«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 22 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2013 - يىلى 10 - ئايدىن 2025 - يىلى 11 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندە.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ مەنپەئىتى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇپ كەلدى، بىرى گۈللەنسە، ھەممىسى گۈللىنىدۇ، بىرى زىيانغا ئۇچرىسا، ھەممىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئېچىۋېتىش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىي ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتنى كۆزلەش كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئورتاق ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان بولۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۈگۈنكى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى دۇنيا بويىچە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور ئىقتىسادىي بۆلەك، شۇنداقلا دۇنيا ئېتىراپ قىلغان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى بىر مۇھىم موتور. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئورتاق گۈللىنىش كەلگۈسىنى كۈتۈۋېلىپ، ئېچىۋېتىلگەن - سىغدۇرۇشچان، يېڭىلىق يارىتىدىغان - ئىقتىسادنى ئاشۇرىدىغان، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان - ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى داۋاملىق ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان پاراۋۇز بولۇشى كېرەك. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە گۈللىنىشىنى قوللاشنى نىشان ۋە ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئەسلەپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچ ۋە ئەۋرىشىملىككە ئىگە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقى ئارقىلىق دۇنياغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغداپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپ ۋە تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ئېچىۋېتىش، يۇغۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو، قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ كۆپ خىللىقى گەۋدىلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىق تورتىنى ئورتاق زورايتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتتىكى ھاڭنى تېخىمۇ ياخشى تولدۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: مەيلى تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يېتىشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا يىلتىز تارتىدۇ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنى گۈللەندۈرىدۇ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆز تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن بىللە، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، بۇ رايوندىكى خەلققە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىدۇ. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئەمەلىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.