شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىسقىچە ئاتىلىشى:شىن. جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا، ئاسىيا- ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان،ئومومىي كۆلىمى 1مىليون 664مىڭ 900كۋادىرات كىلومېتىر، دۆلىتىمىز ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. دۆلىتىمىز ئىچىدە شىزاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ بىلەن قوشنا. ئەتراپتا موڭغۇلىيە، روسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق 8 دۆلەت بىلەن چېگرىداش. قۇرۇقلۇق چېگراسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5700 كىلومېتىردىن ئارتۇق، دۆلىتىمىز قۇرۇقلۇق چېگراسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ جۇڭگودىكى قۇرۇقلۇق كۆلۈمى ئەڭ چوڭ، چېگرىداش دۆلىتى ئەڭ كۆپ، قۇرۇقلۇق چېگراسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون.
شىنجاڭ قەدىمدە «غەربىي يۇرت» دەپ ئاتالغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىدىكى چېگرا رايون دېگەن مەنىدە، قەدىمدىن تارتىپلا ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 138- يىلى بۇرۇنلا خەن ۋۇدى جاڭ چيەننى غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، غەربىي خەن سۇلالىسى بىلەن غەربىي يۇرتتىكى شەھەرلەر ئارىسىدا مۇناسىۋەت ئورناتقان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى غەربىي خەن ھاكىمىيىتى ۋولىيىدە (بۈگۈنكى بۈگۈر دائىرىسىدە) غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلغان. بۇ شىنجاڭ رايونىنىڭ جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 1884- يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا رەسمىي ئۆلكە تەسىس قىلىپ، «قەدىمىي ماكاننىڭ يېڭىدىن قايتىپ كېلىشى» دېگەن مەنىدە غەربىي دىيارنىڭ نامىنى «شىنجاڭ» دەپ ئۆزگەرتكەن. 1949- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنىپ،شنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈردى. 1955- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى (موڭغۇل تىلىدا گۈزەل يايلاق دېگەن مەنىدە) قىلىپ بېكىتىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، گۈللىنىپ راۋاجلىنىش، ئىتتىپاقلىشىپ يۈكسىلىشنىڭ شانلىق تارىخىنى بىرلىكتە يېزىپ چىقتى.
شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون، ھازىر 56 مىللەت ئورتاق ياشاۋاتقان بولۇپ، جۇڭگودىكى مىللەت تەركىبى ئەڭ تولۇق ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننىڭ بىرى، ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقانلاردىن ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ، قىرغىز، مانجۇ، شىبە، تاجىك، داغۇر، ئۆزبېك، تاتار، رۇس قاتارلىق مىللەت بار. 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق ئومومىي نوپۇسى 25 مىليون 852مىڭ 300 ئادەم بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى تەخمىنەن %57.76 نى تەشكىل قىلىدۇ. شىنجاڭدا ھازىر 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر ) بار، بۇ 5 ئاپتونوم ئوبلاست، 5 ۋىلايەت ۋە ئۈرۈمچى، قاراماي، تۇرپان، قۇمۇلدىن ئىبارەت 4 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەمئىي 107 ناھىيە (شەھەر، رايون) بار، بۇ 66 ناھىيە، 28 ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، 13 شەھەر قارمىقىدىكى رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە 6 ئاپتونوم ناھىيە، 34 چىگرا ناھىيە (شەھەر) بار؛ 1127 يېزا – بازار (كوچا باشقارمىسى) بار، بۇ 478 يېزا، 444 بازار، 205 كوچا باشقارمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 42 مىللىي يېزا بار؛ 11 مىڭ 777 كەنت (مەھەللە) بار بولۇپ، 8891 مەمۇرىي كەنت، 2886 مەھەللىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ھازىر 14 شى، بىڭتۇەن باشقۇرۇشىدىكى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 11 ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، 56 ئىشتاتلىق بازار، 179 تۇەن- مەيدان بار بولۇپ، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت (شەھەر، ئوبلاست) كە گىرەلەشمە شەكىلدە تارقالغان، تەۋەلىك كۆلىمى تەخمىنەن 70 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
شىنجاڭنى يەر تۈزۈلۈشىنى «ئۈچ تاغ ئارىسىدىكى ئىككى ئويمانلىق» دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. شىمالدا ئالتاي تېغى، جەنۇبتا كۇئېنلۇن تېغى بار، ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تيانشان تېغى شىنجاڭنى جەنۇب ۋە شىمال ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ تۇرىدۇ، ئادەتتە تيانشان تېغىنىڭ جەنۇب تەرىپى جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمال تەرىپى شىمالىي شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى 530 مىڭ كۋادىرات كىلومېتر بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقى ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 330 مىڭ كۋادىرات كىلومېتر بولۇپ، جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ ۋە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تارىم دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2575 كىلومېتر بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى دەريا. شىمالىي شىنجاڭدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 380 مىڭ كۋادىرات كىلومېتر بولۇپ، جۇڭگو بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ. تيانشان تېغىنىڭ شەرقى ۋە غەربىدە «ئوت يۇرتى» دەپ نام ئالغان تۇرپان ئويمانلىقى ۋە «چېگرا بوستانلىق» دەپ نام ئالغان غۇلجا ۋادىسى بار. تۇرپان ئويمانلىقىغا جايلاشقان ئايدىڭكۆل دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتر تۆۋەن بولۇپ، جۇڭگو قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن جايى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى كۆللەرنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 10 مىڭ 700 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە باغراش كۆلىنىڭ سۇ دائىرىسى تەخمىنەن 1000 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى بوستانلىقنىڭ كۆلىمى 143 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %8.7 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي بوستانلىق كۆلىمى 81 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، بوستانلىق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %56.6 نى ئىگىللەيدۇ. نەم يەر ئومۇمىي كۆلىمى 39مىڭ 500 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
شىنجاڭ تىپىك مۆتىدىل چوڭ قۇرۇقلۇق ھاۋاسىغا تەۋە بولۇپ، ھۆل – يېغىن بەك ئاز، پارغا ئايلىنىش مىقدارى چوڭ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل- يېغىن مىقدارى 170.6 مىللىمېتىر. رايون ئىچىدە جەمئىي 3355 دەريا بار، ئىچىدە يىللىق ئېقىم مىقدارى 1 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان دەريادىن 18 ى، 10مىليا كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان دەريادىن 3 ى بار (تارىم دەرياسى، ئىلى دەرياسى، ئېرتىش دەرياسى). زاپاس مۇز مىقدارى 2تىرلىيون130 مىليارد كۇب مېتىر، پۈتۈن مەملىكەت زاپاس مۇز مىقدارىنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، «قاتتىق سۇ ئامبىرى» دېگەن نامغا ئىگە. كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سۇ بايلىقى مىقدارى 83 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە يەر ئۈستى سۈيى 79 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىر، يەر ئاستى سۇيى 4 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %3 نى ئىگىلەيدۇ. سۇ بايلىقىنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن تەكشىسىز بولۇپ، غەربتە كۆپ، شەرقتە ئاز، شىمالدا كۆپ، جەنۇبتا ئاز، تاغلىق رايوندا كۆپ، تۈزلەڭلىكتە ئاز. ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقتا بىۋاسىتە ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ كۆلىمى 1 مىليارد مو بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ 1\10 دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 78 مىليون 634مىڭ 300 مو، ئورمان يېرى كۆلىمى 134 مىليون مو، ئوتلاق كۆلىمى 748 مىليون مو بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 5 چوڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىرى. يىللىق كۈن چۈشۈش ۋاقتى 3200~2300 سائەتكىچە بولۇپ، تۈرلۈك زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى جەھەتتە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە.
شىنجاڭنىڭ بىئولوگىيە بايلىق تۈرلىرى كۆپ ۋە سورتلىرى ئالاھىدە. ھازىر بار بولغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار 730 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ياۋايى ھايۋانلار ئومومىي مىقدارىنىڭ 11 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار 178 خىل بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %18 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان 45 خىل، دۆلەت تەرىپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان 133 خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇل ياۋا ئېتى، شىزاڭ ياۋا ئېشىكى، يىلپىز قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارمۇ بار. ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى 4000 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەر تۈرىگە كىرگۈزۈلگىنى 9 خىل بولۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك 1 خىل، دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئىككىنچى دەرىجىلىك ياۋا ئۆسۈملۈكتىن 8 خىلى بار بولۇپ، چاكاندا، لوپنۇر كەندىرى، چۈچۈكبۇيا، سوفىگۈل، قانتېپەر، توشقان زەدىكى، قارلەيلىسى، ئالىقات قاتارلىقلار كەڭ تارقالغان بولۇپ، سورتلىرى ئېسىل. ئۆزگىچە مېۋە تۈرلىرى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە 214 خىل ئېسىل سورت بار، تۇرپان ئۈزۈمى، كورلا نەشپۈتى، قومۇل قوغۇنى، ئاقسۇ ئالمىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭغا تارقالغان چىلان، ياڭاق، ئۆرۈك، ئانار، ئەينولا، ئەنجۈر، بادام، ئالىقات، جىغان قاتارلىق داڭلىق مەھسۇلاتلارنىڭ نامى دۆلەت ئىچى – سىرتىغا تارقالغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «مېۋە- چېۋە ماكانى» دېگەن نامى بار.
شىنجاڭنىڭ كان بايلىقلىرىنىڭ تۈرى تولۇق، زاپىسى كۆپ، ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولۇپ ئېچىش ئىستىقبالى كەڭ. ئاپتونوم رايون ئىچىدە بايقالغان كان بايلىقلىرى 152 خىل بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بايقالغان كان تۈرىنىڭ %87.86 نى تەشكىل قىلىدۇ. تەكشۈرۈپ بايقالغان كان زاپىسى بار كان مەھسۇلاتلىرىدىن 98 خىل بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %60.49 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېنېرگىيە مەنبەسى كان مەھسۇلاتى 7 خىل، مېتال كان مەھسۇلاتى 34 خىل، مېتالدىن باشقا كان مەھسۇلاتى 57 خىلغا يېتىدۇ. زاپىسى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى 13 خىل، ئالدىنقى بەشىنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغىنى 56 خىل، ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدە تۇرىدىغىنى 76 خىل. پۈتۈن شىنجاڭدىكى كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى باھالاش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ نېفىت بايلىقى 23 مىليارد توننا بولۇپ، مەملىكەت قۇرۇقلۇق نېفىت مىقدارىنىڭ %30 نى ئىگىلەيدۇ، تەبئىي گازنىڭ مۆلچەردىكى مىقدارى 16 تىرلىيون كۇب مېتر بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق تەبئىي گاز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 34 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. كۆمۈرنىڭ مۆلچەردىكى مىقدارى تەخمىنەن 2تىرلىيون19مىليارد توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۆلچەردىكى مىقدارىنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، كۆمۈر قەۋىتىنىڭ مۆلچەردىكى مىقدارى 9 تىرلىيون 510 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆمۈر قەۋىتى زاپاس مىقدارىنىڭ %26 نى ئىگىلەيدۇ. تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، سىنك، ئالتۇن، خۇروم، نىكېل، ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار، تۇز تۈرىدىكى قېزىلما بايلىقلار، فتورىت قاتارلىق قېزىلما بايلىقلارنىڭ زاپىسى مول.
شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت بايلىقى مول، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور. تەبئىي مەنزىرىسى ئالاھىدە، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن ئېگىز تاغدىكى كۆل بۇغدا كۆلى، دۇنيانىڭ باغچىسى دەپ تەرىپلىنىدىغان قاناس كۆلى، يېشىللىق كارىدورى تۇرپان بۇيلۇق، بوشلۇقتىكى يايلاق نارات، گېئولوگىيەلىك ئاجايىپ مەنزىرە - كۆكتوقاي قاتارلىقلار بار. 2013 – يىلى، جۇڭگو «شىنجاڭ تيانشان»نى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم – پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا تەبىئىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. 2018- يىلى، ئالتاي شەھىرىگە «جۇڭگو قار شەھىرى» دۆلەت كىلىمات بەلگىسى بېرىلدى. تارىخىي مەدەنىيتى چوڭقۇر بولۇپ، 5000 كىلومېتردىن ئارتۇق قەدىمكى «يىپەك يولى» نىڭ جەنۇبى،شىمالى ۋە ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ يولدا نۇرغۇن قەدىمىي مەدەنىيەت خارابىسى، قەدىمىي قەبرىستانلىقى ۋە مىڭ ئۆي قاتارلىق مەدەنىيەت مەنزىرىلىرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە يارغول قەدىمىي شەھىرى، كرورەن قەدىمىي قەبرىستانلىقى، قىزىل مىڭ ئۆي قاتارلىقلار جۇڭگو ۋە چەتئەلگە داڭلىق. ئاپتونوم رايون بويىچە يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 9542 ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورنىدىن ئالتىسى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن 133 ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن 620 سى، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن 95 ى بار بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى ۋە مۇھىم ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى. مىللىي ئۆرپ - ئادەت قويۇق، مىللەتلەر مەدەنىيەت-سەنئەت، تەنتەربىيە، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. مىللىيچە ئۇسسۇل رەڭگارەڭ بولۇپ، «ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار.
«13- بەش يىل» دىن بۇيان، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 –، 4 –، 5 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ 2-، 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خورام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردۇق. ئەبەدىي ئەمىنلىككە قەدەم تاشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدۇق.
ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت سىجىل مۇقىم بولدى. مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۆتكەن بىر مەزگىلدە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان، كەينى ـ كەينىدىن يۈز
بېرىدىغان پاسسىپ ۋەزىيەتنى ئۈزۈل ـ كېسىل ئۆزگەرتتۇق، ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈزبەرمىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا تىنچ، ئىناق، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان چوڭ ياخشى مەنزىرە بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى،- بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، شىنجاڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ نەزەرىدە «ئامانلىق باشقۇرۇشى ئەڭ ياخشى، ئىجتىمائىي مۇھىت ئەڭ بىخەتەر، ۋەزىيەت ئەڭ خاتىرجەم» جاي بولۇپ قالدى.
ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ ئۈزلۈكسىز ئاشتى. رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2015 - يىلىدىكى 930 مىليارد 688 مىليون يۈەندىن 2020 - يىلى 1 تىرىليون 379 مىليارد 758 مىليون يۈەنگە، كىشى بېشى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2015 - يىلىدىكى 39 مىڭ 520 يۈەندىن
2020 ـ يىلى 53 مىڭ 593 يۈەنگە يەتتى. كەسىپ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، ئۈچ كەسىپنىڭ نىسبىتى 2015 - يىلىدىكى 15.1:37.0:47.9 تىن 2020 - يىلىدىكى 14.4:34.4:51.2 گە تەڭشەلدى. 2020 ـ يىلى ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 147 مىليارد 720 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، 2015 - يىلىدىكىدىن %11 ئاشتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 552 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، 2015 - يىلىدىكىدىن %45.2 ئاشتى. 2020 - يىلى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 34 مىڭ 838 يۈەن بولۇپ، 2015 - يىلىدىكىدىن %32.6 ئاشتى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 14 مىڭ 56 يۈەن بولۇپ، 2015 - يىلىدىكىدىن %49.1 ئاشتى.
يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادى مۇقىم تەرەققىي قىلدى. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، ئاشلىق، پاختا، مېۋە، چارۋا ۋەكىللىكىدىكى خاس يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، كەسىپلەشكەن، بازارلاشقان تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلدى. 2020 - يىلى، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 15 مىليون 834 مىڭ توننا بولۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى؛ پاختا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 5 مىليون 161 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2015-يىلىدىكىدىن %23.1 ئاشتى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ٪87.3نى ئىگىلەيدۇ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسى بولۇش ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، دۆلەتنىڭ پاختا ئىستراتېگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. باغۋەنچىلىك كۆلىمى 21 مىليون 500 مىڭ مو ئەتراپىدا مۇقىملاشتى، مېۋە – چېۋە مەھسۇلات مىقدارى 13 مىليون توننىدىن ئېشىپ، 2015 – يىلىدىكىدىن%27.4 ئاشتى، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك ئالاھىدە باغۋەنچىلىك بازىسى بەرپا قىلىندى؛ چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 103 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2015 - يىلىدىكىدىن %46 ئاشتى، چوشقا-كالا-قوي، ئۆي قۇشلىرىنىڭ قوتاندىكى سانى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 50 مىليون 752 مىڭ تۇياققا، 56 مىليون 755 مىڭغا يەتتى، چوشقا-كالا-قوينىڭ قوتاندىن چىقىرىلىش مىقدارى 42 مىليون 792 مىڭ تۇياققا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ قوتاندىن چىقىرىلىش مىقدارى 103 مىليون 592 مىڭغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە مۇھىم چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلدى. ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %85.13 كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
سانائەت ئىقتىسادىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، پولات - تۆمۈر قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپى ئۆزگەرتىلىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلدى. 2020 - يىلى سانائەت قوشۇلما قىممىتى 363 مىليارد 333 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2015 - يىلىدىكىدىن %26.8 ئاشتى. «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىسى داۋاملىق مۇستەھكەملىنىپ، كۆمۈرچىلىك كەسپىدىكى ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن جەمئىي 23 مىليون 560 مىڭ توننا، پولات ـ تۆمۈر كەسپىدە 10 مىليون 150 مىڭ توننا ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، قالاق كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدىن 1 مىليون 591 مىڭ كىلوۋات تاقالدى، توختىتىلدى. دۆلەت دەرىجىلىك زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇش تېزلىتىلىپ، شەرقىي جۇڭغار، تۇرپان - قومۇل ئاساس قىلىنغان كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىي تەرەققىيات توپلاشقان رايون دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلغان توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، پۈتۈن ساھەدە جەمئىي 706 مىڭ 500 ئادەم-قېتىم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. سانائەت ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى 33 مىليارد 129 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2015 – يىلىدىكىدىن %80 ئاشتى. ئاساسلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدارى مۇقىم ئاشتى، خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 29 مىليون 147 مىڭ 500 توننا بولۇپ، 2015 – يىلىدىكىدىن %4.3 ئاشتى، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 36 مىليارد 983 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، 2015-يىلىدىكىدىن %26.2 ئاشتى، توك تارقىتىش مىقدارى 412 مىليارد 186 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، 2015 – يىلىدىكىدىن %66.3 ئاشتى.
ساياھەتچىلىك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. «شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» داڭلىق ماركىسىنى كۈچەپ يارىتىپ، ساياھەتچىلىك شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھازىر A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى 515 كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى 16 بولۇپ، غەربىي شىمال بويىچە 1 - ئورۇندا، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ھازىر ساياھەت كوپىراتىپىدىن 725 ى، يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت مېھمانخانىسىدىن 381 ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايدىن 13 ى بار. S دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قار تېيىلىش مەيدانى 38 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە S5 قار تېيىلىش مەيدانى 5، S4 قار تېيىلىش مەيدانى 4. مايتاغ - كۇچا تاشيولى، كۆكتوقاي قاتارلىق بىر تۈركۈم ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرى ۋە داڭلىق ساياھەت ماركىلىرى بەرپا قىلىنىپ، قار - مۇز ساياھىتى، ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى، پۇقراۋى قونالغۇ ساياھىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، قىزىل ساياھەت، سانائەت ساياھىتى، ساياھەت ئويۇن قويۇش قاتارلىق مەدەنىيەت، ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى دەسلەپكى قەدەمدە يېتىلدۈرۈلدى. ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش» ئىستېرېئولۇق ساياھەت قاتناش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلۈپ، «بىر يان تېلېفون بىلەنلا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسى تورغا چىقىرىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل يەتكۈزۈلۈشىدىن، ساياھەتچىلىكتە شىددەت بىلەن ئېشىش كۆرۈلدى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 2016 ـ يىلىدىكى 80 مىليون ئادەم-قېتىمدىن 2019 ـ يىلىدىكى 210 مىليون ئادەم-قېتىمغا يەتتى، ساياھەت كىرىمى 140 مىليارد يۈەندىن 363 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتتى، 2020 - يىلى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېغىر زەربىسىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 158 مىليون ئادەم-قېتىمدىن ئاشتى.
يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى تېز يولغا قويۇلۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشتىكى رولى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، نېفىت، نېفىت-خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، پاختا، پەمىدۇر پىششىقلاش، باغ - ئورمان قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە رىقابەت كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك ئۈچ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ۋە سانجى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك 11 يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا رايونى بار، 2018 - يىلى 11 - ئايدا گوۋۇيۈەن ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى. ھازىر قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىدىن 147 (دۆلەت دەرىجىلىك تەجرىبىخانىدىن 5)، نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن 91 (دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىن بىرى، ئۆلكە ۋە مىنىستىرلىق بىرلىكتە قۇرغان دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىن ئىككىسى، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىدىن ئىككىسى) بار. 2019 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىياتى (R&D) خىراجەت چىقىمى 6 مىليارد 410 مىليون يۈەن بولۇپ، 2015 - يىلىدىكىدىن %23.27 ئاشتى. 2020 - يىلى پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگىنى 12 مىڭ 763 بولۇپ، 2015 - يىلىدىكىدىن %45.68 ئاشتى، كەشپىيات پاتېنتى بېرىلگىنى 859 بولدى.
ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈردۇق. ئۇنىۋېرسال قاتناش تورى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، تۆمۈريولنىڭ تىجارەت مۇساپىسى 7399 كىلومېتىرغا يېتىپ، بەش يىلدا 1530 كىلومېتىر كۆپەيدى، گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان 3 - چوڭ تۆمۈريول ئېچىلدى، تۆمۈريول ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تۇتاشتۇرۇلدى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى مېترو دەۋرىگە قەدەم قويدى، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول يولۇچى تىرانسپورتى مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئاساسىي تورىغا تۇتاشتۇرۇلدى؛ تاشيول قاتناش مۇساپىسى 209 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلۈپ، بەش يىلدا يېڭىدىن 31 مىڭ كىلومېتىر ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول (1-دەرىجىلىك) نىڭ قاتناش مۇساپىسى 7650 كىلومېتىرغا يېتىپ، بەش يىلدا يېڭىدىن 2032 كىلومېتىر كۆپەيدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول (1-دەرىجىلىك) بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە %74.8 تىن يۇقىرى ناھىيە، شەھەر، رايونلارغا تۇتاشتۇرۇلدى؛ پۇقرالار ئايرودۇرۇمىنىڭ ئومۇمىي سانى 22 گە يېتىپ، بەش يىلدا يېڭىدىن تۆت تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى قۇرۇلدى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى يادرو، تارماق لىنىيە ئايروپورتىنى تىرەك قىلغان «ھاۋا يىپەك يولى» دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشتى. سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ سىغىمى 23 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈلۈپ، بەش يىلدا 3 مىليارد 563 مىليون كۇب مېتىر ئاشۇرۇلدى، يۇرۇڭقاش، چوڭ جىلغا، مومۇق قاتارلىق 21 چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك ئورنى بويىچە، نېفىت، تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش قەدىمى تېزلىتىلدى، تارىم 30 مىليون توننىلىق نېفىتلىكى قۇرۇپ چىقىلدى، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش»، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى، يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلار ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ پۈتكۈزۈلدى، ئېلېكتىر گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمى 102 مىليون 530 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، بەش يىلدا جەمئىي 36 مىليون 467 مىڭ كىلوۋات سائەت كۆپىيىپ، پاكىز ئېنېرگىيە نىسبىتى %41.7كە يەتتى؛ 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئېنېرگىيەگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى؛ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يولى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قۇمۇلدىن دۇنخۇاڭغىچە 750 كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش، يەندۇندىن شاجۇغىچە بولغان 750 كىلوۋولتلۇق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش، قۇمۇلدىن جېڭجۇغىچە بولغان 800 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش، شەرقىي جۇڭغاردىن جەنۇبىي ئەنخۇيغىچە بولغان 1100 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قاتارلىق سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان تۆت يول شەكىللەندۈرۈلۈپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 300 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 2020-يىلى 105 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى.
يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق بىر تۈركۈم رايون مەركىزىي شەھەرلىرىنىڭ قىياپىتى كۈندىن - كۈنگە يېڭىلاندى، كۇچا، باشئەگىم، قوشئۆگۈز، قورغاس، كۆكدالا، قۇرۇمقاش، ئېقىنتال قاتارلىق يېڭى شەھەرلەر قەد كۆتۈردى، شەھەر - بازارلارنىڭ ئۇنىۋېرسال سىغدۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدا دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ شەھەر ـ بازارلىشىش نىسبىتى 2015 - يىلىدىكى %47.23 تىن 2020 ـ يىلى %56.53 كە يېتىپ، 9.3 پىرسەنت پوئىنت ئۆستى. ھازىر قەشقەر شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، تېكەس ناھىيەسى، كۇچا شەھىرى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك 5 داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى ۋە شىخەنزە شەھىرىدىن ئىبارەت دۆلەت دەرىجىلىك 2 ئورمان شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ۋۇجىياچۈ شەھىرى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك 15 باغ ۋارانلاشقان شەھەر ۋە دۆلەت دەرىجىلىك 22 باغ ۋارانلاشقان ناھىيە بازىرى بار. 2020 ـ يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر--بازارلاردا سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى، يېقىلغۇ گازنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %99.14، %97.53، %98.64، %97.33 كە يەتتى. بەش يىلدا جەمئىي 1 مىليون 169 مىڭ 800 يۈرۈش يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 1 مىليون 293 مىڭ 600 يۈرۈش شەھەر - بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، 10 مىليونغا يېقىن ئامما يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» (1 – قارارلىق) قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، 605 مىڭ ئائىلە تاماملىنىپ، چەت، يىراق، قالاق يېزىلار زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلىندى. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلدى، يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %84.95 كە يەتتى، %87.15 مەمۇرىي كەنتتە تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىندى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى، تېببىي دورا، سەھىيە، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىدا پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچى سىجىل ئاشتى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاشقى ئىقتىسادىي ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. «بىر پورت»، «ئىككى رايون»، «بەش چوڭ مەركەز»، «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» نى تۇتقا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى، شىنجاڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە جەمئىي 4238 قېتىم قاتنىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2020 - يىلى 1105 قېتىمغا يەتتى. ھازىر دۆلەت 1 - دەرىجىلىك پورتتىن 20 سى بار، بۇ 17 چېگرا قۇرۇقلۇق پورتى، ئۈچ ئاۋىياتسىيە پورتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتى تۆمۈريول، تاشيول، باشقۇرۇش، يەتكۈزۈش بىر گەۋدىلەشكەن سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورت بار. ھازىر قەشقەر، قورغاس قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئۈرۈمچى، شىخەنزە، كورلا، كۇيتۇن - مايتاغ، شەرقىي جۇڭغار، گەنچۈەنباۋ، ۋۇجياچۈ، ئارال، كۇچا قاتارلىق توققۇز دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، غۇلجا، چۆچەك، بورتالا، جېمىنەي قاتارلىق تۆت چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، ئۈرۈمچى، ئالاتاۋ، قەشقەر، قورغاس قاتارلىق تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بار. 2012 - يىلى تاموژنا پېچىتى بىلەن توشۇش رەسمىي باشلانغان جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى دۆلىتىمىز باشقا دۆلەتلەر بىلەن قۇرغان تۇنجى خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى. 2020 - يىلى 12 - ئايدا، گوۋۇيۈەن شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى. 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 103 مىليارد 770 مىليون دوللارغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت سوممىسى 83 مىليارد 984 مىليون دوللار، ئىمپورت سوممىسى 19 مىليارد 786 مىليون دوللار بولدى. 2020 - يىلى، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 21 مىليارد 387 مىليون دوللار بولۇپ، 2015 – يىلىدىكىدىن %8.9 ئاشتى.
ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى. شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئەڭ قاتتىق ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى. 2020 ـ يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى %75.6 بولۇپ، 2015 - يىلىدىكىدىن 2.8 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى. دەريا - ئېقىن، كۆل - ئامبار، شەھەر - بازارلاردىكى مەركەزلىك ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنىڭ سۈپەتلىك سۇ سۈپىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %98.8، %74.2، %92.4 كە يېتىپ، 2014-يىلىدىكى (ئۆلچەملىك يىل) دىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 5.9، 11.7 ۋە 0.5 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىدى. گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، ئازوت ئوكسىدى، خىمىيەلىك ئوكسىگېن ئېھتىياج مىقدارى، ئاممىياكلىق ئازوتنى 2015 - يىلى (ئۆلچەملىك يىل) بىلەن سېلىشتۇرغاندا جەمئىي %8.1، %8.9، %4.7، %6.3 تۆۋەنلەپ، دۆلەت چۈشۈرگەن بۇلغىما ئازايتىش ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى. تۇپراق مۇھىتىنىڭ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، بەش يىلدا تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلغان يەر جەمئىي 4 مىليون 793 مىڭ 800 موغا، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇلغان يەر 21 مىليون 590 مىڭ موغا، قۇملىشىش تۈزەلگەن يەر 28 مىليون 375 مىڭ 600 موغا، سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۆلىمى 11 مىڭ 61 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى. تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا سىجىل ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلدى ۋە پۈتۈن ئېقىندىكى توغراق ئورمان رايونىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاندى، تېتىما كۆلىنىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىرلىق كۆل يۈزىدە زۇمرەتتەك دولقۇن قايتا نامايان بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن 15 ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن 13 ى، دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونىدىن 6 سى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونىدىن 18 ى، دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسىدىن 24 ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورمان باغچىسىدىن 33 ى بار، دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدىن 51 ى بار، سۇلۇق يەرنى قوغداش نىسبىتى %51.29 كە يەتتى، دۆلەت دەرىجىلىك گېئولوگىيە باغچىسىدىن 10 ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك گېئولوگىيە باغچىسىدىن ئۈچى، دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسىدىن 27 سى بار.
مۇتلەق نامراتلىق تارىخىي خاراكتېرلىك تۈگىتىلدى. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش» تا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش» پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 772 مىڭ 500 ئائىلە، 3 مىليون 64 مىڭ 900 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، جەمئىي 3666 نامرات كەنت، دۆلەت بېكىتكەن 32 نامرات ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2020 ـ يىلى 40 مىڭ 900 ئائىلە، 161 مىڭ 700 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 559 نامرات كەنت نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، دۆلەت بېكىتكەن 10 نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىش، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى ئۇدۇللۇق تۈگىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100 كە يەتتى. بەش يىلدا جەمئىي 1 مىليون 520 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ ۋە مۇستەھكەملەپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، بارلىق نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى بىخەتەر، خاتىرجەم سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى؛ 675 مىڭ 600 نامرات ئاھالىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەردە تۇرۇش تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلدى؛ بارلىق مەمۇرىي كەنتلەردە يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش، نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلارنى سېلىش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ توكىنى تۇتاشتۇرۇش، كەڭ بەلباغلىق تور تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى مىسلىسىز ياخشىلاندى.
خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتى سىجىل ئاشتى. تەرەققىياتنى «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش» تە چىڭ تۇرۇپ، مالىيە چىقىمىنىڭ %70 تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى. ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسى كۆپ يوللار بىلەن كېڭەيتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى. بەش يىلدا شەھەر - بازارلاردا 2 مىليون 348 مىڭ 600 ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەردىن 14 مىليون 333 مىڭ 200 ئادەم-قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %88 تىن يۇقىرى بولدى. مائارىپ ئىشلىرى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلدى، 2020 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر 12 مىڭ 780 گە، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 6 مىليون 497 مىڭغا، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر 521 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 416 مىڭ نەپەر بولدى. يەسلى مائارىپى بويىچە يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98.19 كە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95.69 كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98.87 كە، ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %50.37 كە يەتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يەسلىدىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە بولغان 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، يېزا ـ بازارلىق شىپاخانا ۋە كەنت داۋالاش ئۆيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ قۇرۇش نىسبىتى %100 كە يەتكۈزۈلدى، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنى ئۇزاقتىن بۇيان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى قاتارلىق زور يۇقۇملۇق كېسەل ۋە يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىنىپ ۋە ئۇنى داۋالاپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى بىردەك ياخشىلاندى. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 74.35 ياشقا يەتتى، ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى 2015 - يىلىدىكى 39.68/100000 دىن 17.89/100000 غا، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %21.45 تىن %6.75 كە، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %26.78 تىن %10.91 كە تۆۋەنلىدى. مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. ئاپتونوم رايون بويىچە 106 ئاممىۋى كۇتۇپخانا، 116 مەدەنىيەت يۇرتى، 1183 يېزا-بازار ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى، 11 مىڭ 297 كەنت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى بار. ھازىر 92 مۇزېي (بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك مۇزېي 2) بار، ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 450 مىڭ پارچە. ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 67 مىڭ 700 تەنتەربىيە مەيدانى بولۇپ، كۆلىمى 50 مىليون 585 مىڭ 700 كىۋادرات مېتىر، كىشى بېشىغا تەخمىنەن ئىككى كىۋادرات مېتىردىن توغرا كېلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىك «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەت مەركىزى»نىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %90 كە يەتتى. ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا 13 مىليون 127 مىڭ 800 كىشى، 3 مىليون 22 مىڭ 300 كىشى، 3 مىليون 490 مىڭ كىشىگە يەتتى. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا 20 مىليون 586 مىڭ كىشى قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر - بازار ئىشچى - خىزمەتچىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا 4 مىليون 832 مىڭ كىشى، شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا 15 مىليون 754 مىڭ كىشى قاتناشقان بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95 تىن يۇقىرى بولدى. ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنى تولۇق قاپلىدى، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسىدا شىنجاڭ نوپۇسىدىكىلەر، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار تولۇق قاپلاندى. شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدە كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى 1 مىليون 684 مىڭ كىشىگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەرلەردە 228 مىڭ كىشى، يېزىلاردا 1 مىليون 456 مىڭ كىشى بار. شەھەر، يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى ۋە ياردەم پۇل سەۋىيەسى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر، يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى ئېيىغا 500 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق ۋە يىلىغا 4100 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق ئۆلچىمىگە ئۆستۈرۈلدى. «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىش نىسبىتى ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىش نىسبىتى %100 كە يەتتى. بىخەتەرلىك ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقى سىجىل ئاشۇرۇلۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم، ياخشى بولدى. بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش، ئاجىزلار يار - يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى بەش مىللىي رايون ئاپتونومىيەلىك جاينىڭ بىرى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بۇيان، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىندى. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى، باشقۇرغۇچى ئىختىساسلىقلار ۋە تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىلىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ قوللىنىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل - يېزىق ئۆگىنىشى تەشەببۇس قىلىندى ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىلدى. ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقى ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى، ئىجتىمائىي ئاممىۋى ئىشلار قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلدى. شىنجاڭدا گېزىت، ژۇرنال، كىتاب، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە، شىبەچە ئالتە خىل تىل - يېزىقتا نەشر قىلىندى. «شىنجاڭ گېزىتى» خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە تۆت خىل يېزىقتا نەشر قىلىندى. شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە، قىرغىزچە بەش خىل تىلدا رادىئو پىروگراممىسى، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە تۆت خىل تىلدا تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى تارقىتىدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇھىم، زور بايراملىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاممىۋى دەم ئېلىش ۋاقتىغا ئايلاندى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەرجىمە قىلىندى ۋە نەشر قىلىندى، قىرغىزلارنىڭ تارىخىي داستانى «ماناس»، موڭغۇللارنىڭ تارىخىي داستانى «جاڭغىر» قاتارلىق كۆپ خىل ئەل ئىچى ئاغزاكى ئەدەبىي ئەسەرلەر رەتلەپ نەشر قىلىندى، شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، قىرغىزلارنىڭ تارىخىي داستانى «ماناس» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلدى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقات - تەربىيەسى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، 1982 - يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايون يەتتە قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى زور بىر تۈركۈم نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى تەقدىرلىدى؛ 1983 - يىلى ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 5 - ئاينى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسى ئېيى قىلىپ بېكىتىپ، ئۇدا 39 يىل قانات يايدۇردى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. ئۆزئارا گىرەلەشكەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى پائال بەرپا قىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلق بىللە ئولتۇراقلىشىدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىجتىمائىي شارائىت يارىتىلدى. ھەر يىلى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىن 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىردىن 10 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئەترىتى تەشكىللىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق يېزا ۋە مەھەللىلەرنى قاپلاپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى. مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، راۋاجلاندى، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلاندى.
شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، ھازىر ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى، پىراۋوسلاۋىيە دىنى قاتارلىق دىنلار بار، ھەر دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەر دىنىي تەشكىلاتلاردىن 118 ى بار. 1987 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوقۇش مۇددىتى بەش يىل بولغان دىنىي ئالىي بىلىم يۇرتى - شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى قۇرۇلدى، 2017 - يىلى قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئاقسۇ، تۇرپان، ئۈرۈمچى، سانجى، ئىلىدا سەككىز شۆبە مەكتەپ تەسىس قىلىندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون شىنجاڭنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى تۈزەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ئېھتىياجى ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دىنىي زاتلار، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا بولغان تەربىيە، باشقۇرۇش، مۇلازىمەتنى پۇختا قىلىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى. دىنىي كىلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشر قىلىپ تارقىتىش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، كۆپ خىل يېزىقتىكى ئىسلام دىنى كىلاسسىك كىتابلىرى ۋە بەزى بۇددا دىنى كىلاسسىك كىتابلىرى تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى خىل يېزىقتىكى «ۋەز - تەبلىغ توپلىمى» يۈرۈشلۈكى تۈزۈپ تارقىتىلىپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇلۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇشى، يامرىشى ئۈنۈملۈك توسۇلدى. دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي خادىملار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولى ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈلۈپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە مەدەت بېرىلدى.
شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى. 1997 - يىلىدىن باشلاپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە 14 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان مۇنەۋۋەر كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى زور تۈركۈمدە تاللاپ ئەۋەتىپ، كادىرلار ياردىمى ۋە پەن - تېخنىكا، مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت ياردىمى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. 2010 - يىلى 4 - ئايدا، مەركەز ئېلىمىزنىڭ شەرقىي، ئوتتۇرا قىسمىدىكى 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭدىكى 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 82 ناھىيە، شەھەر ۋە بىڭتۇەننىڭ 12 شىسىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى بېكىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىدى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە جەمئىي 76 مىليارد 677 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، 8540 تۈر يولغا قويۇلۇپ، %80 تىن ئارتۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى خەلق تۇرمۇشى ساھەسى ۋە ئاساسىي قاتلامغا سېلىنىپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى؛ جەمئىي 12 مىڭ 572 سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى كىرگۈزۈلۈپ، 2 تىرىليون 105 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. داۋالاش، مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرلىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرى ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن قىلىپ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» ئىشەنچىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
«14 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلغان تۇنجى بەش يىل، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق بەش يىل. ئاپتونوم رايون مىقياسىدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، شىنجاڭنى خەلقنى بېيىتىپ روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كاپالەت قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ باشلىنىش يىلى، «14 - بەش يىل» لىق يىرىك پىلاننىڭ باشلىنىش يىلى. 2021 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئاپتونوم رايون بويىچە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %5، %6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئاھالىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنى %3 ئەتراپىدا ساقلاش، شەھەر - بازاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئىچىدە كونترول قىلىش، بىرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ خورىشىنى %3 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. يۇقىرىقى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرىمىز؛ 1-كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 - كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 - كەسىپنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئون چوڭ كەسىپ» نى سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قاتناش - تىرانسپورت، زامانىۋى سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق تۆت چوڭ تىرەك سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمالنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «بىر پورت»«ئىككى رايون»، «بەش چوڭ مەركەز»«پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىز ئىچكى قۇرۇقلۇقىنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا، كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز؛ ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز. ئۈرۈمچى شەھەر چەمبىرىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىمالىي شىنجاڭ شەھەر بەلبېغى، جەنۇبىي شىنجاڭ شەھەر توپى بەرپا قىلىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» نى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمىز؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «14 - بەش يىل» نى ياخشى باشلاشقا، ياخشى قەدەم ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
( ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئۇچۇر، تەرجىمە ـ تەھرىرلىك باشقارمىسى تەرجىمە قىلىپ بېكىتتى)