
ساۋما قىلىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «نىزام»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، 5 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتىگە قويغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلىپى كۆزدە تۇتۇلۇپ، يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى كۈچەيتىلىپ، يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى ۋە يۈرۈشۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن بولۇپ، يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئۆز رايونىدا ئومۇملۇقنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇش، تەدبىر بەلگىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «نىزام»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، «نىزام»نى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، «نىزام»نى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىيەت قارىشى ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسەت - بۇيرۇقلىرىنىڭ راۋان بولۇشى، بۇيرۇقلىرىنىڭ قەتئىي ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ياخشى زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىشى، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشى كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، كېڭىشىش، تەدبىر بەلگىلەش ۋە نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك، باشقۇرۇشى قاتتىق، بەنزىسى ئىتتىپاق، كەيپىياتى ساپ بولغان كۈچلۈك تەشكىلات قۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.