«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 18 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئاساس تەتقىقات پۈتكۈل ئىلىم - پەن سىستېمىسىنىڭ مەنبەسى، بارلىق تېخنىكا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى باش ئاچقۇچ، دۇنياۋى پەن - تېخنىكا رىقابىتىدىكى ئالدىنقى سەپ بازا. بىر دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنى ئۆلچەشتە ئاساس تەتقىقات سەۋىيەسىگە قاراش بىر مۇھىم ئۆلچەم. دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى بولۇش ئۈچۈن، ئاساس تەتقىقاتنى جەزمەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساس تەتقىقاتقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، سېلىنمىنى ئاشۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، دۆلىتىمىز ئاساس تەتقىقات سەۋىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ ئاساس تەتقىقاتىمىزدا يەنىلا پەرق مەۋجۇت. كىرىزىس تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاساس تەتقىقات سىستېمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. چوڭ ئىلىم - پەن دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئاساس تەتقىقاتنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسى بارغانسېرى ئۆسمەكتە، بۇ بىزنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېز شەكىللەندۈرۈشىمىزگە ئېھتىياجلىق. نىشان، يۆنىلىشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، «تۆتكە يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ئاساس تەتقىقاتنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ۋە نۇقتىلىق ساھەلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. كۈچلەرنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت تەجرىبىخانىسى، دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى داشۆ قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانا يېتەكچىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساس تەتقىقات، قوللىنىش - ئېچىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشتىكى يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. پەن ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن تەسىس قىلىش - تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساس پەنلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پەنلەر بىلەن ئاساس پەنلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ پەنلەرنىڭ گىرەلەشمە يۇغۇرۇلۇشى ۋە پەن ھالقىغان تەتقىقاتقا ئىلھام بېرىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاساس تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى زورايتىش كېرەك. ئاساس تەتقىقات تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تەربىيەلەش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ ئاساس تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنىڭ سانى يېتەرلىك بولۇش، ساپاسى ياخشى بولۇش، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاساس تەتقىقات زاپاس كۈچىنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا بىلەن مائارىپ ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات بىرىنچى سېپىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى بايقاش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ياش ئىختىساسلىقلارغا زور كۈچ بىلەن يار - يۆلەك بولۇپ، ۋەزىپە ئارقىلىق يېتەكلەش، پېشقەدەملەر ياشلارنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ياش پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشى ئۈچۈن يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش كېرەك. پائال ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ئاساس تەتقىقات خادىملىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزىقىشى، تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىزدىنىش ئارزۇسىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاساس تەتقىقاتقا ئۆزىنى بېغىشلاشنى تېخىمۇ كۆپ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ كىشىلىك ھايات ئىنتىلىشىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاساس تەتقىقاتنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيەدىكى توسالغۇ ۋە تۈزۈم توسۇقىنى دادىل بۇزۇپ تاشلاپ، ئاساس تەتقىقاتنى ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان سېلىنما كاپالىتى ۋە سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. خىراجەت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئاساس تەتقىقات خىراجىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، مەبلەغ غەملەش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاساس تەتقىقاتنىڭ كۆپ خىللاشقان سېلىنما ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىلىم - پەن فوندىنىڭ ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەتقىقات شارائىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىلىم - پەن سانلىق مەلۇماتلىرى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن - تېخنىكا قەرەللىك ژۇرنىلى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئاساس تەتقىقاتقا كۈچ قوشۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان پەن تەتقىقات سۇپىسى سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساس تەتقىقات ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرگە ئايرىپ باھالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساس تەتقىقات بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقاتنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك. پەن تەتقىقات ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، پەن تەتقىقاتتىكى سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقاتتىكى چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاساس تەتقىقات خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش كېرەك. دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش تورىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق داۋامىدا دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئىچى ئاساس تەتقىقات بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە - مۇھىت، ھاياتلىق - ساغلاملىق قاتارلىق مۇھىم ئىلىم - پەن مەسىلىلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت پەن - تېخنىكا پىلانى بويىچە سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، خەلقئارا چوڭ ئىلىم - پەن پىلانى، چوڭ ئىلىم - پەن قۇرۇلۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، دۇنياۋى پەن - تېخنىكىنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىشتە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.