شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باكۇ، 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جوۋ لياڭ) مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى تەرجىمە قىلغان ئەزەربەيجان تىل - يېزىقى نۇسخىسىدىكى تۇنجى پىروگرامما «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتى»نى كۆرسىتىشنى باشلاش پائالىيىتى يېقىندا ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلدى.
«شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتى»دە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە دائىر تەسىرلىك ھېكايىلەر تاللىنىپ، ئۇنىڭ «مەدەنىيەت گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مەدەنىيەت قۇدرەت تاپسا مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ» دېگەن چوڭقۇر تەپەككۇرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قەدىرلەش، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭقۇر ھېسسىياتى نامايان قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارادىكى كۆرۈرمەنلەرگە شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى بايان قىلىنغان ۋە چۈشەندۈرۈلگەن.
جۇڭگونىڭ ئەزەربەيجاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇمېي پائالىيەتتە سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتى»نىڭ ئەزەربەيجاندا كۆرسىتىلىشى جۇڭگو - ئەزەربەيجان تاراتقۇ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، ئەزەربەيجاندىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى يىلتىز تارتقان چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى ھېس قىلىشىغا پايدىلىق.
ئەزەربەيجان خەلق كېڭىشى مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېفېندىيېۋا مۇنداق دېدى: ئەزەربەيجان بىلەن جۇڭگو ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، نۇرغۇن ئالاقىسىدىن باشقا، بۈگۈنكى كۈندە ئىككى دۆلەت يەنە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتىكى ئورتاق ئىدىيە ئارقىلىق زىچ باغلاندى. «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتى»نىڭ ئەزەربەيجاندا كۆرسىتىلىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەزەربەيجان دۆلەت تېلېۋىزىيە - رادىيو شىركىتىنىڭ مەدەنىيەت قانىلى ۋە ئەزەربەيجان 24 ARB تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ فىلىمنى كۆرسەتتى.