شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.
«يىرىك پىلان»دا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر خىزمىتى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك. شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى باشقۇرۇش ۋە ئۇلارنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، تەشكىلىي باشقۇرۇش سىستېمىسى، خىزمەتنى يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى، سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى قوبۇل قىلىپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇلارنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشى تەربىيەلەپ، ياخشى باشقۇرۇپ، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، ھەربىيلىكنى پۈتكۈل جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى پۈتكۈل جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان ئادەمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
«يىرىك پىلان»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر خىزمىتىدە، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشى قوغداش؛ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت - تۈزۈملەرنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ دەل جايىدا، قولايلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
«يىرىك پىلان»دا ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە تەقدىرلەش، رىغبەتلەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەر چۆرىدىلىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر مۇلازىمەت مەركەز (پونكىت)لىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش، غەمخورلۇق قىلىش - نەپىقە بېرىش، داۋالاش، ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«يىرىك پىلان»دا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك.