شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېت دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى كادىرلار ئوقۇشلۇقى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئوقۇشلۇق» دېيىلدى) ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى، قانۇن نەشرىياتى تەرىپىدىن بىرلىكتە نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
«ئوقۇشلۇق» مۇقەددىمە ۋە 12 باب تېكىستتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ «12دە چىڭ تۇرۇش» يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى رامكا ئاساسىي لىنىيەسى قىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش، تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى چۆرىدىلىپ، يېڭى دەۋردىكى قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر خۇلاسىلىنىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان، چۈشەندۈرۈلگەن.
«ئوقۇشلۇق»نىڭ نەشر قىلىنىشى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تۈردە بۇ مۇھىم ئىدىيە بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشقا پايدىلىق.