«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومى جۇڭگو - سىرى لانكا ئوقۇرمەنلەر يىغىنى سىرى لانكانىڭ پايتەختى كولومبودا ئۆتكۈزۈلدى

2026-07-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كولومبو، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارۋۇ زىيۈ،چې خۇڭلياڭ)«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومى جۇڭگو - سىرى لانكا ئوقۇرمەنلەر يىغىنى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سىرى لانكانىڭ پايتەختى كولومبودا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق قارىدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرگەن نوپۇزلۇق ئەسەر بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو يولى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى، جۇڭگو داۋلىسىغا بولغان چۈشىنىشى، تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردىمى بار. يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن سىرى لانكا زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى سەپەرداشلار، بۇ قېتىمقى ئوقۇرمەنلەر يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئىككى دۆلەتنىڭ چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - سىرى لانكا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

سىرى لانكىنىڭ پارلامېنت باشلىقى جاجات ۋىكراماراتېنا مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومى دۇنيانىڭ جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىش تەدبىرى، تەرەققىيات پىكىر يولى، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوقۇپ چۈشىنىشىنى قىممەتلىك كۆرۈش نۇقتىسى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ئەسەردە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەمەلىي تەجرىبىلىرى خاتىرىلىنىپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى چوڭقۇر تەپەككۇرى نامايان قىلىنغان. سىرى لانكا جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى سىجىل كېڭەيتىپ، سىرى لانكا بىلەن جۇڭگونىڭ سەمىمىي ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سىرى لانكا مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ماتۇلا سېنېۋىراتنا مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئېنىق قۇرۇلمىسى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى مائارىپ ھەم مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان ھەم تارىخ تومۇرىنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايدىغان ھەرقانداق بىر دۆلەت بۇنىڭدىن قىممەتلىك ئىلھامغا ئېرىشەلەيدۇ.

سىرى لانكا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى جىگەنناگ ۋىلاسىنخا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمدە تەشكىللىيەلەيدىغانلىقىنى، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىققا تېخىمۇ ياخشى تەڭ ئەھمىيەت بېرەلەيدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

پائالىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا تەرەپنىڭ ئەزىز مېھمانلىرىغا «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسى، 2 - تومىنىڭ سىنگال تىل - يېزىقى نۇسخىسى كىتابىنى سوۋغا قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر دۆلەت ئىدارە قىلىش، يېشىل تەرەققىيات، ئوچۇق ھەمكارلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

بۇ قېتىمقى ئوقۇرمەنلەر يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇش: جۇڭگو بىلەن سىرى لانكا زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا بىللە مېڭىش» بولۇپ، جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە جۇڭگونىڭ سىرى لانكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. جۇڭگو بىلەن سىرى لانكا ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ساھە، ئالىي مەكتەپ، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ قاتارلىق ھەر ساھەسىدىن كەلگەن 300گە يېقىن كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.