ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2026-08-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى8 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 16 ـ سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، جۇغراپىيەسى مۇرەككەپ، كىلىماتى كۆپ خىل بولۇپ، تەبىئىي ئاپەت ئاسان، كۆپ يۈزبېرىدۇ. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى خەلقنىڭ ئامانلىقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە بۇرۇلۇش ياساش، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، سىستېما قۇرۇلۇشى، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ بىر قاتار زور، پەۋقۇلئاددە زور تەبىئىي ئاپەتلەر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش ۋە مال ـ مۈلۈك زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتتى، نەتىجىلەرنى دۇنيا ئېتىراپ قىلدى. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇش، جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ قىممەتلىك تەجرىبىلەردە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش ھەم يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، كۈچەپ ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپەتنى تىزگىنلەشتە ئىشتىن بۇرۇن مۇداپىئەلىنىش تىپىغا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەنبەدىن باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ـ ئەۋرىشىم بولۇش تەلىپىنى دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى ھەم تۈرلۈك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىغا سىڭدۈرۈپ، تەبىئىي ئاپەت خەۋپ ـ خەتىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش كېرەك. يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئاپەت خەۋپ ـ خەتىرىنى سىستېمىلىق رەتلەش، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش كېرەك. قۇرۇلۇشنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم شەھەرلەر ۋە ئاپەت كۆپ يۈزبېرىدىغان رايونلارنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۇل ئەسلىھە ۋە مۇداپىئە ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، شىمالىي رايونلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ھۆلچىلىكنى تۈگىتىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىش كېرەك. يۇقىرى خەۋپلىك بۆلەكلەرگە قارىتىلغان نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تۈردە ساقلانما خەۋپ ـ خەتەرنى تۆۋەنلىتىش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىشىنى توسۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: چوڭ ئاپەت، زور ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، چوڭ ئاپەت، زور ئاپەت خەۋپ ـ خەتىرىگە چوڭقۇر ھۆكۈم قىلىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى تېخىمۇ تولۇقراق مۆلچەرلەپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئەتراپلىقراق ئويلىشىش كېرەك. كۆزىتىش ـ تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالدىن سىگنال بېرىشنىڭ دەل ۋاقتىدا بولۇشى، دەل جايىدا بولۇشى، راۋان بولۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. چوڭ بىخەتەرلىك، ئومۇميۈزلۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش رامكىسىدىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ئاتاكىغا ئۆتەلەيدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش، ئۆتكۈنچى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، تەبىئىي ئاپەت خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ۋە كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بىز سوتسىيالىستىك دۆلەت، چوقۇم ھەربىر قېتىملىق زور ئاپەت، زور سىناقتا ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پەن ـ تېخنىكا تىرىكى ۋە قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. پەن ـ تېخنىكا جەھەتتە، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدىكى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە پەن قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەت ئاساس تەتقىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللىق جەھەتتە، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ساھەسىنىڭ قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپى، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى باشتىن ـ ئاخىر بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش كۈچلىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش سورۇنلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ماددىي ئەشيا جابدۇق كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. جەمئىيەتتىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچلىرى قۇرۇلۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئامما كۆزىتىش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن ساقلىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نۇرغۇن تارماق، نۇرغۇن ئاپەت تۈرى، نۇرغۇن ھالقىغا چېتىلىدۇ، جەزمەن مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى چىڭىتىپ، تارقاق كۈچلەردىن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇداپىئەلىنىش بىلەن قۇتقۇزۇشنى جىپسىلاشتۇرۇش، يۇقىرى ـ تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ماسلىشىدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ بىخەتەرلىككە سەل قاراش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ مۇداپىئەلىنىشكە سەل قاراش قاتارلىق خاھىشلارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تونۇش جايىدا بولۇش، مەسئۇلىيەت جايىدا بولۇش، خىزمەت جايىدا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.