شى جىنپىڭ چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

2026-06-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشنى تونۇشتۇردى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېننىڭ تەكلىپى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلاردۇڭ شۆ،سۈن نەن) چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېننىڭ تەكلىپى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارەتتە بولۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ چاۋشيەندە يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى. زىيارەتتە بولۇش مەزگىلىدە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە باش شۇجى جىن جېڭئېننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى سىجىل، ساغلام، مۇقىم داۋاملىشىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى» دېدى ماۋ نىڭ.

ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەتتە بولۇشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.