
ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى باھالاش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
«باھالاش چارىسى»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشى، تۈپتىن ئەسلىگە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش سەۋىيەسىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكرى» ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بۇ چارە تۈزۈپ چىقىلدى.
«باھالاش چارىسى» ھەرقايسى ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى باھالاشقا تەتبىقلىنىدۇ.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، باھالاش خىزمىتىنى مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى باشلامچى بولۇپ تەشكىللەيدۇ، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرىدۇ.
«باھالاش چارىسى»دە بەش جەھەتتىكى باھالاش مەزمۇنى دەل جايىدا تەسىس قىلىندى: بىرىنچى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى. ئىككىنچى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يىللىق ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى. ئۈچىنچى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى. تۆتىنچى، مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمى ئەھۋالى. بەشىنچى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى.
باھالاش نەتىجىسىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، «باھالاش چارىسى»دە مۇنداق ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: باھالاش نەتىجىسىنى ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئالاقىدار رەھبىرىي كادىرلارنى ئۇنىۋېرسال باھالاش، باھا بېرىش، مۇكاپاتلاش - جازالاش، تەيىنلەش - قالدۇرۇشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقا ئالاقىدار مالىيە مەبلىغىنى تەقسىملەشتە پايدىلىنىش ئاساسى قىلىنىدۇ.