جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ 2025 - يىللىق دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى توغرىسىدىكى قارارى

2026-07-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى)

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پەن - تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىشقا تايىنىش كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنىڭ يېڭى پەللىگە تېز كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن پەن - تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەپ، بىر تۈركۈم مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا پەن - تېخنىكا ئاساسى سالدى.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پەن - تېخنىكا خادىملىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنى مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى.

«دۆلەتكە تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش نىزامى»، «دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى نىزامى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ باھالىشى، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ۋە پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى ھەم دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇش ئارقىلىق، ئاكادېمىك چېن لىچۈەن، ئاكادېمىك بېن دېغا دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى بېرىلدى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يەككە ئاتوملۇق كاتالىز» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك پەن - تېخنىكا نەتىجىسىگە دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپات بېرىش، «گوموتوپىيە گۇرۇپپىسى بويىچە ھېسابلاش ۋە شار يۈزلۈك دىففېرېنسىيال قۇرۇلمىنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى» قاتارلىق 48 تۈرلۈك پەن - تېخنىكا نەتىجىسىگە دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى بويىچە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپات بېرىش، «بوشلۇقتىكى چېكىگە يەتكەن شارائىتتا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مېتال ماتېرىياللارنى دەرىجىدىن تاشقىرى مودۇلياتسىيەلەش تېخنىكىسى ۋە ئىلىم - پەن تەجرىبە سىستېمىسى» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك پەن - تېخنىكا نەتىجىسىگە دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپات بېرىش، «يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىققا يۈزلەنگەن ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى ۋە جابدۇقلىرى» قاتارلىق 55 تۈرلۈك پەن - تېخنىكا نەتىجىسىگە دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى بويىچە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپات بېرىش، «فېندوۋجې ناملىق پۈتۈن دېڭىز چوڭقۇرلۇقى ئادەملىك چۆككۈسى» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك پەن - تېخنىكا نەتىجىسىگە دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپات بېرىش، «خۇاشى نەسىللىك چوشقا نەسلىنى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى ۋە يادرولۇق ئۇرۇق مەنبەسىنى يارىتىش ھەم ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىش» قاتارلىق 13 تۈرلۈك پەن - تېخنىكا نەتىجىسىگە دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپات بېرىش، «جۇڭگو - لائوس تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى» قاتارلىق 133 تۈرلۈك پەن - تېخنىكا نەتىجىسىگە دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپات بېرىش، پىروفېسسور ئارتېم ئوگانوف قاتارلىق توققۇز چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسكە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتى بېرىشنى تەستىقلىدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بارلىق خادىملاردىن ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، «تۆتكە يۈزلىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)