«شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە دۇنيا» تېمىسىدىكى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2026-07-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يىنچۇەن، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارۋېن شىن، ليۇ خەي) 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە دۇنيا» تېمىسىدىكى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى نىڭشيا يىنچۇەندە ئۆتكۈزۈلدى، مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «زامانىۋىلىشىشقا ئاتلىنىش يولى: جۇڭگونىڭ نامرات نوپۇسنى ئازايتىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىن ئىلھام». زىمبابۋې ئافرىقا مىللىي ئىتتىپاقى − ۋەتەنپەرۋەرلىك سېپى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە ئاياللار ئىتتىپاقىنىڭ شۇجىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى چىنومونا، ماراكەش خەلق ھەرىكىتىنىڭ باش شۇجىسى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئوزمانى، ئاندېس پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بوئوركېس قاتارلىق 50 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 120 نەپەردىن ئارتۇق چەت ئەل پارتىيە رەھبەرلىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق قىسمەن ئەلچىلەر، ئاقىللار ئامبىرىدىكى ئالىملار ۋە تاراتقۇ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ خەيشىڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، نامرات نوپۇسنى ئازايتىشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى تېپىپ چىقىپ ھەم نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە نەزەرىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ نامرات نوپۇسنى ئازايتىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا جاسارەت ۋە ئىشەنچ قوشتى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ نامرات نوپۇسنى ئازايتىشى ئۈچۈن يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدەندى.

يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەللىك مېھمانلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو مۇتلەق نامراتلىقنى تەلتۆكۈس تۈگىتىشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى مۇساپىسىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەت. جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، نامراتلىق ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تەقدىر ئەمەس، جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆگىنىشكە، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان مول تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا بىزنى جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىغا، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلدى.