ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بېيجىڭغا يېتىپ باردى

2020-05-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى



5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا يېتىپ باردى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىسۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىلى ياڭ، ياۋ تۇڭخەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن، ئۈمىد ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا يېتىپ باردى.

بېيجىڭغا مېڭىشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دەلىللەپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئەستايىدىل يېزىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى تەييارلىق قىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قەيسەر ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دائىملاشقان ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى مۇقەررەر ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. بۇ قېتىم ئۇ داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تېببىي ئىلىم ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش قاتارلىق داۋالاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپنى ئېلىپ كەلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىياز يېزا - بازارلىق مەدەنىيەت پونكىتلىرىنى قۇرۇش - كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەكلىپنى تەييارلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق كەڭ پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يېتەكلەپ، بېيىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ئورتاق ياخشى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن».

ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچانلىق روھى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمىز.