«شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئۇسۇلى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2026-07-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسىمەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئۇسۇلى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى» يېقىندا پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇشلۇقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامدا، ئامما ئارىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنىڭ داھىيسى بولۇپ، خەلق ئاممىسىغا باشتىن - ئاخىر چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر كۆزەتكەن. مەيلى يەرلىكتە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە بولسۇن ياكى مەركەزگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن بولسۇن، يولداش شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامنى قوللاپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى ئۇزاق مەزگىللىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار مول نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە ۋە ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەندى ۋە ئۇنى شەكىللەندۈردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئۇسۇلىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، ئاساسىي قاتلام دېگەن نېمە، قانداق قىلغاندا ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆككىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بۇ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. «شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئۇسۇلى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى»نى نەشر قىلىپ تارقىتىش ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئۇسۇلى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، تۈپ تەلىپى، ئىلمىي ئىدىيەسى، ئۈنۈملۈك شەكلى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن «شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئۇسۇلى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ۋە «شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئۇسۇلى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى»نى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ مۇھىم ئۆگىنىش مەزمۇنى قىلىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام خىزمەت قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.