«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنى قازاقىستاندا تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاستانىدا ئۆتكۈزۈلدى

2026-07-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارجاڭ جىيې،جاۋ يۈ) «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنى قازاقىستاندا تونۇشتۇرۇش يىغىنى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق قارىدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۈشىنىشى، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونى ئوقۇپ چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى سەپەرداشلار، ئىككى دۆلەتنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئەسىرىنى چۆرىدەپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى جۇڭگو - قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

قازاقىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئىچكى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئېرنۇر بەيسەنبايېۋ مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىدىكى يېڭى ئابىدە. قازاقىستان بىر قاتار ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، مەۋقەنى ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىش مۇساپىسىدە نۇرغۇن ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەپلەر بار. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئەسىرىگە مۇجەسسەملەنگەن ئىدارە قىلىش پەلسەپىسى ۋە تەرەققىيات تەدبىرى قازاقىستان ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك.

قازاقىستان زۇڭتۇڭ مەركىزىي خەۋەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاسقار ئوماروف سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، قانۇنچىللىق، دىپلوماتىيە قاتارلىق ساھەلەردە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى تەجرىبىلەر قازاقىستاننىڭ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى ۋە كەڭ ئۆرنەك ئېلىشىغا ئەرزىيدۇ. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىدا ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق يۆنىلىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بىز جۇڭگونىڭ تەرەققىيات لوگىكىسى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك نىشانىنى قانچە چوڭقۇر چۈشەنسەك، قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقى شۇنچە ئەمەلىي ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

قازاقىستان جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گۈلنار سايمەرگەنوۋا مۇنداق بىلدۈردى: دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور ۋە خەلقئارا مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاچقۇچلۇق كۈچ بولۇپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەسەرلىرى نەچچە ئون خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ دىققەت قوزغىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىدىيەسى ۋە قارىشى دۇنياۋى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

پائالىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ قازاقىستانلىق ئەزىز مېھمانلارغا «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4 - تومىنىڭ قازاق تىل - يېزىقى نۇسخىسى، 5 - تومىنىڭ رۇس تىل - يېزىقى نۇسخىسى كىتابىنى سوۋغا قىلدى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئاقىللار ئامبىرى، كارخانا ۋە ئالىي مەكتەپ ۋەكىللىرى ئەمەلىي ھەمكارلىق ئارقىلىق شۇ جايدىكى پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزگەن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ھەمبەھرىلىدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگو - قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇھاكىمە قىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىككى دۆلەتتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ھەم نەشرىيات، تاراتقۇ، ئاقىللار ئامبىرى، ئالىي مەكتەپ، كارخانا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ۋەكىللەردىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.