مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش ئىنتىزام بەلگىلىمىسى

2026-05-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئىنتىزام - بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىپ، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشنىڭ ياخشى ئوبرازىنى قوغداپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇش ۋە ئۇنى پاك، ئۆلچەملىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى» «ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى نىزامى» «مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش - تۈزەش خىزمىتى چارىسى» قاتارلىقلارغا ئاساسەن، نازارەت قىلىش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام بەلگىلىمىسى تۆۋەندىكىچە تۈزۈپ چىقىلدى.

1. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

2. نازارەت قىلىشنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەستىقىي يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نازارەت قىلىشنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە، ئوبيېكتىپ، ئادىل، دەل جايىدا، ئىلمىي قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

3. جەزمەن تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، تەشكىلنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىپ، نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش ۋە رۇخسەت سوراش - دەم ئېلىشتىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىش جەريانىدا بايقالغان مۇھىم ئەھۋال ۋە زور مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك، ئۆز مەيلىچە ئىپادە بىلدۈرۈشكە، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ياكى شەخسىي تەشەببۇسىنى سىرتقا ئېلان قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىردەك بولمىغان سۆز، ماقالە قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

4. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، پارتىيە ئىچىدىكى تەشكىلىي تۇرمۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

5. كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىش، ئۆتكەلنى قاتلاممۇ قاتلام ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، زور مەسىلىلەرگە بولغان كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىش ۋە تەدبىر بەلگىلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر، تىپىك دېلو مىساللىرىنى نازارەت قىلىش دوكلاتىدا تولۇق گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىش دوكلاتىنى ئايرىم تەكشۈرۈپ بېكىتىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

6. نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە قائىدىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىش خىزمەت تەرتىپىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە، ئاددىيلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ، بايقالغان مەسىلە يىپ ئۇچلىرىنى ئۆز مەيلىچە چىقىرىۋېتىش، ئازايتىش، يوشۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ، زىيارەت قىلىش، سۈرۈشتۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئىچىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆۋەنگە چوڭقۇر چۆكۈپ نازارەت قىلىش مەزگىلىدە، ئىنتىزام ۋە قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مۇھىم ئىشلاردا نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ۋاقتىدا يوليورۇق سوراش ھەم دوكلات قىلىش كېرەك، ئۆز مەيلىچە قارار قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

7. مەسىلە يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇش ئەسلىي نۇسخىسىنى ساقلاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەتكە تۇرغۇزۇشتا بايقالغان بارلىق مەسىلە يىپ ئۇچى ۋە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئەھۋالى، يەكۈنىنى تولۇق خاتىرىلەپ ساقلاش كېرەك، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆز مەيلىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا، تەڭشىشىگە يول قويۇلمايدۇ. تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندا، مەسىلىنىڭ داۋاملىق ساقلىنىۋاتقان - ساقلانمايۋاتقانلىقىنى بېكىتىش ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

8. ئارىغا ئادەم قويۇش، سەمىگە سېلىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئالاقىدار ئىشلارنى ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق ئالاھىدە غەمخورلۇققا ئېرىشىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى يېنىكلىتىپ نازارەت قىلىش خىزمىتىگە كاشىلا قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئارىغا ئادەم قويۇش، سەمىگە سېلىش قىلمىشلىرىنى بايقىغاندا، ئەينەن خاتىرىلەش ھەم دوكلات قىلىش كېرەك.

9. نازارەت قىلىش خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىشقا يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلىش خىزمىتى جەريانىدا نازارەت قىلىنىۋاتقان ئوبيېكتنىڭ نورمال خىزمىتىگە ئارىلىشىشقا يول قويۇلمايدۇ، نازارەت قىلىنىۋاتقان ئوبيېكتنىڭ كونكرېت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلماسلىق كېرەك، نازارەت قىلىنىۋاتقان ئوبيېكتقا نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتسىز تەلەپلەرنى قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ. پاكىتنى يوشۇرۇشقا، بۇرمىلاشقا، ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا يول قويۇلمايدۇ، ئېكولوگىيە - مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش بويىچە مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى ۋە تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە، ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك.

10. مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار سەزگۈر ئۇچۇر ۋە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاشقا يول قويۇلمايدۇ، ئالدىن ئاشكارىلاپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ، نازارەت قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار سەزگۈر ئۇچۇر ۋە مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ماتېرىياللارنى ئۆز ئالدىغا ساقلاشقا يول قويۇلمايدۇ. خىزمەت ئورنىدىن باشقا سورۇنلاردا نازارەت قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىشىش ياكى نازارەت قىلىشنىڭ ئىچكى ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ ھەرقانداق شەكىلدە مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرگە نازارەت قىلىشقا ئالاقىدار ھەرقانداق ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ قويۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ. تەستىقلاتماي تۇرۇپ نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى سىرتقا ئېلان قىلىش ياكى زىيارەتنى قوبۇل قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاشكارىلانمىغان ھەرقانداق نازارەت قىلىش ماتېرىيالىنى ئۆز مەيلىچە سىرتقا ئاشكارىلاپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

11. شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ساقلىنىپ، يۈزەكى ئىش قىلىش، شەكىلۋازلىق قىلىش، رەسمىيەتچىلىك قىلىشنى قاتتىق چەكلەپ، نازارەت قىلىنىۋاتقان ئوبيېكتلارنىڭ نازارەت قىلىشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئاق - قارىنى ئايرىماي مەركەزلىك ئىش توختىتىش، تىجارەتنى توختىتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش قاتارلىق «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ئەمەلىي خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئالدۇرۇپ كۆرىدىغان ماتېرىياللارنىڭ سانى ۋە دائىرىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىنىۋاتقان ئوبيېكتلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك. نەق مەيدانغا بېرىپ نازارەت قىلغاندا بىردەك سەپەرگە يېنىك ئاتلىنىش، نازارەت قىلىنىۋاتقان ئوبيېكتلارنىڭ قاتلاممۇقاتلام ھەمراھ بولۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىتا، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، كەسكىن رەت قىلىش كېرەك.

12. «بىرنى نازارەت قىلىش، ئىككىنى دوكلات قىلىش» (نازارەت قىلىش دوكلاتى، پاكلىق دوكلاتى) تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكىگە پائال ماسلىشىپ، ئىنتىزام، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، پاكلىق ئەسكەرتمىسىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك پاكلىق خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. نازارەت قىلىشنى كەسكىن، ئەمەلىي، پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك.

13. نازارەت قىلىش خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەشكە ياكى باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ. ھاۋالە قىلغۇچى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ياكى تۇرۇشلۇق ئورۇن ئۈچۈن تېما ياكى تۈرلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، مۇھىتقا دائىر قانۇن ئىجراسى، نازارەت قىلىش بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، كارخانا تىجارەت پائالىيىتى، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش ۋە تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن دەپ قويۇش، ئۇچۇر بېرىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئىچكى ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

14. نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. سوۋغاتلىق پۇل، سوۋغات، باھالىق ئاكسىيە ۋە شەكلى ئۆزگەرتىلىپ ھەدىيە قىلىنغان باشقا بۇيۇملارنى قوبۇل قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، ساقلىق ساقلاش خاراكتېرلىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، ئەدەبىيات - سەنئەت، تەنتەربىيە قاتارلىق تىجارەت خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنىڭ كىرىش بېلىتىنى قوبۇل قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، نازارەت قىلىنىۋاتقان ئوبيېكت ھەم ئالاقىدار ئورۇنلاردا شەخسلەر تۆلەشكە تېگىشلىك ھەرقانداق خىراجەتنى ئاتچوت قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلىنىۋاتقان ئوبيېكت ھەم ئالاقىدار ئورۇنلار ئارقىلىق ئائىلە تەۋەلىرى ياكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى كۈتۈۋېلىپ ساياھەت قىلدۇرۇشقا، دەم ئالدۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە، خىزمەت ئېھتىياجى ھەم تەستىقلانغانلىرىدىن باشقا، مەشھۇر ئاسار - ئەتىقىلەر، مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

15. ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراشقا يول قويۇلمايدۇ، نازارەت قىلىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان دائىرىدىكى ئاممىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقا ئالاقىدار ئەرز قىلىشى، پاش قىلىشىغا قارىتا بىردەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ۋاقتىدا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك، پاسسىپلىق قىلىش، ئەپلەپ - سەپلەپ ئىش قىلىشقا ياكى بىر - بىرىگە بەس سېلىشقا، ئارقىغا سۆرەشكە يول قويۇلمايدۇ.

16. نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتلار ۋە ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، نازارەت قىلغۇچى خادىملارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى قوغداش كېرەك، ئېگىزدە تۇرۇپ تۆۋەنگە قاراشقا، ھاكاۋۇرلۇق قىلىشقا، قوپال بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلىش خىزمىتى سورۇنىدا خالىغانچە كىيىنىشكە يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلغۇچى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئوبرازى ۋە ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان سورۇن ۋە پائالىيەتلەرگە بېرىشقا يول قويۇلمايدۇ.

17. ياتاق ئۆلچىمى ۋە بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك، نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە تۇرۇشلۇق مېھمانخانا مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كاماندىروپكا ياتاق پۇلى ئۆلچىمىگە ئاساسەن ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇشنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، ئارىلىقتا ئايرىلغاندا زۆرۈر بولمىغان ياتاقلارنى بوشىتىپ قايتۇرۇۋېتىش كېرەك، كىرىپ ئورۇنلىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بارلىق ياتاقلارنى ۋاقتىدا بوشىتىپ قايتۇرۇۋېتىش كېرەك. تۇرۇۋاتقان جاينىڭ سىرتىدا ئۆز مەيلىچە قونۇشقا يول قويۇلمايدۇ، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى نامىدا تۇرۇشلۇق جايدا ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى ھەم باشقا كىشىلەرنى ياتاقتا قوندۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

18. كۈتۈۋېلىش ئۆلچىمى ۋە بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كاماندىروپكا خىراجىتى تاماق ياردەم پۇلى ئۆلچىمى دائىرىسىدە خىزمەت تامىقى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، زىياپەت قوبۇل قىلماسلىق، تېجەشلىك بىلەن غىزالىنىش، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى توسۇش كېرەك. نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتقا ئۆلچەم بويىچە تاماق پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك.

19. نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە، تۇرۇشلۇق جايدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، ئۆز ئالدىغا مېھمان قوبۇل قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ؛ يۇرتداشلار، مەكتەپداشلار، سەپداشلار قاتارلىقلار تەشكىللىگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا يول قويۇلمايدۇ؛ ھاراق ئىچىشكە يول قويۇلمايدۇ، سىرتقا چىقىپ ئۆز خىراجىتى بىلەن كوللېكتىپ يىغىلىپ تاماق يېيىشكە يول قويۇلمايدۇ.

20. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كاماندىروپكىغا چىققاندا قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكت ھەم ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ قاتناش قورالى، خەۋەرلىشىش قورالى ۋە ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنى ئۆز مەيلىچە ئارىيەت ئېلىشقا ۋە ئىگىلىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ، خىزمەت ئاپتوموبىلىنى ئۆز مەيلىچە ھەيدەشكە يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە، ھەقىقەتەن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتنىڭ شەھەر ئىچىدىكى قاتناش ئاپتوموبىلىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەملىشىشىگە توغرا كەلسە، نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتقا ئۆلچەم بويىچە قاتناش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.