ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جاسارەت بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقايلى

2026-06-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ چاۋشيەن تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جاسارەت بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقايلى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىڭراڭ، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، پىڭراڭغا بېرىپ چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى» گېزىتىدە «ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جاسارەت بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جاسارەت بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقايلى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىشى جىنپىڭ

بۇ يىل «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى يولداش جىن جېڭئېننىڭ تەكلىپى بىلەن، مەن پات ئارىدا چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. بۇ مېنىڭ يەتتە يىلدىن كېيىن گۈزەل چاۋشيەندە يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشۇم. مەن باش شۇجى جىن جېڭئېن بىلەن جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقى توغرىسىدا ئورتاق سۆزلىشىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەت. جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى. دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشى، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقى باشتىن - ئاخىر مۇستەھكەم بولدى، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا قىلچە تەۋرەنمىدى، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى.

ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىن ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلىش جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. تارىختا، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ ۋە ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئىنتايىن يېقىن ئۆتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن باش شۇجى جىن جېڭئېن بىلەن ئالتە قېتىم سۆھبەتلىشىپ، قويۇق ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ چىقتۇق. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ پاراخوت ئالىي رەھبەرلەرنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى بىلەن مۇقەررەر ھالدا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، باتۇرانە ئالغا باسىدۇ.

سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ روشەن ئاساسىي رېڭى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ئوخشاشلا ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەت سوتسىيالىزم يولىدىكى سەپەرداشلار. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ ئۆز پارتىيەمىز ۋە ئۆز دۆلىتىمىز ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتسەكلا، مۇقەررەر ھالدا دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى ۋە پارلاق ئىستىقبالىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلالايمىز.

تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان ئەنئەنىۋى دوستلۇق جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر ئۇلى. دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قاينام - تاشقىنلىق يىللاردا، جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى دۆلەت خەلقى بەخت - سائادەتتە ۋە جاپادا بىللە بولۇپ، ھايات - ماماتتا ئۆزئارا يار - يۆلەك بولۇپ، ئىسسىق قېنى بىلەن ئۇلۇغ جەڭگىۋار دوستلۇقنى مۇجەسسەملىدى. ئۆز سوتسىيالىزم ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا، ئىككى دۆلەت خەلقى قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان يولداشلارچە دوستلۇقنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، دەۋر ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشى سىنىقىنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقى مۇقەررەر ھالدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، مەڭگۈ ياشنايدۇ.

يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى. رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى. ئىككى تەرەپ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى ئۆزئارا قوغداشنى قەتئىي قوللايدۇ، رايوننىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى قول تۇتۇشۇپ قوغدايدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقەررەر ھالدا تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت جاھاندىكى توغرا يولدا ئورتاق ياخشى ماڭىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان ۋە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى تەرەپ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلدى. جۇڭگو «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 9 - قۇرۇلتاينى غەلىبىلىك ئېچىپ، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان ۋە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەزگىلىنى ئاچتى.

جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش باشتىن - ئاخىر جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجېنى. ھازىر، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋېلىپ، يېڭى دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئالدى. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن ئىگىلەپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

− ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات توغرا يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. بىز ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىلىشىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ساقلاپ، ئۇرۇق - تۇغقاندەك دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرۇشىمىز، كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلىشىمىز كېرەك. «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيەدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى قاتلاملار پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

− ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىز يولنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىمىزنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشىمىزنى ئۆزئارا قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىككى پارتىيەنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.

− ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە دوستلۇقىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. جانلىق، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، دوستانە ئالاقىنى سىجىل جانلاندۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىيات رىشتىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.

− كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداش كېرەك. بىز دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش - ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇشىمىز، مىلىتارىزمنى تىرىلدۈرىدىغان، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بارلىق سۇيىقەست ۋە قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ئۇزاق يىللار داۋامىدا ئورتاق تاۋلاندۇق، ھەقىقىي ئالتۇن كۈچلۈك ئوتتا بىلىنىدۇ. بىز چاۋشيەنلىك يولداشلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ تېخىمۇ جۇلالىق دەۋر نۇرىنى چاقنىتىپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى - گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.