(2025 - يىلى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
(71 - نومۇرلۇق)
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 - يىغىنىدا 2025 - يىلى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
2025 - يىلى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى
مۇندەرىجە
1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2 - باب مەخپىيەت بېكىتىشنى باشقۇرۇش
3 - باب مەخپىيەت ساقلاش تۈزۈمى
4 - باب نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش
5 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى
6 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 - ماددا بۇ نىزام دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
2 - ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش (تۆۋەندە قىسقارتىپ مەخپىيەت ساقلاش دېيىلىدۇ) خىزمىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.
3 - ماددا مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، دۆلەت مەخپىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكى قوغدىلىنىدۇ، مەخپىيەت ساقلاش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلىدۇ.
مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىدە مەخپىيەت ساقلاشنى پارتىيە باشقۇرۇش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، پائال ئالدىنى ئېلىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئىجادىي تەرەققىي قىلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، رەھبەرلىكى كۈچلۈك، سىستېمىسى مۇكەممەل، ھەم تاقابىل تۇرىدىغان ھەم مۇداپىئە كۆرىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان مەخپىيەت ساقلاش خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەم دۆلەت مەخپىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ھەم ئۇچۇر بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا قولايلىق يارىتىلىدۇ.
4 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتى ئىستراتېگىيەسىنى، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايوننىڭ مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىگە دائىر سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق، رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۇنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
5 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، كېرەكلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك خامچوتقا كىرگۈزۈشى ھەمدە مەخپىيەت ساقلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە مەخپىيەت ساقلاش پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى سەپلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى كۈندىلىك مەخپىيەت ساقلاشنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمنى بېكىتىشى، مەخپىيەت ساقلاش تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى، مەخپىيەت ساقلاشقا بولغان نازارەتچىلىك، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتلىرىنىڭ مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
6 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ:
(1) ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىش؛
(2) مەخپىيەتنى بېكىتىشنى باشقۇرۇش، مەخپىيەت بىلەن ئۇچرىشىدىغانلارنى مەخپىيەت ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش، ئۇچۇر سىستېمىسىنى مەخپىيەت ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش ۋە دۆلەت مەخپىيىتى ۋاسىتىسىنى مەخپىيەت ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش؛
(3) ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مەخپىيەت ساقلاشقا دائىر تەشۋىق - تەربىيە - تەربىيەلەش، مەخپىيەت ساقلاش بويىچە تەكشۈرۈش، مەخپىيەت ساقلاش تېخنىكا مۇداپىئەسى ۋە مەخپىيەت ساقلاشتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىنى قانۇن بويىچە تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش؛
(4) ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت مەخپىيىتى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئورۇنلار (تۆۋەندە قىسقارتىپ ئورگانلار، ئورۇنلار دېيىلىدۇ)نىڭ مەخپىيەت ساقلاشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىك قىلىش؛
(5) قانۇن بويىچە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك باشقا مەسئۇلىيەت.
7 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلار مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، قانۇن بويىچە مەخپىيەت ساقلاش خىزمەت ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىشى ياكى مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل مەخسۇس خادىم بېكىتىشى، مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى، مەخپىيەت ساقلاش مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، مەخپىيەت ساقلاش تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى، مەخپىيەت ساقلاشقا بولغان نازارەتچىلىك، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ۋاقىتلىق خىزمەت ئاپپاراتى، ۋاكالەت ئاپپاراتى مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپارات ياكى خادىمنى بېكىتىشى ھەمدە مەسئۇل تارماق ۋە مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكى، نازارەتچىلىكى، تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە، ئۆز سىستېمىسى، ئۆز ساھەسىنىڭ مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ ياكى ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
8 - ماددا مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، تەشكىللەپ، مەخپىيەتنى ئوغرىلاش، ئاشكارىلاش قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، مەخپىيەت ساقلاش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ھەرقانداق پۇقرا ۋە تەشكىلات قانۇن بويىچە مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىگە مەدەت بېرىشى، ھەمكارلىشىشى، ئۆزى بىلگەن دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.
ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتلىرى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلىشىپ، مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ھەمدە مەخپىيەت ساقلاش ئالاقىلەشكۈچىسىنى بېكىتىشى كېرەك.
9 - ماددا ھەر يىلى 4 - ئاي ئاپتونوم رايوننىڭ مەخپىيەت ساقلاش تەشۋىق - تەربىيەسى ئېيى بولىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەخپىيەت ساقلاش قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى يىرىك پىلانى ۋە سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەخپىيەت ساقلاش بويىچە تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش، باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مەخپىيەت ساقلاش تەشۋىق - تەربىيە بازىسى، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. كادىرلار تەربىيەسىنى باشقۇرۇش تارمىقى، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى قاتارلىق تارماقلار قانۇن بويىچە كادىرلارغا مەخپىيەت ساقلاش تەربىيەسى بېرىشى، پۇقرالارغا مەخپىيەت ساقلاش تەربىيەسى بېرىشى كېرەك. تەشۋىقات تارمىقى گېزىت - ژۇرنال، رادىيو - تېلېۋىزىيە، تور تاراتقۇلىرى قاتارلىق ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەخپىيەت ساقلاش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا، مەخپىيەت ساقلاش قانۇنچىللىقىنى تەشۋىق قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئىلھام بېرىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەخپىيەت ساقلاش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
10 - ماددا ئاپتونوم رايون مەخپىيەت ساقلاش پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، مەخپىيەت ساقلاش پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدۇ. يېڭىچە شىفىرلاش تېخنىكىسى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ مەخپىيەت ساقلاش ساھەسىدە قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. مەخپىيەت ساقلاش تېخنىكا مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مەخپىيىتى ۋاسىتىسىنى يوق قىلىۋېتىش، سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۇچۇر ئەسلىھەسىنى رېمونت قىلىش، ئاسراش قاتارلىق مەخپىيەت ساقلاش مۇلازىمەت كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، مەخپىيەت ساقلاش ساپاسىغا ئىگە ئورۇن قاتارلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مەخپىيەت ساقلاشقا دائىر پەن - تېخنىكا تەتقىقاتىغا ۋە ئۇنى تەتبىقلاشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
ئاپتونوم رايوننىڭ مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ مەخپىيەت ساقلاش پەن - تېخنىكا تىرىكى سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخپىيەت ساقلاشقا دائىر پەن - تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
11 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەخپىيەت ساقلاش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش - ئۆستۈرۈش، تەيىنلەش - ئالماشتۇرۇش، ئۇنۋان باھالاش جەھەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك رىغبەت - كاپالەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.
12 - ماددا ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى (تۆۋەندە قىسقارتىپ بىڭتۇەن دېيىلىدۇ)، ئارمىيە مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتى بويىچە ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش كۈچەيتىلىدۇ. ئاپتونوم رايون ئىچى - سىرتىدا مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتى بويىچە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.
13 - ماددا دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش، قوغداش خىزمىتىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخس دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.
2 - باب مەخپىيەتنى بېكىتىشنى باشقۇرۇش
14 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلار مەخپىيەت ساقلاش ئىشلىرىنىڭ دائىرىسىگە، دۆلەت مەخپىيىتى ئىشلىرى جەدۋىلىگە، يۇقىرى دەرىجىلىك ياكى باشقا ئورگان، ئورۇن بېكىتكەن دۆلەت مەخپىيىتى ئىشلىرىغا ئاساسەن، مەخپىيەتنى بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ ساھە مەسئۇل تارمىقى مەخپىيەت ساقلاش ئىشلىرى دائىرىسىدىكى دۆلەت مەخپىيىتى ئىشلىرىنىڭ پەيدا بولۇش دەرىجە - قاتلىمىغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت مەخپىيىتى ئىشلىرىنى ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ ساھە مەسئۇل تارمىقىغا شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
15 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مەخپىيىتىنى بېكىتىشى تۆۋەندىكى تەرتىپكە ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە يازما خاتىرە قالدۇرۇلۇپ، بېجىرگۈچى، مەخپىيەت بېكىتكۈچى جاۋابكار ۋە مەخپىيەت بېكىتىش ئاساسى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
(1) بېجىرگۈچى مەخپىيەت دەرىجىسى، مەخپىيەت ساقلاش مۇددىتى ۋە بىلىشكە تېگىشلىك دائىرە ئىچىدىكىنى بېكىتىدۇ، دۆلەت مەخپىيىتى ۋاسىتىسىگە ۋە دۆلەت مەخپىيىتى ھېسابلىنىدىغان ئۈسكۈنە، مەھسۇلاتلارغا دۆلەت مەخپىيىتى بەلگىسىنى سالىدۇ؛
(2) مەخپىيەتنى بېكىتىشكە مەسئۇل كىشى مەخپىيەتنى بېكىتىش ئاساسى، مەخپىيەت دەرىجىسى، مەخپىيەت ساقلاش مۇددىتى، بىلىش دائىرىسىنىڭ توغرا بولغان - بولمىغانلىقى، دۆلەت مەخپىيىتى بەلگىسىنىڭ ئۆلچەملىك، مۇكەممەل بولغان - بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش پىكرىگە ئىمزا قويىدۇ.
ئورگانلار، ئورۇنلار مەخپىيەتنى بېكىتىش تەرتىپىنى ھۆججەت - ئالاقىنى تەكشۈرۈش تەرتىپىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.
16 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلار بېكىتكەن دۆلەت مەخپىيىتىنى ھەر يىلى تەكشۈرۈشى، مەخپىيەت ساقلاش مۇددىتى توشقانلىرىنى ئەسكەرتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، بېكىتكەن دۆلەت مەخپىيىتىنى مەخپىيەتنى بىكار قىلىش بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
دۆلەت مەخپىيىتى بىكار قىلىنىپ رەسمىي ئېلان قىلىنىدىغانلىرىدىن باشقىلىرىدا، مەخپىيەتنى بىكار قىلىش قارارىنى چىقارغان ئورگان، ئورۇن مەخپىيەتنى بىكار قىلىش قارارىنى بىلىش دائىرىسىدىكى ئورگانلار، ئورۇنلارغا ياكى خادىملارغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
3 - باب مەخپىيەت ساقلاش تۈزۈمى
17 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەخپىيەتكە چېتىشلىق ھۆججەت، ئۇچۇر، ماتېرىيالنى باشقۇرغۇچى خادىمنى بېكىتىشى، مەخپىيەتكە چېتىشلىق ھۆججەت، ئۇچۇر، ماتېرىيالنى بىلىش دائىرىسىنى تىزگىنلىشى، مەخپىيەتكە چېتىشلىق ھۆججەت، ئۇچۇر، ماتېرىيالنى پۈتۈن مەۋجۇتلۇق دەۋرىيلىكىدە مەخپىيەت ساقلاش بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، مەخپىيەتكە چېتىشلىق ھۆججەت، ئۇچۇر، ماتېرىيالنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن ھۆججەت تارقىتىش دائىرىسى سىرتىدىكى تەشكىلات ياكى شەخسكە تارقاتماسلىقى كېرەك.
مەخپىيەتكە چېتىشلىق ئېلېكتىرونلۇق ھۆججەت، ئۇچۇر، ماتېرىيالنى يەتكۈزۈش مەخپىيەت ساقلاش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى، مەخپىيەتلىك ئۇچۇر سىستېمىسى ئالدىن ئىشلىتىلىشى كېرەك.
18 - ماددا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئۆزى يوق قىلىۋېتىدىغان ئاز مىقداردىكى دۆلەت مەخپىيىتى ۋاسىتىسىدىن باشقىلىرىدا، ئورگانلار، ئورۇنلار دۆلەت مەخپىيىتى ۋاسىتىسىنى مەخپىيەت ساقلاش بەلگىلىمىسى بويىچە، قەرەللىك ھالدا مەركەزلىك يوق قىلىۋېتىشى كېرەك.
مەخپىيەتكە چېتىشلىق ئۇچۇرىنى ساقلايدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئۇچۇر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشتىن چېكىندۈرۈشكە توغرا كەلسە، بەلگىلىمە بويىچە تۇراقلىق مۈلۈكنى بىراك قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىش ھەمدە مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قۇرغان خىزمەت ئاپپاراتى ياكى بەلگىلىگەن ئورۇننىڭ يوق قىلىۋېتىشىگە تاپشۇرۇش كېرەك.
19 - ماددا مەمۇرىي ئىشلار ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنى تۇرغۇزۇشتا، تۈر تۇرغۇزۇشنى تەستىقلىغۇچى تارماق مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە، تۈرنىڭ بىخەتەرلىك، مەخپىيەت ساقلاش مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى تەكشۈرۈشى؛ سېتىۋېلىش، قۇرۇلۇش قىلىش، يۈرۈشتۈرۈش بويىچە ئاسراش، بىكار قىلىشتا، ئورگانلار، ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك مەخپىيەت ساقلاش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
ئۇچۇر سىستېمىسىنى تۈجۈپىلىك قۇرۇشقا مەسئۇل تارماق بىخەتەرلىك، مەخپىيەت ساقلاش مۇداپىئە سىستېمىسىنى قۇرۇپ، مەخپىيەتكە چېتىشلىق ئۇچۇر سىستېمىسىنى دەرىجىگە ئايرىپ قوغداش، تورنى بىخەتەرلىك دەرىجىسى بويىچە قوغداش، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسىنى قوغداش، سودا شىفىرىنى قوغداش، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەخپىيەت ساقلاش مۇداپىئە تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
20 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلاردىن مەخپىيەتكە چېتىشلىق ئۇچۇر سىستېمىسىنى يۈرۈشتۈرۈش بويىچە ئاسراش مۇلازىمىتىنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىدىغانلىرى يۈرۈشتۈرۈش بويىچە ئاسرىغۇچى ئورۇننىڭ مەخپىيەت ساقلاش ساپاسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، مۇلازىمەت سىرتقا ھۆددىگە بېرىلىدىغان كەسىپنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىپ، يۈرۈشتۈرۈش بويىچە ئاسرىغۇچى ئورۇن، خادىم بىلەن مەخپىيەت ساقلاش كېلىشىمى ئىمزالاپ، مەخپىيەت ساقلاش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەخپىيەت ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى ھەمدە مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.
21 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلار ئالاقە تورىنى ئىشلىتىشكە بولغان مەخپىيەت ساقلاش بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئورگان، ئورۇننىڭ خادىملىرى دۆلەتنىڭ مەخپىيەت ساقلاش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ئۈسكۈنىسى، دەماللىق خەۋەرلىشىش قورالى، تور ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى، ساقلاش مۇلازىمىتى، سۈرەت - يېزىقنى تونۇش پىروگراممىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلات قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلىسا، بىر تەرەپ قىلسا، يوللىسا بولمايدۇ.
22 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلار دۆلەتنىڭ مەخپىيەت ساقلاش بەلگىلىمىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئاساسەن، مەخپىيەت ساقلاشنى ئۆزى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەسلىھەسىنى قۇرۇشى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق، ئۆز جايى بىرتۇتاش قۇرغان مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ، مەخپىيەت ساقلاشنى ئۆزى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەسلىھەسىنى تۈجۈپىلىك قۇرۇشى كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىي ئىشلار تورىغا تايىنىپ قۇرۇلغان ئۇچۇر سىستېمىسىغا ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىي ئىشلار تورى مەسئۇل تارمىقى مەخپىيەت ساقلاشنى ئۆزى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەسلىھەسىنى بىرتۇتاش قۇرۇشى كېرەك.
ئورگانلار، ئورۇنلار مەخپىيەت ساقلاشنى ئۆزى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەسلىھەسىنى ئۇچۇر سىستېمىسى بىلەن تەڭ پىلانلىشى، تەڭ قۇرۇشى، تەڭ ئىشقا سېلىشى ھەمدە قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەڭ دەرىجىلىك مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
ئورگانلار، ئورۇنلار مەخپىيەت ساقلاشنى ئۆزى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەسلىھەسىگە تايىنىپ، بىخەتەرلىك، مەخپىيەت ساقلاش بويىچە تەكشۈرۈش ۋە خەۋپىنى باھالاش خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ماسلىشىپ، سىگنال بېرىلگەن ۋەقەنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك، مەخپىيەت ساقلاش يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا بايقىشى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
ئورگانلار، ئورۇنلار ئىشلەتكەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار مەخپىيەت ساقلاشنى ئۆزى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ بىخەتەرلىك، مەخپىيەت ساقلاش خەۋپىنى ئالدىن باھالىشى ۋە كۆزىتىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
23 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلار ئۇچۇر ئاشكارىلاشتا مەخپىيەت ساقلاش بويىچە تەكشۈرۈش تەرتىپىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، مەخپىيەت ساقلاش ئىشلىرىنىڭ دائىرىسىگە، دۆلەت مەخپىيىتى ئىشلىرى جەدۋىلىگە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ياكى باشقا ئورگان، ئورۇن بېكىتكەن دۆلەت مەخپىيىتى ئىشلىرىغا ئاساسەن، ئاشكارىلىماقچى بولغان ئۇچۇرنى مەخپىيەت ساقلاش بويىچە تۈرمۈتۈر تەكشۈرۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە، ئاشكارىلاش سۈرۈكى ۋە دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك، ئۇچۇر ئاشكارىلاشتا مەخپىيەت ساقلاش بويىچە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلمىگەنلىرىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.
مۇھىم ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشتا ئورگان، ئورۇننىڭ ياكى كەسىپ، ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى تەشكىللەپ، كېڭىشىپ باھالاشقا بولىدۇ.
24 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلار توپلانغان، باغلانغاندىن كېيىنكى دۆلەت مەخپىيىتى ئىشلىرىغا تەۋە ئۇچۇرلارنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئورگانلار، ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇر توپلانغان، باغلانغاندىن كېيىنكى مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.
25 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلار ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى مەخپىيەت ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش خىزمىتىدە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان قۇرۇلۇش، مال، مۇلازىمەت قاتارلىق ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرلىرىنى قانۇن بويىچە مەخپىيەتكە چېتىلىدىغان ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرى قىلىپ بېكىتىشى كېرەك.
مەركەزلىك بىرتۇتاش سېتىۋالىدىغان ئاپپارات، باھالاش خادىمى، تەمىنلىگۈچى سودىگەر مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارغا، مەخپىيەت ساقلاش كېلىشىمىگە شۇنىڭدەك بىرتۇتاش سېتىۋېلىش توختامىغا ئاساسەن، مەخپىيەت ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى ھەمدە مەخپىيەت ساقلاش بويىچە باشقۇرۇشتىكى مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
26 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەخپىيەت ساقلاش ساپاسىغا ئىگە ئورۇنلارنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز ئالدىغا ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت مەخپىيىتى ۋاسىتىسىنى ئىشلەش، كۆپەيتىش، رېمونت قىلىش، يوق قىلىۋېتىش، مەخپىيەتكە چېتىشلىق ئۇچۇر سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش، قورال - جابدۇق تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ياكى مەخپىيەتكە چېتىشلىق ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش قاتارلىق مەخپىيەتكە چېتىشلىق كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى مەخپىيەت ساقلاش بويىچە تەكشۈرۈشى، مەخپىيەت ساقلاش ساپاسىغا ئېرىشكەن ئورۇنلارنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ئورگانلار، ئورۇنلاردىن مەخپىيەت ساقلاش ساپاسىغا ئىگە ئورۇننى مەخپىيەتكە چېتىشلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ھاۋالە قىلغانلىرى تەڭ دەرىجىلىك مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا خەۋەرلەندۈرۈشى، مەخپىيەت ساقلاش ساپاسىغا ئىگە ئورۇننىڭ مەخپىيەت ساقلاش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، مەخپىيەت ساقلاش تەدبىرىنى قوللىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
27 - ماددا مەخپىيەتكە چېتىشلىق يىغىن، پائالىيەتنى باشقۇرغۇچى ئورۇن مەخپىيەت ساقلاش بويىچە باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ۋە تېخنىكا كاپالىتى ئورنى مەخپىيەت ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش تەلىپىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەخپىيەتكە چېتىشلىق مۇھىم يىغىن، پائالىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش - كاپالەتلىك قىلىش قوشۇنىنى قۇرۇپ، ئېھتىياجغا قاراپ، بىخەتەرلىك، مەخپىيەت ساقلاش تېخنىكا مۇلازىمىتى - كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
تەستىقلاتماي تۇرۇپ مەخپىيەتكە چېتىشلىق يىغىن، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى خادىملىرىنىڭ ئۈنگە ئېلىش، سىنغا ئېلىش، سۈرەتكە تارتىش قاتارلىق ئۇچۇر توپلاش، يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ يۈرۈشىگە بولمايدۇ.
28 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئۆز جايىدىكى مەخپىيەتكە چېتىشلىق مۇھىم ئورۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەمدە مەخپىيەت ساقلاش ۋەزىيىتى، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ۋە ۋەزىپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ۋاقتىدا ئۇدۇللۇق تەڭشىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ مەخپىيەت ساقلاش نۇقتىلىق ساھەلىرىنىڭ مەسئۇل تارمىقى ئۆز ساھەسىنىڭ مەخپىيەت ساقلاش خىزمەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تەڭ دەرىجىلىك مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، ئۆز ساھەسىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ مەخپىيەت ساقلاش نۇقتىلىق ساھەلىرى ئۆز رايونىنىڭ مەخپىيەت ساقلاش ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، مەخپىيەت ساقلاش بويىچە باشقۇرۇشنى قاراتمىلىق كۈچەيتىشى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەسلىھە - ئۈسكۈنە سەپلەپ بېرىش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلاش جەھەتلەردە قوللىشى كېرەك.
29 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، بىڭتۇەن، شۇنىڭدەك چېگرا رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى، شى (شەھەر)، تۇەن (مەيدان)لار ئادەم كۈچى ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش، ماددىي كۈچ ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش، تېخنىكا ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش بىرلەشتۈرۈلگەن چېگرا مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتى مۇداپىئە - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.
ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلار، تاموژنا قاتارلىق تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، ئۆزئارا ماسلىشىپ، چېگرا مەخپىيەت ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
30 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلارنىڭ تەشكىلات - كادىرلار تارمىقى مەخپىيەت ساقلاش خىزمەت ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە، كادىرلار مەمۇرىي تەۋەلىك مۇناسىۋىتى، كادىر باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن، مەخپىيەت بىلەن ئۇچرىشىدىغانلارنى مەخپىيەت ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
مەخپىيەت ساقلاش، تەشكىلات، تاشقى ئىشلار، گۇڭئەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مالىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى قاتارلىق تارماقلار مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، مەخپىيەت بىلەن ئۇچرىشىدىغانلارنى تەكشۈرۈش، چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) چىقىش، مەخپىيەتتىن ئايرىلىش مۇددىتى بويىچە باشقۇرۇش، ھوقۇق - مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەيدۇ.
31 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلارنىڭ تەشكىلات - كادىرلار تارمىقى مەخپىيەت بىلەن ئۇچرىشىدىغانلارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈشى، قەرەللىك قايتا تەكشۈرۈشى ۋە ئۆزگىرىش بولغاندا قايتا تەكشۈرۈشى كېرەك. مەخپىيەت ساقلاش بويىچە تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەنلەرنى مەخپىيەتكە چېتىشلىق ئىش ئورنىغا تەيىنلەشكە، تەكلىپ قىلىشقا بولمايدۇ.
32 - ماددا مەخپىيەت بىلەن ئۇچرىشىدىغان خادىملار ئىش ئورنىدىن، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا، ئورگانلار، ئورۇنلار ئىش ئورنىدىن، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، مەخپىيەت ساقلاش تەربىيەسى بېرىپ ئەسكەرتىش، مەخپىيەت ساقلاش ۋەدىنامىسى ئىمزالاش، دۆلەت مەخپىيىتى ۋاسىتىسى ۋە ئۈسكۈنىسىنى قايتۇرغۇزۇش، مەخپىيەتكە چېتىشلىق ئۇچۇر سىستېمىسىنى زىيارەت قىلىش ۋە سورۇنغا كىرىپ - چىقىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش، مەخپىيەتتىن ئايرىلىش مۇددىتى بويىچە باشقۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك.
مەخپىيەت بىلەن ئۇچرىشىدىغان خادىملارنىڭ مەخپىيەتتىن ئايرىلىش مۇددىتى ئىچىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) چىقىشىغا بولمايدۇ، دۆلەت مەخپىيىتىنى ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن ئاشكارىلاپ قويۇشىغا بولمايدۇ؛ مەخپىيەتتىن ئايرىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ مەخپىيەت ساقلاش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى، بىلىدىغان دۆلەت مەخپىيىتىدە مەخپىيەت ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىشى كېرەك.
33 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلار مەخپىيەت بىلەن ئۇچرىشىدىغان خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. مەخپىيەت بىلەن ئۇچرىشىدىغان خادىملاردىن مەخپىيەت ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش سەۋەبىدىن قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى تەسىرگە ياكى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىرىغا قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىشى، ئۇنۋان باھالاش - تەكلىپ قىلىش، مۇنەۋۋەرلىككە، ئىلغارلىققا باھالاش، ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مايىللىشىش ياكى قوغداش تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
ئورگانلار، ئورۇنلار مەخپىيەت بىلەن ئۇچرىشىدىغان خادىملارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداشنى مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە كۈچەيتىپ، مەخپىيەت بىلەن ئۇچرىشىدىغان خادىملارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
4 - باب نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش
34 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلار ۋە شەخسلەر مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەخپىيەت ساقلاش بويىچە تەكشۈرۈش ۋە دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ماسلىشىپ، ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، زۆرۈر ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، ساختىپەزلىك قىلىشقا، دەلىل - ئىسپاتلارنى يوشۇرۇشقا، يوق قىلىۋېتىشكە ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن مەخپىيەت ساقلاش بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.
35 - ماددا مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە، كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سوت، تەپتىش، گۇڭئەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى قاتارلىق ئورگانلار ۋە تارماقلار بىلەن ماسلاشتۇرۇش - ماسلىشىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەخپىيەت ساقلاشقا دائىر قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
36 - ماددا پۇقرالاردىن مەخپىيەت ساقلاشقا دائىر قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بولغان يىپ ئۇچىنى بايقىغانلىرى مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا پاش قىلىشى، مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى ھەمدە پاش قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى پاش قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ، مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
37 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى دۆلەت مەخپىيىتىنى ۋە ئاخباراتنى بېكىتمەكچى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار، ئورۇنلاردىن پىكىر ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئورگانلار، ئورۇنلار ماسلىشىشى، بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەمىنلىشى كېرەك.
38 - ماددا ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەخپىيەت ساقلاش خەۋپىنى باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇچۇر توپلاش، تەھلىل قىلىش، ھەمبەھرىلىنىش، سىگنال بېرىش - ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى؛ كۆزىتىش - سىگنال بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، خەۋپىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش كۆرسەتكۈچى، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىش تەدبىرىنى تۈزۈپ، كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ئەسلىھەسى ۋە مۇناسىپ خىزمەت كۈچىنى سەپلەپ، بىخەتەرلىك، مەخپىيەت ساقلاش يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا بايقىشى، پەرقلەندۈرۈشى، بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، گۇڭئەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەخپىيەت ساقلاشقا دائىر تاسادىپىي ۋەقەنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.
39 - ماددا دۆلەت خادىملىرىدىن ياكى باشقا پۇقرالاردىن دۆلەت مەخپىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ياكى خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى بايقىغانلىرى گۇڭئەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى، مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان، ئورۇن ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك:
(1) مەخپىيەت بىلەن ئۇچراشقانلار يوقاپ كەتسە، ئاسىيلىق قىلىپ قېچىپ كەتسە، چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) قانۇنسىز چىقسا ياكى تەھدىتكە ئۇچرىغان، ئاسىيلىق قىلىشقا كۈشكۈرتۈلگەن بولسا؛
(2) دۆلەت مەخپىيىتى ۋاسىتىسى يىتىپ كەتسە، قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇۋېلىنغان، سودىلىشىلغان، ئوغرىلانغان، تارتىۋېلىنغان ياكى ئادەتتىكى پوچتا، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق مەخپىيەت ساقلاش تەدبىرى قوللىنىلمىغان يوللار ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولسا؛
(3) مەخپىيەتكە چېتىشلىق ئۇچۇر سىستېمىسى ھۇجۇمغا، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ياكى مەخپىيەتسىز ئۇچۇر سىستېمىسىغا شۇنىڭدەك ئالاقە تورىغا مەخپىيەتكە چېتىشلىق ئۇچۇرنى چىقارغان، يوللىغان بولسا؛
(4) كىتاب، گېزىت - ژۇرنال، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئاممىۋى تاراتقۇلاردا شۇنىڭدەك تور نەشر بۇيۇمى، تور ئۈن - سىن پىروگراممىسى، ئۆز تاراتقۇدا مەخپىيەتكە چېتىشلىق ئۇچۇر چىقىرىلغان ياكى تارقىتىلغان بولسا؛
(5) دۆلەت مەخپىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ياكى خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئەھۋاللار.
40 - ماددا مەخپىيەت ساقلاش جەمئىيىتى قاتارلىق ساھە تەشكىلاتلىرى مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىنى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىپ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە ئۆزىنىڭ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ تەلەپچانلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ساھەنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
5 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى
41 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلاردىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ مەخپىيەت ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
(1) مەخپىيەتكە چېتىشلىق ھۆججەت، ئۇچۇر، ماتېرىيالنى پۈتۈن مەۋجۇتلۇق دەۋرىيلىكىدە مەخپىيەت ساقلاش بويىچە باشقۇرماسلىق؛
(2) مەخپىيەتكە چېتىشلىق ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىك، مەخپىيەت ساقلاش خەۋپىنى باھالاشتا بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرمەسلىك؛
(3) مەخپىيەت ساقلاشنى ئۆزى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا بايقىغان بىخەتەرلىك، مەخپىيەت ساقلاش يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماسلىق؛
(4) ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىنى يولغا قويۇشتا مەخپىيەت ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىق؛
(5) مەخپىيەت ساقلاش ساپاسىغا ئىگە ئورۇننى مەخپىيەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ھاۋالە قىلغاندا، مەخپىيەت ساقلاش ساپاسىغا ئىگە ئورۇننىڭ مەخپىيەت ساقلاش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە، مەخپىيەت ساقلاش تەدبىرىنى قوللىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلماسلىق؛
(6) مەخپىيەتكە چېتىشلىق يىغىن، پائالىيەتنى ئۆتكۈزگۈچى ئورۇن، ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن ۋە تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇن مەخپىيەتلىكنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق؛
(7) بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان باشقا قىلمىشلار.
يۇقىرىقى قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىنى ھەمدە جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىنى مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۇلارنىڭ مەسئۇل تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
42 - ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.
6 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
43 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلار كەسىپ، ساھەنىڭ خىزمەت مەخپىيىتى ئىشلىرىنىڭ كونكرېت دائىرىسىگە ئاساسەن، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت مەخپىيىتى ئىشلىرى تىزىملىكىنى تۈزۈپ، مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماققا ئەنگە ئالدۇرىدۇ ھەمدە ئۇدۇللۇق يېڭىلاپ تۇرىدۇ.
ئورگانلار، ئورۇنلار ئۆز ئورگىنى، ئۆز ئورنىنىڭ خىزمەت مەخپىيىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەخپىيىتى بەلگىسىنى قېلىپلاشتۇرۇشى، ئادەمنى، ۋاسىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، تېخنىكىلىق مۇداپىئەلىنىش، ئۆزى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇچۇر ئاشكارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى، خىزمەت مەخپىيىتى ئۇچۇر سىستېمىسىنى تەكشۈرۈش، باھالاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، بىخەتەرلىك، مەخپىيەت ساقلاش يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا بايقىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
44 - ماددا ئورگانلار، ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى ھۆكۈمەت ئىشىنى بېجىرىش جەريانىدا ئېرىشكەن، بىلگەن سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇنى قانۇنسىز ئاشكارىلىسا، ئىشلەتسە ياكى باشقىلارغا تەمىنلىسە بولمايدۇ.
ساھە مەسئۇل تارمىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، كەسىپ، ساھەلەر بويىچە سودا مەخپىيىتىنى قوغداش مېخانىزمىنى ئورنىتىشىغا، تىجارەتچىلەرنىڭ سودا مەخپىيىتىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىشىغا، تاكامۇللاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
سودا مەخپىيىتى ھوقۇق ئىگىسى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك قوغداش تەدبىرىنى قوللىنىپ، سودا مەخپىيىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
45 - ماددا بۇ نىزام 2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)