شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى «يېڭى دەۋر دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا خاتىرە»نىڭ 1 - تومىنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسى يېقىندا بىرلەشمە نەشرىيات (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى 36 - نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىتاب كۆرگەزمىسى باشلانغان تۇنجى كۈنى يېڭى كىتاب ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
«يېڭى دەۋر دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا خاتىرە»نىڭ 1 - تومىغا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ جەمئىي 26 پارچە چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋىرى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 41 پارچە ئاخبارات سۈرىتى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ جۇڭگونىڭ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلىنىشىغا يول باشلىغان قالتىس مۇساپە نامايان قىلىنغان، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچى جانلىق نامايان قىلىنغان. بۇ تومنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روشەن ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرى، چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتى ۋە ئالىيجاناب روھىي خىسلىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دۆلەت ئېڭى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن مۇھىم ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى.
شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت مەمۇرىي ئىشلار مەھكىمىسى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇللار، شياڭگاڭدىكى ۋەتەننى سۆيىدىغان، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان ئاپپاراتلار، سىياسىي تەشكىلات، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شياڭگاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەسى ۋەكىللىرى، شياڭگاڭ ياشلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يېڭى كىتاب ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. شياڭگاڭ جۇڭگو كارخانىلىرى جەمئىيىتى، شياڭگاڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى نەق مەيداندا سوۋغا قىلىنغان كىتابنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، «يېڭى دەۋر دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا خاتىرە»نىڭ 1 - تومىنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسى شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەرقايسى چوڭ كىتابخانىلاردا ئومۇميۈزلۈك بازارغا سېلىندى ھەم نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلۇپ سېتىلدى.