شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىشكەك، 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جياڭ يوۋلىن، جاۋ يۈ) «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنى قىرغىزىستاندا تونۇشتۇرۇش يىغىنى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق قارىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتتىكى ھەر ساھە زاتلار ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى ۋەكىللىرىنىڭ «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشنى قانات يايدۇرۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ مۇھىم ئەسەردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلۈپ، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئارزۇسى ۋە لايىھەسى جانلىق نامايان قىلىنغان، بۇ، ھەم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۈشىنىش، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونى ئوقۇپ چۈشىنىشتىكى نوپۇزلۇق ئەسەر، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
قىرغىزىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوتۇنبايېۋا مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە ئىدىيە ۋە تەشەببۇس، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش بىزگە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، قىرغىزىستاننىڭ تەدرىجىي ھالدا ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلىنىشىغا كۈچ قوشتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىچكى لوگىكىسى، ئىدارە قىلىش مېخانىزمى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلانىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەمەلىيەت قىممىتىگە ئىگە.
قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كويىچېيېف سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ماركسىزمنى يەرلىكلەشتۈرۈشتە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دۆلەت، ماركسىزمنى ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈش يولىدا مول تەجرىبىلەرنى توپلىدى. 21 - ئەسىر ماركسىزمىنى چۈشىنىشتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇش كېرەك. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق بۇ ئەسەرنى ئوقۇش قىرغىزىستاننىڭ جۇڭگو بىلەن، دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشكە پايدىلىق بولۇپ، بىزنى ئەمەلىي ھەمكارلىق ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات، گۈللىنىشكە تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى پياۋ ياڭفەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، «شاڭخەي بەش دۆلەت» مېخانىزمىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشتى. بۇ مۇھىم ئەسەرگە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىق مۇھىتىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
پائالىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستانلىق ئەزىز مېھمانلارغا «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنىڭ قىرغىز تىل - يېزىقى نۇسخىسى، 5 - تومىنىڭ رۇس تىل - يېزىقى نۇسخىسى كىتابىنى سوۋغا قىلدى. قىرغىزىستان تەرەپ تېببىي خادىملار ۋە مۇخبىرلار ۋەكىللىرى ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنى قول تۇتۇشۇپ ئەمەلدە كۆرسىتىش ھەمكارلىق ھېكايىسىنى ھەمبەھرىلىدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش قاتارلىق تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ پارتىيە، تاراتقۇ، ئاقىللار ئامبىرى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ۋەكىللەردىن بولۇپ تەخمىنەن 300 كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.