مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى
«شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى تۇتۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان قانداق ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش، ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم دەۋر تېمىسىنى چۆرىدەپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، بۇ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى زور نەتىجە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيەدە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق؛ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيەۋى نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. «پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش» ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش»نىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئەڭ ئالىي پىرىنسىپى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»نىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا چىڭ تۇرۇش»نىڭ پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، مەيدانى ۋە قىممەت يۈزلىنىشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ «پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»نىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ تەلىپى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ «پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇش»نىڭ پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ «كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇش»نىڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ «يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان تەشكىلىي سىستېمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش»نىڭ پارتىيەنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە كۈچ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ «مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»نىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ «ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش»نىڭ پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ «قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»نىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ «چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش»نىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي فاڭجېنى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ «پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە - نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»نىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك ۋە تۈپ تەدبىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ «پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش»نىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك ھالقىلىق تۇتقا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيە پەزىلىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىگە مۇجەسسەملەنگەن مۇستەھكەم غايە - ئېتىقادنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىگە مۇجەسسەملەنگەن يۈكسەك تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىگە مۇجەسسەملەنگەن روشەن مەسىلە يۆنىلىشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىگە مۇجەسسەملەنگەن كۈچلۈك بۇرچ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىگە مۇجەسسەملەنگەن قويۇق خەلقچىل ھېسسىياتنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىگە مۇجەسسەملەنگەن ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇلنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئاڭلىق ھالدا ئۇنىڭدىن ھەقىقەت كۈچى ۋە پەزىلەت كۈچىنى ھېس قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيەت ئاساسى ۋە نەزەرىيە مەنبەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئەمەلىيەت تەجرىبىسىنىڭ يىغىنچاقلىنىشى ۋە ئىخچاملىنىشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنىڭ يەكۈنى ۋە ئەينىكى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەلەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، شەكىلۋازلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.