىڭ ئادرېسى: بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونى شەرقىي چاڭئەن كوچىسى 12 - نومۇر، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رىۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، پوچتا نومۇرى: 100006.

مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7 - گۇرۇپپىسى

2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى