شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىشكەك، 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇاڭ خې، جياڭ يوۋلىن) 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاراتقۇ ئاقىللار ئامبىرى باشلىقلار يىغىنى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئېچىلدى. بۇ مەزگىلدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقىللار ئامبىرى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقىللار ئامبىرى بىرلىكتە «شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە دۇنياۋى ئەھمىيىتى» ئاقىللار ئامبىرى دوكلاتىنىڭ قىرغىز تىل - يېزىقى نۇسخىسى، رۇس تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شانلىق نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتالىشىدىكى ئېسىل ئالاھىدىلىكى ۋە ئاچقۇچلۇق شىفىرىنى چوڭقۇر بايان قىلدى.
دوكلاتنىڭ تولۇق تېكىستى تەخمىنەن 30 مىڭ خەت بولۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىش تومۇرى، جەۋھىرى ۋە مۇھىم مەزمۇنى، نەزەرىيە پەزىلىتى ۋە دۇنياۋى ئەھمىيىتى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلدى، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە گۈللەپ ياشنىشى، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى تۈپ ئاچقۇچنىڭ شىفىرى چوڭقۇر يېشىپ بېرىلدى. دوكلاتتا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرىدىغان پارتىيە، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، دۇنيانىڭ باراۋەر - ئىناقلىقىنى كۆزلەيدىغان پارتىيە. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي مەدەنىيلىك تەرەققىياتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھازىر ۋە كەلگۈسى دۇنياغا بولغان ئويلىنىش ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەمەلىيىتىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر پارتىيەسى، بولۇپمۇ يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر پارتىيەسى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئىلھام بىلەن تەمىنلىدى.
باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاراتقۇ ئاقىللار ئامبىرىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار دوكلاتقا يۈكسەك باھا بەردى ھەم مۇنداق قارىدى: دوكلات شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونىغا يۈزلەنگەن شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، ھەم 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ ئەسلىي ئىجادىي نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەت يولى سىستېمىلىق يەكۈنلەنگەن، ھەم دۇنيادىكى پارتىيەلەر ئومۇميۈزلۈك دۇچ كېلىۋاتقان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقىغا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدىكى پارتىيەلەر سۆھبىتىدە، ئىلمىي تەتقىقاتتا كەم بولسا بولمايدىغان يادرولۇق ھۆججەت.
يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق قارىدى: دوكلات قىرغىز تىل - يېزىقى، رۇس تىل - يېزىقىنى ۋاسىتە قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە، ئاقىللار ئامبىرى، ئىلىم ساھەسى ئۈچۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىش، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش لوگىكىسىنى چۈشىنىش كۆۋرۈكىنى دەل جايىدا بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە ئارا ئالماشتۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش - ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىنى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ «شاڭخەي روھى»غا تايىنىپ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىدىيەۋى ئۇلىنى مۇستەھكەملىشىگە كۈچ قوشتى.
«شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە دۇنياۋى ئەھمىيىتى» ئاقىللار ئامبىرى دوكلاتىنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى نۇسخىسى 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى.