«كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى

2026-07-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى

«كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسىيېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەلكۈن، ھۆلچىلىك، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز ۋە مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەۋقەنى زور كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قاتتىق قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنىدىن مۇداپىئەلىنىشكە قويۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىشى كېرەك. بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، يەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى، ساھە تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، ئالاقىدار كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل كىشىلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتلىرى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش ۋە قوماندانلىق قىلىش - ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەپ، مۇداپىئەلىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تاغلىق رايونلاردىكى كىچىك ۋادى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلار ۋە كېچە، قاتتىق يامغۇر يېغىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋاقىت بۆلەكلىرىدىكى قىسقا ۋاقىت ۋە دەماللىق ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپەت يۈز بېرىش ئالدىدىكى ئالدىن سىگنال بېرىش بويىچە «ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئەسكەرتىش» ۋە ئىزلاپ قايتما ئىنكاس قىلىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا ئاساسىي قاتلامدىكى مەسئۇل كىشى ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان ئاممىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تاغ جىلغىسى ئېغىزى، تار دەريا يولى، يانتۇلۇق، يار قاتارلىق يۇقىرى خەۋپلىك رايونلار، قۇرۇلۇش ئورنى، ئائىلىۋى مېھمانخانا، ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق كۆچمە خادىملار كۆپ جايلار ھەم ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتى، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلاردا «بىر نۇقتىغا بىر تەدبىر» بويىچە يۆتكىلىپ خەتەردىن ساقلىنىش مەيدانى ۋە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ ياشانغان، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، ھامىلدار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا مۇددەتتىن بۇرۇن كەسكىن ھالدا خەتەردىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۆتكەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يۆتكەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋادىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنى، ئوڭ - سول قىرغىقى، غول - تارماق ئېقىنلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، رايون ھالقىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تايانچ قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي، دەل جايىدا تەڭشەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋادى ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ كەلكۈن خەۋپىنى تۆۋەنلىتىپ، دەريا كەلكۈنىدىن مۇداپىئەلىنىش - تاقابىل تۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. توسمىنى تېشىپ ئۆتىدىغان ئىمارەت، خەتەرلىك قۇرۇلۇش، خەتەرلىك بۆلەك، تارىختا خەتەر كۆرۈلگەن نۇقتا، سۇ ئامبىرى توسمىسى، كەلكۈن چۈشۈرۈش يولى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنى چارلاشنى كۈچەيتىپ، چارلاش، مۇداپىئە كۆرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بايقالغان مەسىلە ۋە يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دەريا، كۆللەرنىڭ كەلكۈن ئاققۇزۇش، كەلكۈن ساقلاش بوشلۇقىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈن قاچىلاش رايونىدىن پايدىلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، زەي چىقىرىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدىكى قارا يامغۇر، كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تاقابىل تۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئۇل ئەسلىھە يوشۇرۇن خەۋپ خەتىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قاتناش ئەسلىھەلىرىدىكى ئېگىز يانتۇلۇق، ئېگىز تىندۇرما، جىددىي ئايلانما، تىك داۋان، سۇ بويى ۋە دەريا بويى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلار ھەم شەھەر ھاياتلىق لىنىيەسى ئەسلىھەلىرىدىكى ئويمان مەيدان - پونكىت، يەر ئاستى تۇرۇبا تورى، كونا تۇرۇبا لىنىيەسى قاتارلىق ئاجىز ھالقىلارنى گەۋدىلىك بىرمۇبىر تەكشۈرۈش كېرەك. ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق ۋاقىت بۆلىكىدە چارلاش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، خەتەرلىك ئەھۋال ئالامەتلىرىنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش كېرەك. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قاتارلىق چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە قۇرۇلۇۋاتقان قۇرۇلۇشلارنىڭ كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەكىتلەندى: خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش كېرەك. خەتەردىن قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش كۈچلىرى ۋە جابدۇق، ماددىي ئەشيا تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ۋە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇداپىئە كۆرۈشنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بويىچە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە يۆتكەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېز يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كەسپىي كۈچى قاتارلىق تۈرلۈك كۈچلەرنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، رايون جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەركىزىنىڭ ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ۋاقتىدا ئىلمىي خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كېرەك. خەۋەرلىشىشتە ئەڭ تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىش جابدۇقلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، يول، تور، توك ئۈزۈلۈپ قېلىشقا تاقابىل تۇرۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ۋاقتىدا ئالدىن ئاجرىتىپ، ئاپەت سۇغۇرتىسىنى ئالدىن تۆلەش، تېز تۆلەشنى ماسلاشتۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتەندۈرۈش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: بايلىقنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، كۈچنى بىرىنچى سەپكە يۈزلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاپەت خەۋپىنى پەرقلەندۈرۈش، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، لايىھە مانېۋىرى قاتارلىقلارغا بولغان كەسپىي يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، بولۇپمۇ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كادىرلارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۆز جايىنىڭ ئاپەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەش كۈچلىرىنى تولۇق قوزغاپ، ئاممىنى ئەتراپىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى ۋاقتىدا بايقاش، دوكلات قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش مانېۋىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەتەردىن ساقلىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنداق كۆرسىتىلدى: قۇرغاقچىلىقنىڭ ھۆلچىلىككە جىددىي ئايلىنىپ كېتىش خەۋپىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە جىددىي سۇ بىلەن تەمىنلەش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، كەلكۈن مەزگىلىدىكى نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، 24 سائەت مەخسۇس ئادەم نۆۋەتچىلىك قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدىكى نۆۋەتچىلىك كۈچلىرىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش مەزگىلىدە ئەھۋالغا قاراپ كۆپ تارماقلارنى بىرلىشىپ نۆۋەتچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ، خەتەرلىك ئەھۋال ۋە ئاپەت ئەھۋالىنى ۋاقتىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دىجورنىلىقنى كۈچەيتىپ، ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىشى كېرەك. ئۇچۇر يوللاش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش، خەتەرلىك ئەھۋال، ئاپەت ئەھۋالى ۋە مۇھىم خىزمەت ئۇچۇرلىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىش، چالا مەلۇم قىلىش، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىقنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.