​ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش ۋە زورايتىش كېرەك

2026-05-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش ۋە زورايتىش كېرەك


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 10 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش ۋە زورايتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2016 - يىلى 12 - ئايدىن 2025 - يىلى 12 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندە.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئەمەلىي ئىقتىساد بىر دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ قەد كۆتۈرۈش ئاساسى، بايلىق يارىتىشنىڭ تۈپ مەنبەسى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى. ئىقتىساد تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمەلىي ئىقتىساد دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ، بىزنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزنىڭ ئاساسى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىپ قەد كۆتۈرگەن، شۇنداقلا ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىدۇ. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق ئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا قاراپ توپلىنىشى، سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا قاراپ مايىللىشىشى، خىزمەت كۈچىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا قاراپ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش ۋە زورايتىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ياسىمىچىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسى، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش كېرەك. كەسىپ ئاساسىنى قايتا يارىتىش قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم تېخنىكا - جابدۇق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ماددىي تېخنىكا ئاساسى سېلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش كېرەك. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جەزمەن شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش، كېلەچەك كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ باشلامچىلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، بىخەتەر تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى كەمتۈكلۈكنى تېز تولۇقلاش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما، توپلاشما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيوتېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق، يېشىل، مۇھىت قوغداش قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى ئېشىش موتورلىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان مۇلازىمەت كەسپى يېڭى سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك راۋان ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىش، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىساد پۇل مۇئامىلىنىڭ ئاساسى، پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تومۇرى، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش پۇل مۇئامىلىنىڭ بۇرچى. دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلىسى جەزمەن ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ مەۋھۇم يولدا مېڭىشقا قەتئىي بولمايدۇ.