«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
جياۋ يۈلۇچە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى بولۇش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 13 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جياۋ يۈلۇچە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى بولۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى قايتا ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزى.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەمىزنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىدا، ناھىيەلەر يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق ھالقا بولۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مۇقىملىقنى قوغداش، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى «بىرىنچى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى»، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى «بىرىنچى سەپتىكى باش قوماندان». قانداق قىلغاندا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟ يولداش جياۋ يۈلۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى بولۇشتا، جياۋ يۈلۇچە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى بولۇش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنى قەلبىگە پۈكۈش شەرت. پارتىيەگە سادىق بولۇش ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسىنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسىنىڭ قانداق ئىشلىگەنلىكىگە باھا بېرىشتە، نۇرغۇن ئۆلچەم بار، لېكىن ئاساسلىقى مۇشۇ ئۆلچەمگە قاراش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك بازىنى جەزمەن پارتىيەنى قەلبىگە پۈككەن، پارتىيەگە سادىق كىشىلەر چىڭ ساقلىشى كېرەك. سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭ ئىگىلەپ، تەشكىلىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، تەشكىلگە ئىشىنىشى، تەشكىلگە تايىنىشى، تەشكىلگە بويسۇنۇشى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغدىشى كېرەك. ماركسىزم نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەشنى ئالاھىدە قابىلىيەت دەپ قاراپ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك ھايات قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ «باش كەيگۇەن» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي مەيدان، سىياسىي پىكىر، سىياسىي ھەرىكەت جەھەتتە قائىدىگە ياخشى ئەمەل قىلىشى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغدىشى كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبكە پۈكۈش شەرت. جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پارتىيەمىزنىڭ تۈپ مەقسىتى. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن رەھبىرىي كادىرلار بولغاچقا ئاممىنى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشى كېرەك. خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، بولۇپمۇ خەلق نارازى بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش كېرەك. ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا چوقۇم توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش كېرەك، شەخسىي ئوبراز تىكلەش مەقسىتىدە، تېشى پال - پال، ئىچى غال - غال، خەلققە جاپا، مۈلۈككە زىيان سالىدىغان «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى»غا بېرىلىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئاساسىي ماھارەت قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەھۋال ئىگىلەپ، خەلقتىن ئەقىل سوراش كېرەك. ياخشى ئىستىل تىكلەپ، تىرىشچان - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، خەلقنى كۆزلەپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى ئاڭلىق توسۇشى ۋە تۈزىتىشى كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، باشتىن - ئاخىر مەسئۇلىيەتچان بولۇش شەرت. ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلەر يۈز مىڭلىغان، مىليونلىغان كىشىلەرگە چېتىلىدىغان ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، چىگىش ۋە مۇرەككەپ ئىشلارنى باشقۇرىدۇ. ئەمەلدار بولغان ئىكەنمىز، خىزمەتنى كۆتۈرەڭگۈ روھ، يۈكسەك جاسارەت، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شۇ جاي خەلقىگە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك. بېكىتىلگەن خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، ياخشى باشلاپ ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. پىلان ئىلمىي، ئەمەلىيەتكە ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، ياخشى تۈزۈلگەن بولسىلا، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە ئوخشاش، بىرىنىڭ ئىشىنى بىرى داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەش كېرەك. خىزمەتتىكى قىيىن مەسىلىلەر ئالدىدا، يولۋاس بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، تاغقا چىقىشقا جۈرئەت قىلىشتەك ئىرادە بىلەن، قىيىنچىلىقنى يېڭىشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جان تىكىپ تاقابىل تۇرۇش، بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش كېرەك. گەۋدىلىك زىددىيەتكە يولۇققاندا، ئۆزىمىزنى چەتكە ئالماي، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرمەي، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىشىمىز كېرەك. تاسادىپىي ۋەقەلەردە خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، تەمكىن، سالماق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، باشتىن - ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇش شەرت. ھوقۇقنى بىزگە پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن، ئۇنى پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئىشلەشكە ئىشلىتىش كېرەك، ھوقۇق شەخسنىڭ ئەمەس، بەلكى ئومۇمنىڭ، ئۇنى پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، دۆلەت ئۈچۈن ئىشلەش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش ئۈچۈنلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزۈپ، قانۇن بويىچە ئادىل ۋە پاك ئىشلىتىپ، كۆڭلىدە ئەيمىنىدىغان، سۆزىدە ئېھتىيات قىلىدىغان، ھەرىكىتىدە چەكلىمە بولىدىغان بولۇش، ئومۇم بىلەن شەخسنىڭ، ھېسسىيات بىلەن قانۇننىڭ، مەنپەئەت بىلەن قانۇننىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، تەرتىپ بويىچە تەدبىر بەلگىلەش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىدىكىلەرنىڭ ۋە ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ئەمما ھەممىگە چات كېرىۋالماسلىق، ئىش تەقسىم قىلىش، ئەمما ئايرىمىچىلىق قىلماسلىق، قويۇپ بېرىش، ئەمما تاشلىۋەتمەسلىك كېرەك. قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇننى ھۆرمەتلەش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ۋە قانۇننى تەتبىقلاشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ناھىيەنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ئارقىلىق پىلانلاشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. ئۆزىمىزگە باشتىن - ئاخىر قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پاك ئادەم بولۇشىمىز، پاكىز ئىش قىلىشىمىز، سەمىمىي ئەمەلدار بولۇشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ساغلام قىزىقىشقا ئىنتىلىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكىلەرنى ساغلام، ئىلغار ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىشقا يېتەكلىشى كېرەك.