«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 15 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: 2035 - يىلىغا بارغاندا ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش مەركىزىي كومىتېت چىقارغان بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. «15 - بەش يىل» بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېز ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دۆلەت، نوپۇس كۆلىمى غايەت زور، شەھەر - يېزا، رايونلارنىڭ پەرقى يەنىلا بىرقەدەر چوڭ بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، بۇ، بىزنىڭ جەزمەن پارتىيەنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ساغلاملىق ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىمىزنى بەلگىلىگەن. 2016 - يىلى مەركىزىي كومىتېت يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنى، يەنى ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ساغلاملىقنى بارلىق سىياسەتلەرگە سىڭدۈرۈش، خەلق ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى دەۋردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر بۇ تەلەپلەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى، تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىدە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، بەزى كونكرېت سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر، لېكىن جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. بۇ تۈپ مەسىلىلەردە، جەزمەن باشتىن - ئاخىر كاللىنى سەگەك تۇتۇش، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش. خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۆپ خىللاشقان سەھىيە - ساغلاملىق ئېھتىياجى ئالدىدا، مەنپەئەت يەتكۈزۈش دائىرىسى كەڭ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، پۈتكۈل سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچ ۋە بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىش، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇش، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى يۇغۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، داۋالاش - قۇتقۇزۇش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، ماددىي ئەشيا كاپالىتى ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش بويىچە ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەرۋىشى ۋە ئارامبەخش پەرۋىشى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىش كېرەك. ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ساغلام ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلاملىق ئىدىيەسىنى ئاممىۋى سىياسەتنى تۈزۈپ يولغا قويۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورىگەرلىكنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسىدە ئايلاندۇرۇش ۋە قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى بويىچە رەقەملەشتۈرۈش - ئاقىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كەڭ تېببىي خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، ئېسىل تېببىي ئەخلاق، تېببىي ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان كەسىپ مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.