شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە تەھرىرلىگەن «جياڭ زېمىن دىپلوماتىيە ئەسەرلىرىدىن تاللانما» مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
«جياڭ زېمىن دىپلوماتىيە ئەسەرلىرىدىن تاللانما»غا يولداش جياڭ زېمىننىڭ 1989 - يىلى 7 - ئايدىن 2003 - يىلى 7 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى دىپلوماتىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، جەمئىي 115 پارچە دوكلات، سۆز، سۆھبەت، نۇتۇق، خەت - چەك، سوئال - جاۋاب، بېغىشلىما قاتارلىقلار بار، بۇلار تەخمىنەن 320 مىڭ خەتلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەر تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.
«جياڭ زېمىن دىپلوماتىيە ئەسەرلىرىدىن تاللانما»دا يولداش جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى جەھەتتىكى مۇھىم ئىدىيەسى ھەم قالتىس تۆھپىسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ئەسەرلەردىن تاللانمىنىڭ تەھرىرلىنىپ نەشر قىلىنغانلىقى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان يېڭى مەزگىلدىكى تارىخىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.