جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى

2026-07-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

- 2026) يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 105 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. 105 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن - ئاخىر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر قاتار ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتنى ئالغا سىلجىتتى، بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇردى، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى سەپلەردە زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەيدانغا كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، ئىلغارلارنى تەقدىرلەپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئىلغار - نەمۇنىچىلاردىن بولۇش، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋۇ جيەنپىڭ قاتارلىق 141 يولداشقا، گۇ سۇڭفېن قاتارلىق ۋاپات بولغان سەككىز يولداشقا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىشنى، مېڭ ئېرمېي قاتارلىق 150 يولداشقا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى» دەپ نام بېرىشنى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت ئىدارىسى ئاتموسفېرا مۇھىتى باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسى قاتارلىق 399 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىغا «مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.

بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن مۇنەۋۋەر شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلار ھەرقايسى سەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر. ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب روھى يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق ئوبرازىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى، پارتىيە ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، پارتىيەمىزنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، جۇش ئۇرۇپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ھاياتىي كۈچىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق چاقىرىق قىلدى: كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى تەقدىرلەنگەن مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئېتىقاد ۋە ئەقىدىنى چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە بولغان ساداقەتمەنلىكنى مۇستەھكەملەپ، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ، تىرىشىپ سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم بولغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشى؛ پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى؛ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلەپ، تىرىشىپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تۆھپە قوشىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشى؛ ئىنتىزام ۋە قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تىرىشىپ پاك - دۇرۇس بولۇش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپلاردىن ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئادا قىلىپ، سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ ئاممىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئۇلارغا تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەردە جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، نەتىجىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

يېڭى دەۋردە فېڭخۇاڭ شامالغا تايىنىپ كۆكتە قانات قېقىپ پەرۋاز قىلماقتا، يېڭى مۇساپە كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)