) 2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى)
بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى. 105 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا شانلىق سەھىپە پۈتتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى.
105 يىل بوران - چاپقۇن ۋە جەبىر - جاپانى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، تاغنى تالقان قىلىدىغان مەردانە قەھرىمانلىق ناخشىسىنى پۈتتى. يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، تۈركۈم - تۈركۈم ئىلغار نەمۇنىچىلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، ئۆگەنگىلى، ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان دەۋر ئۈلگىسىنى تىكلىدى. ئۇزاق مەزگىل ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقان، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغان، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تۆھپىكار نەمۇنىچى پارتىيە ئەزالىرىنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يولداش ما شەنشياڭ، ۋاڭ يۈچاڭ، لى ليەنچېڭ، ئوقاس سۈلەيمەن، ۋۇ ياچىن، چېن جۈنۋۇ، جاۋ يافۇ، جۇڭ جۆگە «1 - ئىيۇل ئوردېنى» بېرىشنى قارار قىلدى.
بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر ھەرقايسى سەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى. ئۇلار غايە - ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە چەكسىز سادىق بولۇپ، سادىق قەلبى بىلەن پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلىدى؛ ئۇلار خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلدى؛ ئۇلار بۇرچى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تاۋلاپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تىرىشىپ پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى ياراتتى؛ ئۇلار ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پاك - دۇرۇس بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كەڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.
ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن پارتىيە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنى ئۈلگە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)